قۇرئان كەرىمدىكى «يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا» «ئى ئىمان ئېيتقانلار!»دىن باشلانغان ئايەتلەر
«ئۇيغۇر ئىسلام بىلوگى» تەييارلىدى.
1.ئى ئىمان ئېيتقانلار! سەبىر
ۋە ناماز ئارقىلىق ياردەم تىلەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن سەبىر قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر
[سۈرە بەقەرە 153 - ئايەت].
2.ئى ئىمان ئېيتقانلار! بىز سىلەرنى
رىزىقلاندۇرغان ھالال نەرسىلەردىن يەڭلار، ئەگەر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار،
ئاللاھقا (يەنى ئاللاھنىڭ ھەددى ـ ھېسابسىز نېمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلىڭلار [سۈرە
بەقەرە 172- ئايەت].
3.ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئۆلتۈرۈلگەنلەر
ئۈچۈن قىساس ئېلىش سىلەرگە پەرز قىلىندى، ھۆر ئادەم ئۈچۈن ھۆر ئادەمدىن، قۇل ئۈچۈن
قۇلدىن، ئايال ئۈچۈن ئايالدىن قىساس ئېلىنىدۇ. قاتىل ئۈچۈن (دىنىي) قېرىندىشى تەرىپىدىن
بىرنەرسە كەچۈرۈم قىلىنسا (يەنى ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ئىگىسى قاتىلدىن دىيەت ئېلىشقا رازى
بولۇپ قىساس ئېلىشتىن ۋاز كەچسە، ئۇ، جىنايەتچىدىن دىيەتنى) چىرايلىقچە تەلەپ قىلىشى
لازىم، (جىنايەتچىمۇ دىيەتنى) ياخشىلىقچە (يەنى كېچىكتۈرمەستىن، كېمەيتىۋەتمەستىن تولۇق)
بېرىشى لازىم. بۇ (ھۆكۈم) رەببىڭلار تەرىپىدىن (سىلەرگە بېرىلگەن) يېنىكلىتىشتۇر ۋە
رەھمەتتۇر. شۇنىڭدىن كېيىن (يەنى دىيەتنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن)، چېكىدىن ئېشىپ كەتكەن
(يەنى قاتىلنى ئۆلتۈرگەن) ئادەم قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ [سۈرە بەقەرە 178-
ئايەت]
4.ئى ئىمان ئېيتقانلار! (ئاللاھتىن
قورقىدىغان) تەقۋادارلاردىن بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە (يەنى ئىلگىرىكى
ئۈممەتلەرگە) پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ رامىزان روزىسى پەرز قىلىندى [سۈرە
بەقەرە 183- ئايەت].
5.ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئىسلام
دىنىغا پۈتۈنلەي كىرىڭلار (يەنى ئسلام دىنىنىڭ پۈتۈن ئەھكاملىرىغا بويسۇنۇڭلار، بەزى
ئەھكاملىرىغا ئەمەل قىلىپ، بەزى ئەھكاملىرىنى تەرك ئەتمەڭلار)، شەيتاننىڭ يوللىرىغا
ئەگەشمەڭلار، شەيتان سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر [سۈرە بەقەرە 208- ئايەت].
6.ئى ئىمان ئېيتقانلار! سودا
ـ سېتىق، دوستلۇق ۋە (ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز) شاپائەت بولمايدىغان كۈنى (يەنى قىيامەت
كۈنى) يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، سىلەرگە بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن مال ـ مۈلۈكلەردىن (ياخشىلىق
يوللىرىغا) سەرپ قىلىڭلار. كۇفرانى نېمەت قىلغۇچىلار (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغۇچىلاردۇر
[سۈرە بەقەرە 254- ئايەت].
7.ئى
ئىمان ئېيتقانلار! پۇل ـ مېلىنى كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان، ئاللاھقا
ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرمەيدىغان كىشىگە ئوخشاش، بەرگەن سەدىقەڭلارنى مىننەت
قىلىش ۋە ئەزىيەت يەتكۈزۈش بىلەن بىكار قىلىۋەتمەڭلار. (پۇل ـ مېلىنى باشقىلارغا كۆرسىتىش
ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان) بۇنداق ئادەم خۇددى ئۈستىگە توپا ـ چاڭ قونۇپ قالغان، قاتتىق
يامغۇردىن كېيىن (يۇيۇلۇپ) بۇرۇنقىدەك بولۇپ قالغان سىلىق تاشقا ئوخشايدۇ. ئۇلار قىلغان
ئەمەللىرى ئۈچۈن (ئاخىرەتتە) ھېچقانداق ساۋابقا ئىگە بولالمايدۇ. ئاللاھ كاپىر قەۋمىنى
ھىدايەت قىلمايدۇ [سۈرە بەقەرە 264- ئايەت].
8.
ئى
ئىمان ئېيتقانلار! سىلەر ئېرىشكەن نەرسىلەرنىڭ ۋە بىز سىلەرگە زېمىندىن چىقىرىپ بەرگەن
نەرسىلەر (يەنى ئاشلىقلار، مېۋىلەر) نىڭ ياخشىلىرىدىن سەدىقە قىلىڭلار؛ ئۆزۈڭلارمۇ
پەقەت كۆزۈڭلارنى يۇمۇپ تۇرۇپ ئالىدىغان ناچارلىرىنى ئىلغاپ سەدىقە قىلماڭلار. بىلىڭلاركى،
ئاللاھ (ھەممىدىن) بىھاجەتتۇر، ھەمدىگە لايىقتۇر [سۈرە بەقەرە 267- ئايەت].
9.
ئى
ئىمان ئېيتقانلار! (ھەقىقي) مۇئمىن بولساڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، (كىشىلەرنىڭ زىممىسىدە)
قېلىپ قالغان جازانىنى (يەنى ئۆسۈمنى) ئالماڭلار [سۈرە بەقەرە 278 - ئايەت].
10.ئى
ئىمان ئېيتقانلار! مۇددەت بەلگىلەپ ئۆزئارا قەرز بېرىشسەڭلار، ئۇنى (ھۆججەت قىلىپ)
يېزىپ قويۇڭلار، ئاراڭلاردىكى خەت بىلىدىغان كىشى ئۇنى (كەم ـ زىيادە قىلماي) ئادىللىق
بىلەن يازسۇن، خەت بىلىدىغان كىشى (ئاللاھ ئۇنىڭغا بىلدۈرگەندەك توغرىلىق بىلەن يېزىشىنى)
رەت قىلمىسۇن، ئۇ يازسۇن، زىممىسىدە باشقىلارنىڭ ھەققى بولغان ئادەم (يازىدىغان كىشىگە)
ئېيتىپ بەرسۇن، (قەرزدار) رەببى ئاللاھتىن قورقسۇن، قەرز ئالغان نەرسىدىن ھېچنېمىنى
كېمەيتىۋەتمىسۇن، ئەگەر قەرز ئالغۇچى ئادەم ئەخمەق (ئەقىلسىز) ياكى ئاجىز (يەنى كىچىك
بالا ياكى بەكمۇ قېرى) بولسا، ياكى (گەپ قىلالماسلىقى، گاچىلىقى، كېكەچلىكى تۈپەيلىدىن)
ئۆزى ئېيتىپ بېرەلمىسە، ئۇنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى ئادەم ئادىللىق بىلەن ئېيتىپ بەرسۇن،
سىلەر ئەر كىشىڭلاردىن ئىككى كىشىنى گۇۋاھلىققا تەكلىپ قىلىڭلار؛ ئەگەر ئىككى ئەر كىشى
يوق بولسا، سىلەر (ئادالىتىگە، دىيانىتىگە) رازى بولىدىغان كىشىلەردىن بىر ئەر، ئىككى
ئايالنى گۇۋاھلىققا تەكلىپ قىلىڭلار، بۇ ئىككى ئايالنىڭ بىرسى ئۇنتۇپ قالسا، ئىككىنچىسى
ئېسىگە سالىدۇ. گۇۋاھچىلار (گۇۋاھلىققا) چاقىرىلغان ۋاقتىدا (گۇۋاھ بولۇشتىن) باش تارتمىسۇن.
