شەيتاننىڭ سۆيۈملۈك لەشكىرى
ئىمام مۇسلىم جابىر ئىبنى
ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «ئىبلىس تەختىنى سۇنىڭ ئۈستىگە
قويۇپ ئولتۇرۇپ، ئاندىن كىشىلەر ئارىسىغا
لەشكەرلىرىنى تارقىتىدۇ. لەشكەرلەرنىڭ ئىچىدىن قايسىسى ئەڭ چوڭ بۇزغۇنچىلىق قىلغان بولسا، ئۇ شەيتانغا ئەڭ يېقىن ھېسابلىنىدۇ. (ئۇ
لەشكەرلەردىن) بىرى كېلىپ ئىبلىسقا: مەن پالانچى مۇنداق -
مۇنداق دېمىگۈچە (يەنى ئېغىر گۇناھ سۆزلەرنى قىلمىغۇچە) ئۇنى قويۇۋەتمىدىم دېسە، ئىبلىس ( ئۇنىڭ قىلغان ئىشىنى كىچىك ساناپ)، ياق، الله بىلەن قەسەمكى، سەن
ھېچقانچە ئىش قىلالماپسەن،- دەيدۇ. لەشكەرلەرنىڭ ئىچىدىن بىرى كېلىپ (ئۇنىڭغا): مەن
پالانى بىلەن ئايالىنى بىر - بىرىدىن ئايرىۋەتمىگۈچە قويۇۋەتمىدىم،- دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن (ئىبلىس) ئۇنى ئۆزىنىڭ يېقىنلىرىدىن قىلىپ: سەن
كارامەت ياراملىق بىرىسەن،- دەيدۇ».
مەنبە: «ئىبنى كەسىر تەپسىرى»
ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى
* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.