ئىسلام تارىخىدا مۇناپىقلىقنىڭ باشلىنىشى

مۇناپىقلارنىڭ ئالامەتلىرىنى سۈپەتلەيدىغان ئايەتلەر پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن چۈشتى. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەككىدىكى ۋاقتىدا ھېچقانداق مۇناپىقلىق ھەرىكىتى يوق بولۇپلا قالماي، ئەكسىچە مەجبۇرلانغانلىقتىن كۆرۈنۈشتە كۇپۇرلۇقنى ئاشكارا قىلىپ تۇرۇپ، ئەمەلىيەتتە ئىسلامغا كىرگەن مۇسۇلمانلار بار ئىدى.


پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنىگە كەلگەن چاغدا، “ئەۋس” ۋە “خەزرەج” قەبىلىلىرىدىن (ئىسلامغا كىرگەن) “ئەنسارىي” دەپ ئاتىلىدىغان مۇسۇلمانلار بار ئىدى. ئۇلار ئىسلام دىنى كېلىشتىن بۇرۇن ئەرەب مۇشرىكلىرىنىڭ يولى بويىچە بۇتقا چوقۇناتتى. مەدىنىدە ئۆزلىرىنىڭ ئاتا – بوۋىلىرىنىڭ يوللىرىنى تۇتۇپ ماڭغان ئەھلى كىتابتىن بولغان يەھۇدىيلارمۇ ياشايتتى. بۇلار تۆۋەندىكىدەك ئۈچ قەبىلىدىن تەركىب تاپقان ئىدى. “قەينۇقا” جەمەتى: بۇلار “خەزرەج” قەبىسىلىنىڭ ياردەمچىلىرى ئىدى. “نەزىر” ۋە “قۇرەيزە” جەمەتلىرى. ئۇلار “ئەۋس” قەبىلىلىرىنىڭ ياردەمچىلىرى ئىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنىگە يېڭى كەلگەن چاغدا، “ئەۋس” ۋە “خەزرەج” قەبىلىلىرىدىن ئەنسارىيلار، يەھۇدىيلارنىڭ ئىچىدىن پەقەت ئابدۇللاھ ئىبنى سالام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلا ئىسلام دىنىغا كىرگەنىدى. بۇ چاغدا مۇناپىقلىق ھەرىكەتلىرى يوق ئىدى. چۈنكى، ئۇ چاغدا مۇسۇلمانلارنىڭ (كاپىرلارنى) قورقۇنچقا سالغۇدەك كۈچى يوق ئىدى. يەنە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەھۇدىيلار ۋە مەدىنىنىڭ ئەتراپىدا ياشايدىغان نۇرغۇن ئەرەب قەبىلىلىرى بىلەن تىنچلىقتا بىللە ياشاش ئۈچۈن كېلىشىم تۈزگەن ئىدى. مەدىنىدە خەزرەج قەبىلىسىدىن ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي ئىبنى سەلۇل دەيدىغان بىرى بار ئىدى. مەدىنىگە ئىسلام يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن ئۇ مەدىنىنىڭ باشلىقى ئىدى. مەدىنىلىكلەر ئۇنى ئۆزلىرىگە پادىشاھ قىلىشنى ئويلىشىپ تۇرغاندا، مەدىنىگە ئىسلام يېتىپ كېلىشى بىلەن كىشىلەر ئىسلام دىنىغا كىرىشكە باشلاپ، ئۇ كىشىنى پادىشاھ قىلىشتىن باش تارتقانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ كۆڭلىدە ئىسلام دىنىغا ۋە مۇسۇلمانلارغا قارىتا ئۆچمەنلىك پەيدا بولدى. (ھىجىرىيەنىڭ – 2 يىلى) بەدرى ئۇرۇشى بولۇپ، الله نىڭ ياردىمى بىلەن بۇ ئۇرۇشتا مۇسۇلمانلار غەلىبە قازانغاندىن كېيىن، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي ئىبنى سەلۇل باشچىلىقىدا مەدىنىدىكى يەرلىكلەردىن ۋە يەھۇدىيلاردىن بولۇپ بىر تۈركۈم كىشىلەر ئىسلام دىنىغا يۈزەكىلا كىرىپ قويدى. شۇ چاغدىن باشلاپ مەدىنىدە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلىق ئەرەبلەردە مۇناپىقلىق ھەرىكەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىدى. مۇھاجىرلارنىڭ ئىچىدە بولسا، بىرمۇ مۇناپىق يوق ئىدى. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ھېچبىرى مەجبۇرلىنىپ ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ ماللىرىدىن، ئۆيلىرىدىن، ئائىلە، بالا - چاقىلىرىدىن ۋە زېمىنلىرىدىن الله رازىلىقى ئۈچۈن ۋاز كېچىپ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن مەدىنىگە ھىجرەت قىلغان ئىدى.

مەنبە: «تەپسىر ئىبنى كەسىر» ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى 1 - جىلىد 103 - بەت.


* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