قەرز مەيلى ئاز بولسۇن، مەيلى كۆپ بولسۇن، ئۇنى قايتۇرۇش ۋاقتى بىلەن قوشۇپ يېزىشتىن
ئېرىنمەڭلار. ئاللاھنىڭ نەزىرىدە بۇ ئەڭ ئادىللىق ۋە ئەڭ ئىسپاتلىقتۇر (يەنى گۇۋاھلىقنىڭ
ئۇنتۇلماسلىقىنى ئەڭ ئىسپاتلىغۇچىدۇر)، گۇمانلانماسلىقىڭلارغا ئەڭ يېقىندۇر. لېكىن
ئاراڭلاردا قىلىشقان قولمۇقول سودىدا ھۆججەت يازمىساڭلارمۇ ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئۆزئارا
سودا قىلىشقان ۋاقتىڭلاردا گۇۋاھچى تەكلىپ قىلىڭلار، پۈتۈكچىگىمۇ، گۇۋاھچىغىمۇ زىيان
يەتكۈزۈلمىسۇن؛ ئەگەر زىيان يەتكۈزسەڭلار گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولىسىلەر، ئاللاھتىن قورقۇڭلار،
ئاللاھ سىلەرگە ئۆگىتىدۇ (يەنى سىلەرگە ئىككىلا دۇنيادا پايدىلىق بولغان ئىلىمنى بېرىدۇ)،
ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر [سۈرە بەقەرە 282 - ئايەت].
11. ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئەگەر ئەھلى كىتابتىن بىر پىرقىگە ئىتائەت
قىلساڭلار، مۇئمىن بولغىنىڭلاردىن كېيىن، ئۇلار سىلەرنى كاپىر قىلىپ قويىدۇ [سۈرە
ئال ئىمران 100 - ئايەت].
12.ئى
ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھقا لايىق رەۋىشتە تەقۋادارلىق قىلىڭلار، پەقەت مۇسۇلمانلىق
ھالىتىڭلار بىلەنلا ئۆلۈڭلار [سۈرە ئال ئىمران 102 - ئايەت].
13.ئى
ئىمان ئېيتقانلار! ئۆزۈڭلاردىن بولمىغانلارنى (يەنى مۇناپىقلارنى، كاپىرلارنى) سىرداش
قىلىۋالماڭلار، ئۇلار سىلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتا بوشاڭلىق قىلىپ قالمايدۇ. ئۇلار
سىلەرنىڭ مۇشەققەتتە قېلىشىڭلارنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىكى ئېغىزلىرىدىن
مەلۇم بولۇپ تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ دىللىرىدا يوشۇرغان دۈشمەنلىكى تېخىمۇ چوڭدۇر. شۈبھىسىزكى،
ئەگەر چۈشىنىدىغان بولساڭلار، سىلەرگە نۇرغۇن ئايەتلەرنى بايان قىلدۇق [سۈرە ئال
ئىمران 118 - ئايەت].
14.ئى
ئىمان ئېيتقانلار! جازانىنى قاتمۇقات ئاشۇرۇپ يېمەڭلار (سۈرە بەقەرە 275 – ئايەتتە
كەلگەن ئومۇمىي ھۆكۈم بويىچە، جازانىنىڭ كۆپىمۇ – ئېزىمۇ مۇتلەق ھارام)، مەقسىتىڭلارغا
ئېرىشىش ئۈچۈن ئاللاھتىن (ئۇ چەكلىگەن ئىشلارنى تەرك ئېتىپ) قورقۇڭلار [سۈرە ئال
ئىمران 130 - ئايەت].
15.ئى
ئىمان ئېيتقانلار! ئەگەر سىلەر كاپىرلارغا ئىتائەت قىلساڭلار، ئۇلار سىلەرنى ئارقاڭلارغا
(يەنى كۇفرىغا) ياندۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن زىيان تارتىپ قالىسىلەر [سۈرە ئال ئىمران
149 - ئايەت].
16.ئى
ئىمان ئېيتقانلار! سەپەرگە چىققان ياكى غازاتقا چىققان قېرىنداشلىرى ھەققىدە «ئۇلار
يېنىمىزدا بولغاندا ئۆلمەيتتى ۋە ئۆلتۈرۈلمەيتتى» دېگەن كاپىرلارغا ئوخشاش بولماڭلار،
ئاللاھ بۇنى ئۇلارنىڭ دىللىرىدا ھەسرەت قىلسۇن. ئاللاھ تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ (ئۇلارنىڭ
غازاتقا چىقماسلىقى ئۇلارنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرالمايدۇ). ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ
تۇرغۇچىدۇر [سۈرە ئال ئىمران 156 - ئايەت].
17. ئى
ئىمان ئېيتقانلار! تائەت ـ ئىبادەتنىڭ مۇشەققەتلىرىگە ۋە سىلەرگە يەتكەن ئېغىرچىلىقلارغا
سەبىر قىلىڭلار، دۈشمەنلەرگە زىيادە چىداملىق بولۇڭلار، (چېگرالىرىڭلارنى ساقلاپ) جىھادقا
تەييار تۇرۇڭلار، مەقسىتىڭلارغا يېتىش ئۈچۈن ئاللاھتىن قورقۇڭلار (يەنى ئۇنىڭ ئەمرىگە
مۇخالىپەتچىلىك قىلماڭلار) [سۈرە ئال ئىمران 200 - ئايەت].
18.ئى
ئىمان ئېيتقانلار! ئاياللارغا زورلۇق قىلىپ، ئۇلارنى مىراس قىلىپ ئېلىش (يەنى بىر ئادەمنىڭ
قولىدىن يەنە بىر ئادەمنىڭ قولىغا ئۆتۈپ تۇرىدىغان مال ئورنىدا قىلىۋېلىش) سىلەرگە
دۇرۇس بولمايدۇ؛ ئۇلار ئوپئوچۇق بىر پاھىشە ئىشىنى قىلمىغان ھالەتتە، ئۇلارغا بەرگەن
مەھرىدىن بىر قىسمىنى يۇلۇۋېلىش ئۈچۈن، ئۇلارغا بېسىم ئىشلەتمەڭلار، ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە
تىرىكچىلىك قىلىڭلار، ئەگەر ئۇلارنى ياقتۇرمىساڭلار، سىلەر ياقتۇرمايدىغان بىر ئىشتا
ئاللاھ كۆپ ياخشىلىقلارنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن [سۈرە نىسا 19 - ئايەت].
19.ئى
ئىمان ئېيتقانلار! بىر ـ بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى ناھەق يول بىلەن يەۋالماڭلار، ئىككى
تەرەپ رازى بولۇشۇپ قىلىشقان سودا ـ سېتىق ئارقىلىق ئېرىشىلگەن نەرسە بۇنىڭدىن مۇستەسنا.
سىلەر ئۆزۈڭلارنى (يەنى بىر ـ بىرىڭلارنى) ئۆلتۈرمەڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە
ناھايىتى مېھرىباندۇر [سۈرە نىسا 29 - ئايەت].
20.ئى
ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە ۋە ئۆزۈڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە
ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر سىلەر بىر شەيئىدە ئىختىلاپ قىلىشىپ قالساڭلار، بۇ توغرىدا
ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە مۇراجىئەت قىلىڭلار، بۇ (يەنى ئاللاھنىڭ كىتابىغا ۋە پەيغەمبىرىنىڭ
سۈننىتىگە مۇراجىئەت قىلىش) سىلەر ئۈچۈن پايدىلىقتۇر، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن گۈزەلدۇر
[سۈرە نىسا 59 - ئايەت].
21.
ئى
ئىمان ئېيتقانلار! (دۈشمەنلەرنىڭ شەررىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن) تەييارلىق ھالىتىدە تۇرۇڭلار،
ئۇرۇشقا تۈركۈم ـ تۈركۈم بولۇپ ياكى ھەممىڭلار بىر بولۇپ چىقىڭلار [سۈرە نىسا 71 -
ئايەت].
22.ئى
ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھ يولىغا (يەنى غازاتقا) ئاتلانغان ۋاقتىڭلاردا ھەقىقەتلەپ
ئىش قىلىڭلار (يەنى مۇئمىن ياكى كاپىرلىقى ئېنىق بولغۇچە ئۆلتۈرۈشكە ئالدىراپ كەتمەڭلار)،
سىلەرگە مۇسۇلمان بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ سالام بەرگەن ئادەمگە ـ دۇنيانىڭ مال ـ مۈلكىنى
(يەنى غەنىيمەتنى) كۆزلەپ ـ سەن مۇئمىن ئەمەسسەن دېمەڭلار (يەنى ئۆلۈشتىن قورقۇپ سالام
بەردىڭ دەپ ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتمەڭلار)، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا (مۇنداقلارنى ئۆلتۈرۈشتىن
سىلەرنى بىھاجەت قىلىدىغان) نۇرغۇن غەنىيمەتلەر (يەنى ساۋاب) بار، ئىلگىرى سىلەرمۇ
ئەنە شۇنداق (كاپىر) ئىدىڭلار، كېيىن ئاللاھ سىلەرگە (ئىماننى) ئىلتىپات قىلدى، (ئۇلارنى
ئۆزۈڭلارغا سېلىشتۇرۇپ) ھەقىقەتلەپ ئىش قىلىڭلار. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر
[سۈرە نىسا 94 - ئايەت].
