قۇرئان كەرىمدىكى سۈرە ئىسىملىرىنىڭ مەنىلىرىنى بىلەمسىز؟

قۇرئاندىكى «مائىدە»، «ئەنكەبۇت» ... دېگەندەك سۈرىلەرنىڭ ئىسىملىرىنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز؟

قېرىنداشلارنىڭ قۇرئان كەرىمگە بولغان قىزىقىشىنىڭ تېخىمۇ ئېشىشى، قۇرئان مەزمۇنىغا تېخىمۇ تونۇشلۇق بولۇشى ئۈچۈن، تۆۋەندە قۇرئاندىكى سۈرە ئىسىملىرىنىڭ تەرجىمىسىنى تەييارلىدۇق، ـــ «ئۇيغۇر ئىسلام بىلوگى»دىن.

1. فاتىھە ـــ «ئېچىلىش»

2. بەقەرە ـــ «كالا»

3. ئال ئىمران ــ «ئىمراننىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى»

4. نىسا ــــ «ئاياللار»

5. مائىدە ـــ «داستىخان»

6. ئەنئام ـــ «مال – چارۋا؛ چاھارپاي»

7. ئەئراف ــ «ئېگىز جاي؛ توسما»

8. ئەنفال ــ «غەنىمەت»

9. تەۋبە

10. يۇنۇس (ئەلەيھىسسالام)

11. ھۇد (ئەلەيھىسسالام)

12. يۇسۇف (ئەلەيھىسسالام)

13. رەئىد ـــ «چاقماق»

14. ئىبراھىم (ئەلەيھىسسالام)

15. ھىجىر ـــ «تاشلىق ۋادا»

16. نەھل ـــ «ھەسەل ھەرىسى»

17. ئىسرا ـــ «كېچىلىك سەپەر»

18. كەھف ـــ «غار»

19. مەريەم (ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى)

20. تا ھا (سۈرىنىڭ بېشىدىكى ھەرپ)

21. ئەنبىيا ـــ «پەيغەمبەرلەر»

22. ھەج

23. مۇئمىنۇن

24. نۇر

25. فۇرقان ــ «ئۆلچەم؛ مىزان»

26. شۇئەرا ــ «شائىرلار»

27. نەمل ـــ «چۈمۈلە»

28. قەسەس ــ «قىسسە»

29. ئەنكەبۇت ــ «ئۆمۈچۈك»

30. رۇم (يەر نامى)

31. لوقمان (كىشى ئىسمى)

32. سەجدە

33. ئەھزاب ــ «بىرلەشمە قوشۇن»

34. سەبەئ (يەر نامى)

35. فاتىر ـــ «ياراتقۇچى»

36. يا سىن (سۈرىنىڭ بېشىدىكى ھەرپ)

37. سەففات ـــ «سەپ تۈزگۈچى»

38. ساد (سۈرىنىڭ بېشىدىكى ھەرپ)

39. زۇمەر ـــ «توپ؛ توپلاشقان كىشىلەر»

40. غافىر ـــ «ئەپۇ قىلغۇچى»

41. فۇسسىلەت ـــ «تەپسىلىي»

42. شۇرا ـــ «كېڭەش»

43. زۇخرۇف ــ «ئالتۇن زىبۇ – زىننەت»

44. دۇخان ـــ «تۈتۈن»

45. جاسىيە ـــ «تىزلىنىش»

46. ئەھقاف ـــ «بارخان» (قۇم دۆۋىسى)

47. مۇھەممەد (سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز ﷺ نىڭ ئىسمى)

48. فەتىھ ـــ «غەلىبە»

49. ھۇجۇرات ــ «ھۇجرىلار»

50. قاف (سۈرىنىڭ بېشىدىكى ھەرپ)

51. زارىيات ـــ «سۈپۈرۈپ تاشلىغۇچى بوران»

52. تۇر ـــ «تاغ»

53. نەجم ـــ «يۇلتۇز»

54. قەمەر ـــ «ئاي»

55. رەھمان ــ «ئەڭ شەپقەتلىك» (رەببىمىز ‏الله سبحانه وتعالى  نىڭ گۈزەل ئىسىم - سۈپەتلىرىدىن بىرى)

56. ۋاقىئە ــ «چوڭ ئىش؛ ۋەقە»

57. ھەدىد ــ «تۆمۈر»

58. مۇجادەلە ــ «جېدەللىشىش»

59. ھەشر ـــ «توپلاش»، «سۈرگۈن قىلىش»، «ھەيدەپ چىقىرىش» [مۇشۇ سۈرىنىڭ 2 – ئايىتىگە قارالسۇن].

