رىيا توغرىسىدا ئىككى ھەدىس

ئىمام ئەھمەد مەھمۇد ئىبنى لۇبەيدنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: پەيغەمبەر ﷺ: «مەن سىلەر ئۈچۈن ئەڭ ئەنسىرەيدىغان ئىش كىچىك شېرىكتۇر» دېدى. ساھابىلەر: «ئى الله نىڭ پەيغەمبىرى! كىچىك شېرىك دېگەن نېمە؟- دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «(كىچىك شېرىك بولسا) رىيادۇر، الله قىيامەت كۈنى ھەممە كىشىلەرنىڭ ئەمەل ـ ئىبادەتلىرىگە مۇكاپات بەرگەن ۋاقتىدا (رىيا قىلغانلارغا): سىلەر دۇنيادا ئەمەللىرىڭلارنى كۆرسەتكەن (رىيا قىلغان) كىشىلەرنىڭ قېشىغا بېرىڭلار، ئۇلارنىڭ يېنىدا (سىلەرگە بەرگىدەك) مۇكاپات بارمىكىن قاراپ بېقىڭلار!- دەيدۇ» دېدى.

ئىمام ئەھمەد ئەنسارىلاردىن ئەبۇسەئىد ئىبنى ئەبۇفۇزەلا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ﷺ نىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «الله شەك يوق بولغان كۈن، قىيامەت كۈنى ئىلگىرىكىلەرنى ۋە كېيىنكىلەرنى توپلىغان چاغدا، بىرى: «كىمكى الله ئۈچۈن قىلغان ئەمەل ـ ئىبادەتلىرىدە باشقىسىنى شېرىك قىلغان بولسا، ئۇ، مۇكاپاتىنى الله تىن باشقىسىدىن سورىسۇن. چۈنكى، الله شېرىكچىلىكتىن بىھاجەتتۇر،- دەپ ۋاقىرايدۇ». بۇ ھەدىسنى تىرمىزى ۋە ئىبنى ماجەلەرمۇ رىۋايەت قىلغان.

«تەپسىر ئىبنى كەسىر» سۈرە كەھف تەپسىرىدىن ئېلىندى.



* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