23. ئى
ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھ ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىشتە، ئۆزۈڭلارنىڭ ياكى ئاتا ـ ئاناڭلارنىڭ
ياكى تۇغقانلىرىڭلارنىڭ زىيىنىغا (گۇۋاھلىق بېرىشكە) توغرا كەلگەن تەقدىردىمۇ، ئادالەتنى
بەرپا قىلىڭلار، (گۇۋاھلىق بېرىلگۈچى) باي بولسا (ئۇنىڭغا ئېغىپ كەتمەستىن)، ياكى پېقىر
بولسا (ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتماستىن) ھامان ئادىل گۇۋاھ بولۇڭلار، ئاللاھ سىلەردىن ئۇلارغا
يېقىندۇر (يەنى ئۇلارنىڭ مەنپەئىتىنىڭ نېمىدە بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ)، نەپسى
خاھىشىڭلارغا ئەگىشىپ (ھەقىقەتتىن) بۇرۇلۇپ كەتمەڭلار. ئەگەر تىلىڭلارنى تولغىساڭلار
(يەنى گۇۋاھلىقتا پاكىتنى بۇرمىلىساڭلار)، ياكى گۇۋاھلىقتىن باش تارتساڭلار، مۇنداقتا
ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرغۇچىدۇر [سۈرە نىسا
135 - ئايەت].
24. ئى
ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە ئاللاھ ئۇنىڭغا نازىل قىلغان
كىتابقا (يەنى قۇرئانغا) ۋە ئىلگىرى ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابلارغا (يەنى قۇرئاندىن
ئىلگىرى نازىل قىلىنغان ساماۋى كىتابلارغا) ئىمان كەلتۈرۈڭلار. كىمكى ئاللاھنى، ئاللاھنىڭ
پەرىشتىلىرىنى، كىتابلىرىنى، پەيغەمبەرلىرىنى ۋە ئاخىرەت كۈنىنى ئىنكار قىلىدىكەن،
ئۇ قاتتىق ئازغان بولىدۇ [سۈرە نىسا 136 - ئايەت].
25. ئى
ئىمان ئېيتقانلار! مۇئمىنلەرنى قويۇپ، كاپىرلارنى دوست تۇتماڭلار، سىلەرنىڭ زىيىنىڭلارغا
(يەنى مۇناپىق ئىكەنلىكىڭلارغا) ئاللاھنىڭ روشەن پاكىتى بولۇشىنى خالامسىلەر؟ [سۈرە
نىسا 144 - ئايەت].
26. ئى
ئىمان ئېيتقانلار! ئەھدىلەرگە (يەنى ئاللاھ بىلەن ئۆزەڭلارنىڭ ئارىسىدىكى ۋە سىلەرنىڭ
ئۆزئاراڭلاردىكى ئەھدىلەرگە) ۋاپا قىلىڭلار. سىلەرگە (تۆۋەندە) ئوقۇپ بېرىلىدىغانلاردىن
باشقا، ھايۋانلار (يەنى تۆگە، كالا، قويلار) نىڭ ھەممىسى ھالال قىلىندى. لېكىن سىلەر
ئىھرامدا بولغىنىڭلاردا ئوۋ ئوۋلاشنى ھالال سانىماڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ
خالىغان نەرسىنى ھۆكۈم قىلىدۇ [سۈرە مائىدە 1 - ئايەت].
27.ئى
ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ئالامەتلىرىنى (تەرك ئېتىشنى)، ھارام ئايلار
(دا ئۇرۇش قىلىش) نى، ھەدىيىنى (يەنى كەبىگە ئاتالغان قۇربانلىققا دەخلى ـ تەرۇز قىلىشنى)،
قەلادە (يەنى ھەجدە قۇربانلىق قىلىنىدىغان مال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ھايۋانغا
ئېسىپ قويۇلغان نەرسىلەر (گە چېقىلىش)نى، رەببىنىڭ پەزلىنى ۋە رازىلىقىنى تىلەپ بەيتۇللاھقا
(ھەج ئۈچۈن ياكى ئۆمرە ئۈچۈن) كەلگۈچىلەر (گە چېقىلىش)نى ھالال سانىماڭلار، ئىھرامدىن
چىققان چېغىڭلاردا ئوۋ ئوۋلىساڭلار بولىدۇ، بىرەر قەۋمنىڭ سىلەرنى مەسجىدى ھەرەم (زىيارىتى)
دىن توسقانلىقتىن ئىبارەت دۈشمەنلىكى ھەرگىزمۇ سىلەرنىڭ ئۇلارغا چېقىلىشىڭلارغا سەۋەبچى
بولمىسۇن، ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار،
ئاللاھ (نىڭ ئازابى) دىن قورقۇڭلار، ئاللاھ نىڭ ئازابى ھەقىقەتەن قاتتىق [سۈرە
مائىدە 2 - ئايەت].
28.ئى
ئىمان ئېيتقانلار! سىلەر ناماز ئوقۇش ئۈچۈن تۇرغىنىڭلاردا، يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار، قولۇڭلارنى
جەينىكىڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، بېشىڭلارغا مەسھى قىلىڭلار، پۇتۇڭلارنى ئوشۇقۇڭلار
بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، ئەگەر جۇنۇپ بولساڭلار پاكلىنىڭلار (يەنى غۇسلى قىلىڭلار). ئەگەر
كېسەل بولساڭلار (ۋە شۇ سەۋەبلىك سۇ زىيان قىلىدىغان بولسا)، ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ
(سۇ تاپالمىساڭلار)، ياكى سىلەرنىڭ بىرسىڭلار ھاجەتخانىدىن كەلگەن (يەنى تاھارەت سۇندۇرغان)
بولساڭلار، ياكى ئاياللىرىڭلار بىلەن يېقىنچىلىق قىلغاندىن كېيىن (غۇسلى تاھارەت ئۈچۈن)
سۇ تاپالمىساڭلار، پاك تۇپراقتا تەيەممۇم قىلىڭلار، ئۇنىڭ بىلەن يۈزۈڭلارغا، قولۇڭلارغا
مەسھى قىلىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە مۇشەققەتنى خالىمايدۇ، لېكىن ئاللاھ شۈكۈر قىلىشىڭلار
ئۈچۈن سىلەرنى پاكلاشنى، سىلەرگە نېمىتىنى تاماملاشنى خالايدۇ [6]. (ئى ئىمان
ئېيتقانلار!) ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن (ئۇلۇغ) نېمىتىنى ۋە سىلەر بىلەن قىلغان مۇئاھىدىسىنى
ئەسلەڭلار، ئەينى زاماندا سىلەر: «ئاڭلىدۇق ۋە ئىتائەت قىلدۇق» دېگەن ئىدىڭلار. ئاللاھتىن
قورقۇڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن دىللاردىكى سىرلارنى بىلگۈچىدۇر [7] [سۈرە مائىدە].
29.ئى
ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھ ئۈچۈن ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇڭلار ۋە ئادىللىق بىلەن
گۇۋاھلىق بېرىڭلار. بىرەر قەۋمگە بولغان ئۆچمەنلىكىڭلار (ئۇلارغا) ئادىل بولماسلىقىڭلارغا
سەۋەب بولمىسۇن، ئادىل بولۇڭلار، بۇ تەقۋادارلىققا
ئەڭ يېقىندۇر. ئاللاھتىن قورقۇڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر
[سۈرە مائىدە 8 - ئايەت].
30.ئى
ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ئەسلەڭلار، ئەينى زاماندا بىر
جامائە سىلەرگە قوللىرىنى ئۇزاتماقچى بولغان
ئىدى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قوللىرىنى سىلەردىن توستى. ئاللاھتىن قورقۇڭلار، مۇئمىنلەر ئاللاھقا
تەۋەككۈل قىلسۇن [سۈرە مائىدە 11 - ئايەت].
31.ئى
ئىمان ئېيتقانلار! مەقسەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھقا (تائەت
ـ ئىبادەت قىلىش، گۇناھتىن ساقلىنىش بىلەن) يېقىنچىلىقنى تىلەڭلار، ئاللاھ يولىدا جىھاد
قىلىڭلار [سۈرە مائىدە 35 - ئايەت].
32.ئى
ئىمان ئېيتقانلار! يەھۇدىي ۋە ناسارالارنى دوست تۇتماڭلار. ئۇلار بىر ـ بىرىنىڭ دوستلىرىدۇر.
سىلەردىن كىمكى ئۇلارنى دوست تۇتىدىكەن، ئۇمۇ ئەنە شۇلاردىن سانىلىدۇ، ھەقىقەتەن ئاللاھ
زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ [سۈرە مائىدە 51 - ئايەت].
33.ئى
ئىمان ئېيتقانلار! سىلەردىن كىمكى مۇرتەد بولىدىكەن، ئاللاھ (ئۇنىڭ ئورنىغا) ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان، ئۇلارمۇ ئاللاھنى
ياخشى كۆرىدىغان، مۇئمىنلەرگە كۆيۈنىدىغان، كاپىرلارغا شەپقەتسىز، ئاللاھنىڭ يولىدا
جىھاد قىلىدىغان ۋە مالامەت قىلغۇچىنىڭ مالامىتىدىن قورقمايدىغان بىر قەۋمنى كەلتۈرىدۇ.
بۇ (يەنى يۇقىرىدىكى سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىنىش) ئاللاھنىڭ پەزلىدۇركى، ئاللاھ
ئۇنى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ، ئاللاھ(نىڭ پەزلى) كەڭدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر [سۈرە
مائىدە 54 - ئايەت].
34. ئى
ئىمان ئېيتقانلار! سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار)
دىن دىنىڭلارنى مەسخىرە ۋە ئويۇنچۇق قىلغانلارنى ۋە كاپىرلارنى دوست تۇتماڭلار. ئەگەر
مۇئمىن بولساڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار [سۈرە مائىدە 57 - ئايەت].
35. ئى
ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھ سىلەرگە ھالال قىلغان پاك نەرسىلەرنى ھارام قىلماڭلار، (ئاللاھ
بەلگىلەپ بەرگەن) چەكتىن ئاشماڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن چەكتىن ئاشقۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ
[سۈرە مائىدە 87 - ئايەت].
36. ئى
ئىمان ئېيتقانلار! ھاراق، قىمار، (چوقۇنۇش ئۈچۈن) تىكلەنگەن تاشلار، پال ئوقلىرى شەيتاننىڭ
ئىشلىرىدىن بولغان پاسكىنا نەرسىلەردۇر، بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن بۇلاردىن يىراق
بولۇڭلار [سۈرە مائىدە 90 - ئايەت].
37.ئى
ئىمان ئېيتقانلار! كۆرمەي تۇرۇپ ئاللاھتىن قورقىدىغانلارنى بىلىش ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرنى
قولۇڭلار ۋە نەيزەڭلار بىلەن ئوۋلىنىدىغان بىر ئاز ئوۋ بىلەن چوقۇم سىنايدۇ، كىمكى
بۇنىڭدىن كېيىن ھەددىدىن ئاشسا (يەنى ئىھراملىق تۇرۇپ ئوۋ ئوۋلىسا)، ئۇ قىينىغۇچى ئازابقا
دۇچار بولىدۇ [سۈرە مائىدە 94 - ئايەت].
38. ئى
ئىمان ئېيتقانلار! سىلەر ئىھراملىق تۇرۇپ ئوۋنى ئۆلتۈرمەڭلار. سىلەردىن كىمكى ئۇنى
قەستەن ئۆلتۈرىدىكەن، ئىشنىڭ ۋابالىنى تېتىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ جازاسى ئاراڭلاردىن ئىككى
ئادىل كىشىنىڭ باھالىشى بويىچە ھېلىقى ئۆلتۈرۈلگەن ئوۋغا ئوخشاش ئۆي ھايۋانلىرىدىن
بىرنى كەبىگە ئېلىپ بېرىپ قۇربانلىق قىلىشتۇر ياكى كەففارەت بېرىش يۈزىسىدىن مىسكىنلەرگە
ئاش بېرىشتۇر ياكى شۇنىڭ باراۋىرىگە روزا تۇتۇشتۇر. ئۆتكەنكى گۇناھنى (يەنى بۇ ئايەت
چۈشۈشتىن بۇرۇن ئىھراملىق تۇرۇپ ئوۋ ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ گۇناھىنى) ئاللاھ ئەپۇ قىلدى،
ئەمما كىم قايتسا (يەنى قايتىدىن ئوۋ ئۆلتۈرسە)، ئاللاھ ئۇنىڭدىن ئىنتىقام ئالىدۇ،
ئاللاھ مۇتلەق غالىبتۇر، ئىنتىقام ساھىبىدۇر [سۈرە مائىدە 95 - ئايەت].
39.ئى
ئىمان ئېيتقانلار! ئەگەر سىلەرگە ئاشكارا قىلىنسا سىلەرنى بىئارام قىلىپ قويىدىغان
نەرسىلەر توغرۇلۇق (پەيغەمبەردىن) سورىماڭلار. ئەگەر قۇرئان نازىل قىلىنىۋاتقان چاغدا
ئۇلار توغرۇلۇق سورىساڭلار، سىلەرگە بىلدۈرۈلىدۇ، ئۆتكەندە سورىغانلىرىڭلارنى ئاللاھ
ئەپۇ قىلدى. ئاللاھ ناھايىتى مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر، ھەلىمدۇر (يەنى ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى
جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ) [سۈرە مائىدە 101 - ئايەت].
40.ئى
ئىمان ئېيتقانلار! سىلەر (ئاللاھقا كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە تەقۋادارلىق قىلىش ئارقىلىق)
ئۆزۈڭلارغا ياخشى قاراڭلار. سىلەر قاچانكى توغرا يولدا بولساڭلار، باشقىلارنىڭ ئاداشقىنى
سىلەرگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. سىلەر ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، ئاللاھ
قىلغان ئەمەلىڭلارنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ [سۈرە مائىدە 105 - ئايەت].
41.ئى
ئىمان ئېيتقانلار! ئاراڭلاردىن بىركىم ئۆلىدىغان چېغىدا ۋەسىيەت قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭغا
ئىچىڭلاردىن ئىككى ئادىل كىشى گۇۋاھ بولسۇن، ياكى (ئۆز دىنىڭلاردىكىلەردىن گۇۋاھ بولىدىغان
ئىككى كىشى تېپىلمىسا) سىلەردىن باشقىلاردىن ئىككى كىشى گۇۋاھ بولسۇن، ئەگەر سىلەر
يەر يۈزىدە سەپەردە بولۇپ، بېشىڭلارغا ئۆلۈم دەھشىتى كەلسە، سىلەر (بۇ ئىككى گۇۋاھچىنىڭ
راستچىللىقىدىن) گۇمانلانساڭلار، نامازدىن كېيىن ئۇلارنى ئېلىپ قېلىڭلار، ئۇلار: «بىز
يېقىن تۇغقانلىرىمىز بولغان تەقدىردىمۇ قەسىمىمىزنى ھېچ نەرسىگە ساتمايمىز. بىز ئاللاھنىڭ
گۇۋاھلىقىنى يوشۇرمايمىز. ئەگەر ئۇنى يوشۇرساق، بىز ئەلۋەتتە گۇناھكارلادىن بولىمىز»
دەپ ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلسۇن [106]. ئەگەر ئۇ ئىككى گۇۋاھچىنىڭ (يالغان گۇۋاھلىق
بەرگەنلىك ياكى مىراسقا خىيانەت قىلغانلىقتەك) گۇناھى بىلىنسە، ئۇلارنىڭ ئورنىغا مىراس
ئېلىشقا ئەڭ ھەقلىق بولغان ۋارسلاردىن ئىككى كىشى گۇۋاھ بولۇپ: «بىزنىڭ گۇۋاھلىقىمىز
ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقىدىن توغرىدۇر، بىز شەرىئەتتىن چىقىپ كەتمىدۇق، بولمىسا
بىز چوقۇم زالىملاردىن بولىمىز» دەپ ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلسۇن [107]. بۇ ئەڭ
توغرا تەرزدە گۇۋاھلىق بېرىشكە، (گۇۋاھچىلارنى) قىلغان قەسىمىنى رەت قىلىشتىن (يەنى
ئۇلاردىن كېيىن باشقىلار قەسەم قىلىشى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ رەسۋا بولۇشىدىن) قورقىدىغان
قىلىشقا ئەڭ يېقىن (ئۇسۇل) دۇر. ئاللاھتىن قورقۇڭلار، (ئاللاھنىڭ ئەمرىنى) ئاڭلاڭلار.
ئاللاھ پاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ [108]. [سۈرە مائىدە].
42.ئى
ئىمان ئېيتقانلار! كاپىرلارنىڭ ھۇجۇمىغا دۇچ كەلگەن چېغىڭلاردا، ئۇلارغا ئارقاڭلارنى
قىلماڭلار (يەنى قاچماڭلار) [15]. كىمكى ئورنىنى ئۆزگەرتىپ قايتا ئۇرۇشۇش ياكى مۇسۇلمانلار
جامائەسىگە قوشۇلۇش مەقسىتىدە بىر تەرەپكە يۆتكىلىش قىلماستىن، دۈشمەنگە ئارقىسىنى
قىلىدىكەن (يەنى قاچىدىكەن)، ئۇ ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدۇ، ئۇنىڭ جايى
دوزاخ بولىدۇ. دوزاخ نېمىدېگەن يامان جاي! [16] [سۈرە ئەنفال].
