يېڭى تۇغۇلغان قىزىمنىڭ قۇلىقىدىكى ئارتۇق گۆشنى ئالغۇزۇۋېتىش ئۈچۈن ئوپېراتسىيە قىلدۇرسام بولامدۇ؟
سوئال: ئايالىم بىر قىز تۇغقانىدى، بۇ قىزىمنىڭ قۇلىقىدا ئۇنىڭ چىرايىنى غەلىتە كۆرسىتىپ قويىدىغان بىر تال ئۆسمە گۆش باركەن. شۇ ئارتۇق گۆشنى ئالغۇزۇۋېتىش ئۈچۈن قىزىمنى ئوپېراتسىيە قىلغۇزسام بولامدۇ؟
سەئۇدىي ئىلمىي تەتقىقات ۋە دائىمىي پەتىۋا كومىتېتىنىڭ 13884 - نومۇرلۇق پەتىۋاسى. «ئۇيغۇر ئىسلام بىلوگى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.
جاۋاب: ئەگەر ئەمەلىي ئەھۋال ئېيتقىنىڭىزدەك بولسا، ئوپېراتسىيە سەۋەبلىك قىزىڭىزغا زىيان يەتمەيدىغانلا بولسا، قىزىڭىزنىڭ قۇلىقىدىكى ئارتۇق گۆشنى ئالغۇزۇۋېتىش ئۈچۈن ئوپېراتسىيە قىلغۇزسىڭىز بولىدۇ.
ئاللاھ بىزلەرگە تەۋپىق ئاتا قىلغاي. دۇرۇد - سالاملار پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدكە، ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ۋە ساھابىلىرىگە بولغاي.
پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار:
باش رەئىس: شەيخ ئابدۇلئەزىز بىن ئابدۇللاھ ئىبنى باز.
مۇئاۋىن رەئىس: شەيخ ئابدۇراززاق ئەفىفىي.
شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان.
* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.