قۇرئان - سۈننەتكە مۇراجىئەت قىلىشتىن يۈز ئۆرۈگۈچىنىڭ ھۆكمى

‏الله تعالى شۇنداق دەيدۇ: 
{وَإِذَا قِيلَ لَهُمْ تَعَالَوْا إِلَىٰ مَا أَنزَلَ اللَّهُ وَإِلَى الرَّسُولِ رَأَيْتَ الْمُنَافِقِينَ يَصُدُّونَ عَنكَ صُدُودًا} 
{ئۇلارغا: «ﷲ نازىل قىلغانغا ۋە پەيغەمبەرگە كېلىڭلار» دېيىلسە، مۇناپىقلارنىڭ سەندىن قاتتىق يۈز ئۆرۈگەنلىكىنى كۆرىسەن} [سۈرە نىسا 61 - ئايەت].

ئىبن قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ تەئالا بۇ يەردە رەسۇلۇللاھ ﷺ ئەكەلگەن نەرسىدىن (قۇرئان - سۈننەتتىن) يۈز ئۆرۈپ، باشقا نەرسىگە مۇراجىئەت قىلىشنىڭ مۇناپىقلىقنىڭ ماھىيىتى ئىكەنلىكىنى بايان قىلماقتا» [«مۇختەسەر ئەسسەۋائىق» 2/353].

بۇنىڭدىن سىرت، «تايسىر ئەلئەزىز ئەلھەمىد»دە ئىبن قەييىم رەھىمەھۇللاھ يەنە شۇنداق دېگەن: «بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، كىمكى قۇرئان - سۈننەتنىڭ ھۆكمىگە مۇراجىئەت قىلىشقا چاقىرىلغاندا، بۇنى قوبۇل قىلماي، رەت قىلسا، ئۇ مۇناپىقتۇر. ئايەتتىكى (يۈز ئۆرۈش دەپ تەرجىمە قىلىنغان) «يصد» ئۆتۈمسىز پېئىل بولۇپ، بۇ پېئىلنىڭ ئوبيېكتى يوق. يەنى بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان كىشىلەر باشقىلارنى قۇرئان - سۈننەتكە مۇراجىئەت قىلىشتىن توسقان ئەمەس، بەلكى ئۆزى (مەسىلىلەردە قۇرئان - سۈننەتكە مۇراجىئەت قىلىشتىن) يۈز ئۆرۈگەنلەردۇر. ئاللاھ تەئالا (قۇرئان - سۈننەتكە مۇراجىئەت قىلىشتىن) يۈز ئۆرۈگۈچىلەرنى مۇناپىق دەپ ھۆكۈم قىلغان بولسا، بۇنىڭدىنمۇ ئېشىپ سۆزى، دەرسلىرى ۋە كىتابلىرى ئارقىلىق باشقىلارنى قۇرئان - سۈننەتكە مۇراجىئەت قىلىشتىن توسقان ۋە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ پەقەت تاغۇت بىلەن قۇرئان - سۈننەتنىڭ ئارىسىنى ياراشتۇرۇش ئارقىلىق ياخشىلىقنىلا ئىرادە قىلغانلىقىنى ئېيتقانلارنىڭ ھالى قانداق بولار؟» [«تايسىر ئەلئەزىز ئەلھەمىد» 557 - بەت].


* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.



ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