43.ئى
ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، سىلەر (قۇرئاننى)
ئاڭلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈمەڭلار [سۈرە ئەنفال 20 - ئايەت].
44.ئى
ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى سىلەرنى تىرىلدۈرىدىغان (يەنى ئەبەدىي
ھاياتقا ئېرىشتۈرىدىغان) ئىمانغا دەۋەت قىلسا، ئۇنى قوبۇل قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ
كىشى بىلەن ئۇنىڭ قەلبى ئارىسىدا توسالغۇ بولالايدۇ (يەنى كىشىنىڭ دىلىنى شۇ ئادەمنىڭ
خاھىشى بويىچە ئەمەس، بەلكى ئۆز خاھىشى بويىچە تەسەررۇپ قىلىدۇ). (قىيامەت كۈنى) سىلەر
ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا يىغىلىسىلەر [سۈرە ئەنفال 24 – ئايەت].
45.ئى
ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە خىيانەت قىلماڭلار، سىلەرگە قويۇلغان ئامانەتلەرگە
بىلىپ تۇرۇپ خىيانەت قىلماڭلار [سۈرە ئەنفال 27 – ئايەت]].
46.ئى
ئىمان ئېيتقانلار! ئەگەر ئاللاھتىن قورقساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىيدىغان
ھىدايەت ئاتا قىلىدۇ، گۇناھىڭلارنى كەچۈرىدۇ، سىلەرگە مەغفىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ كاتتا
پەزل ئىگىسىدۇر [سۈرە ئەنفال 29 – ئايەت].
47.ئى
ئىمان ئېيتقانلار! بىر جامائەگە (يەنى دۈشمەن قوشۇنىغا) ئۇچراشقان چېغىڭلاردا ساباتلىق
كۆرسىتىڭلار، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھنى كۆپ ياد ئېتىڭلار [45]. (پۈتۈن
سۆز ھەرىكەتلىرىڭلاردا) ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئىختىلاپ
قىلىشماڭلار، بولمىسا قورقۇپ قالىسىلەر، كۈچ ـ قۇۋۋىتىڭلار كېتىپ قالىدۇ؛ سەبىر قىلىڭلار،
ئاللاھ ھەقىقەتەن سەبىر قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر [46]. يۇرتلىرىدىن چوڭچىلىق ۋە رىيا
بىلەن چىققان كىشىلەر (يەنى قۇرەيش مۇشرىكلىرى) گە ئوخشاش بولماڭلار، ئۇلار (كىشىلەرنى)
ئاللاھنىڭ يولىدىن توسىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى بىلگۈچىدۇر [47].[سۈرە
ئەنفال].
48.ئى
ئىمان ئېيتقانلار! ئەگەر ئاتىلىرىڭلار، قېرىندىشىڭلار ئىماندىن كۇفرىنى ئارتۇق كۆرسە
(كۇفرىدا مەھكەم تۇرسا)، ئۇلارنى دوست تۇتماڭلار. ئىچىڭلاردىن كىملەركى، ئۇلارنى دوست
تۇتىدىكەن، ئۇلار زالىملاردۇر (يەنى ئۇلارغا ئوخشاش مۇشرىكتۇر، چۈنكى مۇشرىكلىككە رازى
بولغان ئادەممۇ مۇشرىك ھېسابلىنىدۇ) [سۈرە تەۋبە 23 – ئايەت].
49.ئى
ئىمان ئېيتقانلار! مۇشرىكلار (ئاللاھنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن) پەقەت نىجىستۇر،
مۇشۇ يىلدىن (يەنى ھىجرىيىنىڭ 9 ـ يىلىدىن) كېيىن ئۇلار مەسجىدى ھەرەمگە يېقىنلاشمىسۇن
(يەنى ھەج قىلمىسۇن، ئۆمرە قىلمىسۇن). ئەگەر سىلەر (ئى ئىمان ئېيتقانلار! مۇشرىكلارنىڭ
ھەرەمگە كىرىشتىن مەنئى قىلىنىشى بىلەن) پېقىرلىقتىن قورقساڭلار، ئاللاھ خالىسا ئۆز
پەزلى بىلەن سىلەرنى باي قىلىدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ (سىلەرگە پايدىلىق ئىشلارنى) بىلگۈچىدۇر،
ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر [سۈرە تەۋبە 28 – ئايەت].
50.ئى
ئىمان ئېيتقانلار! ھىبرىلەر ۋە راھىبلەردىن (يەھۇدىي ۋە ناسارا ئۆلىمالىرىدىن) نۇرغۇنلىرى
كىشىلەرنىڭ پۇل ـ ماللىرىنى ھەقىقەتەن ھارام يەيدۇ، (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ دىنىغا كىرىشتىن
توسىدۇ، ئالتۇن ـ كۈمۈش يىغىپ، ئۇنى ئاللاھنىڭ يولىدا سەرپ قىلمايدىغانلارغا (دوزاختا
بولىدىغان) قاتتىق ئازاب بىلەن بېشارەت بەرگىن [سۈرە تەۋبە 34 - ئايەت].
51.ئى
ئىمان ئېيتقانلار! سىلەرگە ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىشقا چىقىڭلار دېيىلسە، نېمىشقا
يۇرتۇڭلاردىن ئايرىلغىڭلار كەلمەيدۇ؟ دۇنيا ھاياتىنى ئاخىرەتتىكى (بەخت) بىلەن تېگىشىشكە
رازى بولدۇڭلارمۇ؟ دۇنيا ھاياتىدىن بەھرىمەن بولۇش ئاخىرەتنىڭ نېمەتلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا،
ئەرزىمەس نەرسىدۇر [38]. ئەگەر سىلەر جىھادقا چىقمىساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە قاتتىق ئازاب
قىلىدۇ. (سىلەرنى ھالاك قىلىپ) ئورنۇڭلارغا سىلەردىن باشقا قەۋمنى كەلتۈرىدۇ، سىلەر
ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر [39]. ئەگەر سىلەر ئاللاھنىڭ
پەيغەمبىرىگە ياردەم قىلمىساڭلار (ئاللاھ ياردەم
قىلىدۇ)، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇنىڭغا ياردەم قىلغان ئىدى. ئۆز ۋاقتىدا كاپىرلار ئۇنى
(مەككىدىن) ھەيدەپ چىقارغان ئىدى. ئۇنىڭغا پەقەت بىر كىشى (يەنى ئەبۇبەكرى سىددىق)
ھەمراھ ئىدى. ئەينى زاماندا ئۇ ئىككىسى غاردا ئىدى. (رەسۇلۇللاھ) ھەمراھىغا: «غەم قىلمىغىن،
ئاللاھ ھەقىقەتەن بىز بىلەن بىللە» دەيتتى،
ئاللاھ ئۇنىڭغا (يەنى پەيغەمبىرىگە) خاتىرجەملىك بېغىشلىدى، ئۇنىڭغا (پەرىشتىلەردىن
بولغان) قوشۇنلار بىلەن مەدەت بەردى، ئۇلارنى سىلەر كۆرمىدىڭلار، كاپىرلارنىڭ سۆزىنى
(يەنى شېرىك كەلىمىسىنى) پەس قىلدى، ئاللاھنىڭ سۆزى ئۈستۈندۇر، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت
بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر [40]. (ئى ئىمان ئېيتقانلار جامائەسى!) سىلەر يېنىك بولغان ياكى
ئېغىر بولغان ھالەتتە (يەنى مەيلى ياش ـ قېرى، پىيادە، ئۇلاغلىق بولۇڭلار، ئوڭۇشلۇق
ۋە قىيىن شارائىتتا بولۇڭلار، ئىختىيارىي ۋە ئىختىيارسىز بولۇڭلار، ھەممە ئەھۋالدا)
جىھادقا چىقىڭلار، ئاللاھنىڭ يولىدا مېلىڭلار بىلەن، جېنىڭلار بىلەن جىھاد قىلىڭلار،
ئەگەر بىلسەڭلار مۇنداق قىلىش سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر[41] [سۈرە تەۋبە].
52.ئى
ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، راستچىللار بىلەن بىللە بولۇڭلار [سۈرە
تەۋبە 119 - ئايەت].
53.ئى
ئىمان ئېيتقانلار! سىلەر ئۆزۈڭلارغا يېقىن جايدىكى كاپىرلار بىلەن ئۇرۇش قىلىڭلار
(يەنى سىلەرگە خەتەر بولماسلىق ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئەتراپىڭلاردىكى كۇففارلارنى ئۇجۇقتۇرۇڭلار)،
ئۇلار سىلەرنى ھېس قىلسۇن (يەنى ئۇرۇش ئۈستىدە ئۇلارغا قاتتىق قول بولۇڭلار، ئۇلارغا
ئىچىڭلار ئاغرىمىسۇن)، بىلىڭلاركى، ئاللاھ تەقۋادارلار بىلەن بىللىدۇر (يەنى ئاللاھ
تەقۋادارلارغا مەدەتكاردۇر) [سۈرە تەۋبە 123 - ئايەت].
54.ئى
ئىمان ئېيتقانلار! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن رۇكۇ قىلىڭلار، سەجدە قىلىڭلار (يەنى
تەزەررۇ بىلەن ناماز ئوقۇڭلار)، (يالغۇز) رەببىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار، ياخشى ئىشلارنى
(يەنى خىش ـ ئەقرىبالارغا سىلە ـ رەھىم قىلىش، يېتىم ـ يېسىرلەرنىڭ بېشىنى سىلاش، كېچىسى
تەھەججۇد نامىزى ئۆتەش قاتارلىق ئىشلارنى) قىلىڭلار [سۈرە ھەج 77 - ئايەت].
55.ئى
ئىمان ئېيتقانلار! شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمەڭلار، كىمكى شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىدىكەن،
شەيتان ئۇنى قەبىھ ئىشلارغا، يامان ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، ئاللاھنىڭ سىلەرگە پەزلى ۋە
مەرھەمىتى بولمىسا ئىدى، سىلەردىن ھېچ ئادەم ئەبەدىي پاك بولماس ئىدى ۋە لېكىن ئاللاھ
خالىغان بەندىسىنى پاك قىلىدۇ، ئاللاھ (ھەممىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ھەممىنى) بىلىپ
تۇرغۇچىدۇر [سۈرە تەۋبە 21 - ئايەت].
56.ئى
ئىمان ئېيتقانلار! باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىگە (كىرىشكە) ئىجازەت سورىمىغىچە ۋە ئۆي ئىگىسىگە
سالام بەرمىگىچە كىرمەڭلار، ۋەز ـ نەسىھەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن بۇ (يەنى ئىجازەت سوراپ
ۋە سالام بېرىپ كىرىش، ئۇشتۇمتۇت كىرىشكە قارىغاندا) سىلەرگە ياخشىدۇر[27]. ئەگەر باشقىلارنىڭ
ئۆيلىرىدە ھېچ ئادەم بولمىسا سىلەرگە ئىجازەت بېرىلمىگىچە كىرمەڭلار، ئەگەر سىلەرگە
قايتىڭلار دېيىلسە قايتىپ كېتىڭلار، قايتىپ كېتىش سىلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشىدۇر، ئاللاھ
سىلەرنىڭ قىلىدىغان ئەمەللىرىڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر [28]. [سۈرە نۇر].
57.ئى
ئىمان ئېيتقانلار! سىلەرنىڭ قۇللىرىڭلار، چۆرىلىرىڭلار ۋە ئىچىڭلاردىكى بالاغەتكە يەتمىگەن
بالىلار ناماز بامداتتىن بۇرۇن، چۈشتە (ئۇخلاش ئۈچۈن) كىيىمىڭلارنى سالغان چېغىڭلاردا
ۋە خۇپتەندىن كېيىن (مۇشۇ) ئۈچ ۋاقىتتا (يېنىڭلارغا كىرمەكچى بولسا) سىلەردىن ئىجازەت
سورىسۇن، (بۇ) ئۈچى سىلەر ئۈچۈن پىنھان ۋاقىتتۇر. بۇ ئۈچ ۋاقىتتىن باشقا ۋاقىتلاردا
(ئۇلار يېنىڭلارغا كىرسە) سىلەرگىمۇ، ئۇلارغىمۇ ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، سىلەر بىر ـ بىرىڭلار
بىلەن بېرىش ـ كېلىش قىلىپ تۇرىسىلەر، ئاللاھ سىلەرگە ئايەتلەرنى ئەنە شۇنداق بايان
قىلىدۇ، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر [سۈرە نۇر 58 -
ئايەت].
58.ئى
ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ئەسلەڭلار، ئۆز ۋاقتىدا ئۈستۈڭلارغا
(كۇففارلاردىن ئۇيۇشقان ئۇرۇشقۇچى) قوشۇن كەلگەن ئىدى. بىز ئۇلارغا قارشى بوران ۋە
سىلەرگە كۆرۈنمەيدىغان قوشۇن (يەنى پەرىشتىلەرنى) ئەۋەتتۇق، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلغان
ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر [9]. ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار يۇقىرى تەرىپىڭلاردىنمۇ، تۆۋەن
تەرىپىڭلاردىنمۇ (ھۇجۇم قىلىپ) كەلگەن ئىدى. بۇ چاغدا كۆزۈڭلار چەكچىيىپ قالغان، يۈرىكىڭلار
ئاغزىڭلارغا قاپلىشىپ قالغان، ئاللاھ ھەققىدە تۈرلۈك گۇمانلاردا بولغان ئىدىڭلار
[10]. بۇ يەردە مۇئمىنلەر سىنالغان ۋە (بېشىغا كەلگەن كۈننىڭ قاتتىقلىقىدىن گويا ئۇلارنى
يەر سىلكىگەندەك) قاتتىق تەۋرىنىشكە ئۇچرىغان ئىدى [11]. [سۈرە ئەھزاب].
59. ئى
ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھنى كۆپ ياد قىلىڭلار [سۈرە ئەھزاب 41 - ئايەت].
60. ئى
ئىمان ئېيتقانلار! سىلەر مۇئمىن ئاياللارنى ئالساڭلار، ئاندىن ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلىشتىن
بۇرۇن ئۇلارنى قويۇۋەتسەڭلار، بۇ چاغدا ئۇلار سىلەر ئۈچۈن ئىددەت تۇتماسلىقى كېرەك،
ئۇلارغا ئاز ـ تولا نەرسە بېرىڭلار، ئۇلارنى چىرايلىقچە قويۇپ بېرىڭلار [سۈرە
ئەھزاب 49 - ئايەت].
61.ئى
ئىمان ئېيتقانلار! پەيغەمبەرنىڭ ئۆيلىرىگە كىرمەڭلار، پەقەت تاماققا چاقىرىلغان ۋاقتىڭلاردىلا
كىرىڭلار، (باشقا ۋاقىتتا رۇخسەت بىلەن كىرگەندە) تاماقنىڭ پىشىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرماڭلار،
لېكىن چاقىرىلغاندا كىرىڭلار ـ يۇ، تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن تارقاپ كېتىڭلار، (تاماقتىن
كېيىن) پاراڭ سېلىشىپ ئولتۇرماڭلار، بۇ (يەنى تاماقتىن كېيىن پاراڭ سېلىشىپ ئولتۇرۇش)
پەيغەمبەرنى رەنجىتىدۇ، پەيغەمبەر (بۇنى ئېيتىشقا) سىلەردىن خىجىل بولىدۇ، ئاللاھ
ھەق (نى ئېيتىش) تىن خىجىل بولمايدۇ، سىلەر پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرىدىن بىر نەرسە سورىماقچى
بولساڭلار، پەردە ئارقىسىدىن سوراپ ئېلىڭلار، مۇنداق قىلىش سىلەرنىڭ دىللىرىڭلارنىمۇ،
ئۇلارنىڭ دىللىرىنىمۇ ئەڭ پاك تۇتىدۇ، سىلەرنىڭ رەسۇلۇللاھنى رەنجىتىپ قويۇشۇڭلار دۇرۇس
ئەمەس، رەسۇلۇللاھتىن كېيىن ئۇنىڭ ئاياللىرىنى ئېلىشىڭلارمۇ مەڭگۈ دۇرۇس ئەمەس، بۇنداق
قىلىش (يەنى رەسۇلۇللاھنى رەنجىتىش ۋە ئۇنىڭ ئاياللىرىنى ئېلىش) ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ
دەرگاھىدا چوڭ گۇناھتۇر [سۈرە ئەھزاب 53 - ئايەت].
62.ھەقىقەتەن ئاللاھ (يېقىن
پەرىشتىلىرىنىڭ يېنىدا) پەيغەمبەرنى ماختايدۇ، پەرىشتىلەرمۇ پەيغەمبەر (سەللاللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسەللەم) ئۈچۈن دۇئا قىلىدۇ. ئى ئىمان ئېيتقانلار! سىلەرمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن
دۇئا قىلىڭلار ۋە ئامانلىق تىلەڭلار[1]
[سۈرە ئەھزاب 56 - ئايەت].
