تىلغا ئىگە بولۇش توغرىسىدا


ئاللاھ تائالا شۇنداق دەيدۇ: «مَّا يَلْفِظُ مِن قَوْلٍ إِلَّا لَدَيْهِ رَقِيبٌ عَتِيدٌ» {ئىنساننىڭ ئوڭ تەرىپىدە ۋە سول تەرىپىدە ئولتۇرۇپ خاتىرىلەيدىغان ئىككى پەرىشتە بار. ئۇ قانداق بىر سۆزنى قىلمىسۇن، ئۇنىڭ ئالدىدا ھامان پەرىشتە ھازىر بولۇپ، كۆزىتىپ تۇرىدۇ} [سۈرە قاف 17 ~ 18 – ئايەت].

ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم ئەبۇھۇرەيرە رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىسنىڭ بىر قىسمىدا رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «كىمكى ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىدىكەن، ياخشى گەپ بولسا قىلسۇن، بولمىسا سۈكۈت قىلسۇن» دېگەن.

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «بىراۋ بىر گەپنى دېمەكچى بولسا، دېمەكچى بولغان گېپى ياخشى گەپ بولسا، شۇنداقلا ئۇ شۇ سۆزى سەۋەبلىك ساۋابقا ئېرىشىدىغانلىقىغا جەزم قىلسا، دېمەكچى بولغان گېپىنىڭ ۋاجىب ياكى مۇستەھەب بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنى دېسۇن؛
لېكىن، بىراۋ دېمەكچى بولغان گېپى ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىدىغانلىقىغا جەزم قىلالمىسا، دېمەكچى بولغان سۆزى ھارام، مەكرۇھ ياكى مۇباھ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ سۆزنى قىلىشتىن ئۆزىنى تارتسۇن.
بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، (كۆپ سۆزلەپ) ھارام ياكى مەكرۇھقا چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، مۇباھ سۆزلەردىن ئۆزىنى تارتىش مۇستەھەبتۇر».

* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