60. مۇمتەھىنە ــ «سىنالغان ئايال»

61. سەپ

62. جۇمۇئە (جۈمە)

63. مۇنافىقۇن

64. تەغابۇن ـــ «ئۆزئارا ئالدىشىش»

65. تالاق

66. تەھرىم ـــ «چەكلىمە»

67. مۇلك ـــ «پادىشاھلىق»

68. قەلەم

69. ھەققا ـــ «ساقلانغىلى بولمايدىغان؛ چوقۇم يۈز بېرىدىغان»

70. «مەئارىج» ـــ «ئاسمان شوتىسى»

71. نۇھ (ئەلەيھىسسالام)

72. جىن

73. مۇزەممىل ـــ «يۆگىنىۋالغۇچى»

74. مۇدەسسىر ـــ «چۈمكىنىۋالغۇچى»

75. قىيامەت

76. ئىنسان

77. مۇرسەلات ـــ «ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەر»

78. نەبە ـــ «خەۋەر»

79. نازىئات ـــ «تارتقۇچىلار»

80. ئەبەسە ـــ «قوشۇما تۈرۈش»

81. تەكۋىر ـــ «تۈرۈش؛ قاتلاش»

82. ئىنفىتار ـــ «يېرىلىش»

83. مۇتەففىفىن ـــ «تارازىدا كەم بەرگۈچى»

84. ئىنشىقاق ـــ «يېرىلىش»

85. بۇرۇج (بۇرج)

86. تارىق ـــ «يورۇق يۇلتۇز»

87. ئەئلا ـــ «ھەممىدىن ئۈستۈن، ئالىي»

88. غاشىيە ـــ «ھەممىنى ئورىۋالغۇچى (قىيامەت)»

89. فەجىر ـــ «سۈبھى»

90. بەلەد ـــ «شەھەر»

91. شەمس ـــ «قۇياش»

92. لەيل ـــ «كېچە»

93. زۇھا ـــ «چاشگاھ ۋاقتى»

94. ئىنشىراھ ـــ «كېڭەيتىش»

95. تىن ـــ «ئەنجۈر»

96. ئەلەق ـــ «لەختە قان»

97. قەدىر

98. بەييىنە ـــ «روشەن دەلىل»

99. زەلزەلە ـــ «زىلزىلە، تەۋرەش»

100. ئادىيات ـــ «چېپىۋاتقان ئاتلار»

101. قارىئە ـــ «ئىشىكنى چەككۈچى (قىيامەت)»

102. تەكاسۇر ـــ «توپلاش؛ دۆۋىلەش»

103. ئەسىر ـــ «زامان، ۋاقىت»

104. ھۇمەزە ـــ «سۇخەنچى، گەپ توشۇغۇچى»

105. فىل (پىل)

106. قۇرەيش (رەسۇلۇللاھ ﷺ چىققان ئەرەب قەبىلىسىنىڭ نامى)

107. مائۇن ـــ «قولقا» (ئارىيەت بېرىدىغان ياكى ئالىدىغان تۈرلۈك ئۇششاق – چۈششەك تۇرمۇش بۇيۇملىرى)

108. كەۋسەر

109. كافىرۇن ـــ «كاپىرلار»

110. نەسر ـــ «ياردەم»

111. مەسەد ـــ «خورما تالاسى»

112. ئىخلاس

113. فەلەق ـــ «سۈبھى، تاڭ نۇرى»

114. ناس ـــ «ئىنسانلار، كىشىلەر»



* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