63. ئى
ئىمان ئېيتقانلار! سىلەر مۇساغا ئازار قىلغان كىشىلەر (يەنى بەنى ئىسرائىل) دەك بولماڭلار،
ئاللاھ مۇسانى ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىدىن (يەنى تۆھمەتلىرىدىن) ئاقلىدى، مۇسا ئاللاھنىڭ
دەرگاھىدا ئابرۇيلۇق ئىدى [69]. ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، توغرا سۆزنى
قىلىڭلار [70]. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى تۈزەيدۇ (يەنى سىلەرنى ياخشى ئەمەللەرگە
مۇۋەپپەق قىلىدۇ)، گۇناھلىرىڭلارنى مەغفىرەت قىلىدۇ، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە
ئىتائەت قىلسا زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولىدۇ [71].[سۈرە ئەھزاب].
64.ئى
ئىمان ئېيتقانلار! سىلەر ئاللاھقا (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىغا) ياردەم بەرسەڭلار، ئاللاھ
سىلەرگە (دۈشمىنىڭلارغا قارشى) ياردەم بېرىدۇ، قەدىمىڭلارنى (ئۇرۇش مەيدانلىرىدا) بەرقارار
قىلىدۇ [سۈرە مۇھەممەد 7 - ئايەت].
65.ئى
ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەمەللىرىڭلارنى
(كۇفرى، نىفاق ۋە رىيا بىلەن) بىكار قىلىۋەتمەڭلار [سۈرە مۇھەممەد 33 – ئايەت].
66.ئى
ئىمان ئېيتقانلار! سىلەر ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئالدىدا (ھېچقانداق
بىر ئىشنى ۋە سۆزنى) ئالدى بىلەن قىلماڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن
(سۆزۈڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (نىيىتىڭلارنى ۋە ئەھۋالىڭلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
[سۈرە ھۇجۇرات 1 - ئايەت].
67.ئى
ئىمان ئېيتقانلار! (رەسۇلۇللاھقا سۆز قىلغان چېغىڭلاردا) ئاۋازىڭلارنى پەيغەمبەرنىڭ
ئاۋازىدىن يۇقىرى قىلماڭلار، سىلەر بىر ـ بىرىڭلار بىلەن (توۋلاپ) يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلەشكەندەك،
پەيغەمبەرگە (توۋلاپ) يۇقىرى ئاۋازدا سۆز قىلماڭلار، (ئۇنداق قىلساڭلار) ئۆزلىرىڭلار
تۇيماستىن، (قىلغان ياخشى) ئەمەللىرىڭلار بىكار بولۇپ كېتىدۇ [سۈرە ھۇجۇرات 2 -
ئايەت].
68.ئى
ئىمان ئېيتقانلار! ئەگەر سىلەرگە بىر پاسىق ئادەم بىرەر خەۋەر ئېلىپ كەلسە، (ئىشنىڭ
ھەقىقىتىنى) بىلمەستىن بىرەر قەۋمنى رەنجىتىپ قويۇپ، قىلمىشىڭلارغا پۇشايمان قىلىپ
قالماسلىقىڭلار ئۈچۈن، (ئۇ خەۋەرنى) ئېنىقلاپ كۆرۈڭلار [سۈرە ھۇجۇرات 6 - ئايەت].
69.ئى
ئىمان ئېيتقانلار! بىر قەۋم يەنە بىر قەۋمنى (يەنى بىر جامائە يەنە بىر جامائەنى، بىر
ئادەم يەنە بىر ئادەمنى) مەسخىرە قىلمىسۇن، مەسخىرە قىلىنغان قەۋم (ئاللاھنىڭ نەزىرىدە)
مەسخىرە قىلغۇچى قەۋمدىن ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئاياللارمۇ
ئۆزئارا مەسخىرە قىلىشمىسۇن، مەسخىرە قىلىنغۇچى ئاياللار (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا) مەسخىرە
قىلغۇچى ئاياللاردىن ياخشىراق بولۇشى مۈمكىن، بىر ـ بىرىڭلارنى ئەيىبلىمەڭلار، بىر
ـ بىرىڭلارنى يامان لەقەم بىلەن چاقىرماڭلار، ئىماندىن كېيىن پىسقى بىلەن ئاتاش (يەنى
مۇئمىننى پاسىق دەپ ئاتاش) نېمىدېگەن يامان! (مۇنداق نەھيى قىلىنغان ئىشلاردىن) تەۋبە
قىلمىغانلار زالىملاردۇر [سۈرە ھۇجۇرات 11 - ئايەت].
70.ئى
ئىمان ئېيتقانلار! نۇرغۇن گۇمانلاردىن ساقلىنىڭلار (يەنى ئائىلىدىكىلىرىڭلارغا ۋە كىشىلەرگە
گۇمانخورلۇق قىلماڭلار)، بەزى گۇمانلار ھەقىقەتەن گۇناھتۇر، (مۇئمىنلەرنىڭ ئەيىبىنى)
ئىزدىمەڭلار، بىر ـ بىرىڭلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭلار، سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆلگەن قېرىندىشىڭلارنىڭ
گۆشىنى يېيىشنى ياقتۇرامسىلەر؟ ئۇنى ياقتۇرمايسىلەر
ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھ تەۋبىنى بەكمۇ قۇبۇل قىلغۇچىدۇر، (ئۇلارغا) ناھايىتى مېھرىباندۇر
[سۈرە ھۇجۇرات 12 – ئايەت].
71. ئى
ئىمان ئېيتقان كىشىلەر! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى (مۇھەممەد
سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم)گە ئىمان ئېيتىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە رەھمىتىدىن ئىككى
ھەسسە بېرىدۇ، سىلەرگە سىلەر (ئاخىرەتتە پىلسىراتتا) ماڭىدىغان نۇرنى پەيدا قىلىدۇ،
سىلەرگە مەغفىرەت قىلىدۇ، ئاللاھ بەكمۇ مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
[سۈرە ھەدىد 28 – ئايەت].
72.ئى
ئىمان ئېيتقانلار! سىلەر پىچىرلاشساڭلار گۇناھ، زۇلۇم ۋە پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق
قىلىش توغرىسىدا پىچىرلاشماڭلار، ياخشىلىق ۋە تەقۋادارلىق توغرىسىدا پىچىرلىشىڭلار،
سىلەر ئاللاھتىن قورقۇڭلار، سىلەر ئۇنىڭ دەرگاھىغا يىغىلىسىلەر [سۈرە مۇجادەلە 9 -
ئايەت].
73. ئى
ئىمان ئېيتقانلار! ئەگەر (سورۇندا) بەزىلەر سىلەرگە: «ئورۇن چىقىرىپ بېرىڭلار» دېسە،
ئورۇن چىقىرىپ بېرىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە (رەھمىتىنى ۋە جەننىتىنى) كېڭەيتىپ بېرىدۇ،
ئەگەر سىلەرگە (باشقىلارغا ئورۇن بوشىتىپ بېرىش ئۈچۈن): «ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ بېرىڭلار»
دېيىلسە، ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ بېرىڭلار، ئاللاھ سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلار ۋە ئىلىم
بېرىلگەنلەرنى بىر قانچە دەرىجە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن
تولۇق خەۋەردار [سۈرە مۇجادەلە 11 - ئايەت].
74.ئى
ئىمان ئېيتقانلار! پەيغەمبەر بىلەن مەخپىي سۆزلەشمەكچى بولساڭلار، ئالدى بىلەن (يوقسۇللارغا)
سەدىقە بېرىپ، ئاندىن سۆزلىشىڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىراقتۇر ۋە پاكراقتۇر، ئەگەر
(سەدىقە قىلىدىغان نەرسە) تاپالمىساڭلار (سىلەرگە گۇناھ بولمايدۇ) چۈنكى ئاللاھ ناھايىتى
مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر [12].
75.ئى
ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ھەر ئادەم ئەتە (يەنى قىيامەت كۈنى) ئۈچۈن
(ياخشى ئەمەللەردىن) نېمىلەرنى تەييارلىغانلىقىغا قارىسۇن، ئاللاھ تىن قورقۇڭلار، ئاللاھ
ھەقىقەتەن قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر [18]. سىلەر ئاللاھنى ئۇنتۇغان،
شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارغا ئۆزلىرىنى ئۇنتۇلدۇرغان كىشىلەردەك بولماڭلار، ئەنە شۇلار
پاسىقلاردۇر [19] [سۈرە ھەشر].
76.ئى
ئىمان ئېيتقانلار، مېنىڭ دۈشمىنىمنى ۋە سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلارنى دوست تۇتماڭلار، ئۇلار
سىلەرگە كەلگەن ھەقىقەتنى (يەنى ئىسلامنى، قۇرئاننى) ئىنكار قىلغان تۇرسا، ئۇلارغا
دوستلۇق يەتكۈزىسىلەر، ئۇلار رەببىڭلار ئاللاھقا ئىمان ئېيتقىنىڭلار ئۈچۈن پەيغەمبەرنى
ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقاردى، ئەگەر سىلەر مېنىڭ يولۇمدا جىھاد قىلىپ ۋە
رازىلىقىمنى تىلەپ چىققان بولساڭلار (ئۇ چاغدا مېنىڭ دۈشمىنىمنى ۋە سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلارنى
دوست تۇتماڭلار)، سىلەر ئۇلارغا يوشۇرۇن دوستلۇق يەتكۈزىسىلەر، مەن سىلەر يوشۇرغان
ۋە ئاشكارىلىغان نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىمەن، كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن (يەنى ئۇلارنى دوست
تۇتۇپ، ئۇلارغا پەيغەمبەرنىڭ خەۋەرلىرىنى يەتكۈزىدىكەن)، ئۇ ھەقىقەتەن توغرا يولدىن
ئازغان بولىدۇ [سۈرە مۇمتەھىنە 1- ئايەت].
77.ئى
ئىمان ئېيتقانلار! سىلەرگە مۇئمىن ئاياللار ھىجرەت قىلىپ كەلسە، ئۇلارنى سىناپ كۆرۈڭلار،
ئۇلارنىڭ ئىمانىنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ، ئەگەر
ئۇلارنى (سىنىغاندىن كېيىن ھەقىقىي) مۇئمىنە دەپ تونۇساڭلار، ئۇلارنى كاپىرلارغا قايتۇرۇپ
بەرمەڭلار، ئۇلار كاپىرلارغا ھالال ئەمەس، كاپىرلارمۇ ئۇلارغا ھالال ئەمەس، كاپىر ئەرلىرىنىڭ
ئۇلارغا بەرگەن مەھرىنى قايتۇرۇپ بېرىڭلار، ئۇلارنىڭ مەھرىلىرىنى بېرىپ نىكاھىڭلارغا
ئالساڭلار سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، كاپىر ئاياللارنى ئەمرىڭلاردا ساقلىماڭلار،
ئۇلارغا بەرگەن مەھرىڭلارنى تەلەپ قىلىڭلار، كاپىرلارمۇ (ھىجرەت قىلىپ كەلگەن مۇئمىن
ئاياللىرىغا بەرگەن) مەھرىلىرىنى تەلەپ قىلسۇن، ئاللاھنىڭ ھۆكمى ئەنە شۇ. ئاللاھ ئاراڭلاردا
ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر [سۈرە
مۇمتەھىنە 10 - ئايەت].
78.ئى
ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھ غەزەپ قىلغان قەۋمنى دوست تۇتماڭلار، ئۇلار ئاخىرەتتىن (يەنى
ئاخىرەت ساۋابىدىن) قەبرىلىرىدە ياتقان كۇففارلار ئۈمىدىنى ئۈزگەندەك ھەقىقەتەن ئۈمىدىنى
ئۈزدى [سۈرە مۇمتەھىنە 13 - ئايەت].
79.ئى
ئىمان ئېيتقانلار! سىلەر نېمە ئۈچۈن قىلمايدىغان ئىشنى قىلىمىز دەيسىلەر؟ (يەنى ئەمەلدە
سىلەر قىلمايدىغان ياخشى ئىشلارنى نېمە ئۈچۈن ئاغزىڭلاردا قىلىمىز دەيسىلەر؟) [2] سىلەرنىڭ
قىلمايدىغان ئىشنى (قىلىمىز) دېيىشىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ئۆچ (كۆرۈلىدىغان
نەرسىدۇر) [3] [سۈرە سەپ].
80.ئى
ئىمان ئېيتقانلار! سىلەرگە سىلەرنى قاتتىق ئازابتىن قۇتۇلدۇرىدىغان بىر تىجارەتنى كۆرسىتىپ
قويايمۇ؟ [10]. ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە (چىن) ئىمان ئېيتقايسىلەر، ئاللاھنىڭ
يولىدا مېلىڭلار بىلەن، جېنىڭلار بىلەن جىھاد قىلغايسىلەر، ئەگەر بىلسەڭلار، سىلەر
ئۈچۈن بۇ ياخشىدۇر [11]. (شۇنداق قىلساڭلار) ئاللاھ سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلارنى مەغفىرەت
قىلىدۇ، سىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، دائىمىي
تۇرالغۇ بولغان جەننەتلەردىكى گۈزەل سارايلاردا (تۇرغۇزىدۇ)، بۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتتۇر
[12] [سۈرە سەپ].
81.ئى
ئىمان ئېيتقانلار! ھەۋارىيۇنلار (يەنى ئىسا ئەلەيھىسسالامغا دەسلەپتە ئىمان ئېيتقان
مۇئمىن قەۋم) دەك ئاللاھنىڭ ياردەمچىلىرى بۇلۇڭلار، مەريەمنىڭ ئوغلى ئىسا ھەۋارىيۇنلارغا:
«(ئاللاھنىڭ دەۋىتىنى تەبلىغ قىلىشتا) ئاللاھقا كىملەر ياردەمچىلىرىم بولىدۇ؟» دېدى،
ھەۋارىيۇنلار: «بىز ئاللاھنىڭ ياردەمچىلىرىمىز» دېدى، ئىسرائىل ئەۋلادىدىن بىر تائىپە
ئىمان ئېيتتى، يەنە بىر تائىپە كاپىر بولدى، مۇئمىنلەرگە ئۇلارنىڭ ئۆز دۈشمەنلىرىگە
قارشى تۇرۇشىدا يار ـ يۆلەكتە بولدۇق، شۇنىڭ بىلەن مۇئمىنلەر غالىب بولدى [سۈرە
سەپ 14 – ئايەت].
82. ئى
ئىمان ئېيتقانلار! جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىغا ئەزان ئېيتىلسا، ئاللاھنى ياد ئېتىشكە
(يەنى جۈمە خۇتبىسىنى ئاڭلاشقا ۋە جۈمە نامىزىنى ئادا قىلىشقا) ئالدىراپ بېرىڭلار،
ئېلىم ـ سېتىمنى قويۇپ تۇرۇڭلار، ئەگەر بىلسەڭلار بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر [سۈرە
جۇمئە 9 - ئايەت].
83.ئى
ئىمان ئېيتقانلار! ماللىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلار سىلەرنى ئاللاھنىڭ زىكرىدىن (يەنى ئاللاھنىڭ
تائەت ـ ئىبادىتىدىن) غەپلەتتە قالدۇرمىسۇن، كىملەركى شۇنداق قىلىدىكەن، ئۇلار زىيان
تارتقۇچىلاردۇر [سۈرە مۇنافىقۇن 9 – ئايەت].
84.ئى
ئىمان ئېيتقانلار! سىلەرنىڭ ئاياللىرڭلاردىن، بالىلىرىڭلاردىن سىلەرگە دۈشمەن بولىدىغانلىرىمۇ
بار، ئۇلاردىن ئېھتىيات قىلىڭلار، ئەگەر (ئۇلارنى) ئەپۇ قىلساڭلار، كەچۈرسەڭلار، مەغفىرەت
قىلساڭلار (ئاللاھ سىلەرنىمۇ مەغفىرەت قىلىدۇ). ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغفىرەت
قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر [سۈرە تەغابۇن 14 - ئايەت].
85.ئى
ئىمان ئېيتقانلار! ئۆزۈڭلارنى ۋە بالا ـ چاقاڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان،
رەھىم قىلمايدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولغان دوزاختىن ساقلاڭلار، ئۇ پەرىشتىلەر
ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىدىن چىقمايدۇ، نېمىگە بۇيرۇلسا شۇنى ئىجرا قىلىدۇ [سۈرە تەھرىم 6
- ئايەت].
86. ئى
ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھقا سەمىمىي تەۋبە قىلىڭلار، ئۈمىدكى، رەببىڭلار سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى
يوققا چىقىرىدۇ، سىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ،
ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئاللاھ پەيغەمبەرنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۇئمىنلەرنى
رەسۋا قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ نۇرى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ۋە ئوڭ تەرىپىدە يۈرىدۇ، ئۇلار: «ئى
رەببىمىز! بىزگە نۇرىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ بەرگىن، بىزگە مەغفىرەت قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن
ھەر نەرسىگە قادىرسەن» دەيدۇ [سۈرە تەھرىم 8 - ئايەت].
[1] تەپسىر ــــ
شۈبھىسىزكى، ئاللاھ يېقىن پەرىشتىلىرىنىڭ يېنىدا پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسەللەمنى ماختايدۇ، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىمۇ ئۇنى ماختايدۇ ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا
قىلىدۇ. ئى ئاللاھقا ۋە پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتقان ۋە ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە ئەمەل
قىلغانلار! سىلەرمۇ ئاللاھنىڭ پەيغەمبرى سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ماختاڭلار،
ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار، ھۆرمەت
يۈزىسىدىن ئۇنىڭغا سالام بېرىڭلار ـــ «تەپسىر مۇيەسسەر»دىن ئېلىندى.