قۇرئان - سۈننەتتە ماختالغان «ئىلىم» قايسى ئىلىمنى كۆرسىتىدۇ؟

سوئال: نۇرغۇنلىغان ھەدىسلەردە ئىلىمنىڭ مۇھىملىقى ۋە ئالىمنىڭ ناھايىتى كۆپ ئەجرگە ئېرىشىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. ئۇ ھەدىسلەردە كۆرسىتىلگەن ئىلىم قايسى ئىلىم؟ ئۇ پەقەت دىنىي ئىلىملارنىلا كۆرسىتەمدۇ؟ ياكى بىئولوگىيە، فىزىكا ۋە ئېلىكترون، پەن-تېخنىكىغا ئائىت ھەرخىل بىلىملەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالامدۇ؟

ئىسلام سوئال - جاۋابلىرى تورىنىڭ ئۇيغۇرچە سەھىپىسىدىن (islamqa.info/ug) ئېلىندى.


جاۋاب:
مەدھىيە ئاللاھقا خاستۇر.
بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان ئىلىم قۇرئان ۋە سۈننەت ئاساسىدا يەكۈنلەنگەن شەرىئەت ئىلمىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ پەيغەمبەرلەردىن قالغان مىراستۇر. پەيغەمبەرلەر مال- دۇنيا قالدۇرۇپ كەتكىنى يوق، بەلكى ئىلىم قالدۇرۇپ كەتتى. بۇ ئىلىملەرنى ئۆگەنگۈچىلەر نۇرغۇن نەرسىلەرگە ئېرىشىدۇ. ئەگەر كىتابلاردا ئىلىمنىڭ پەزىلىتى تىلغا ئېلىنسا بۇ يەردە كۆرسىتىلگىنى چوقۇم قۇرئان، سۈننەت ۋە شەرىئەت دائىرىسىدىكى ئىلىملەرنى، يەنى تەۋھىد، ئەقىدە ئىلىملىرىنى، ئۇسۇل فىقھىنى؛ قۇرئان ھەدىسنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىشنىڭ ئاساسى بولغان ئەرەب تىلى گرامماتىكىسىنى؛ مىراس قانۇنىغا دائىر بىلىملەرنى، ئىبادەت پىرىنسىپلىرىنى، ئېلىم-بېرىم مۇئامىلىسىگە ئالاقىدار شەرئىي ھۆكۈملەرنى، شەرىئەت جازا قانۇنىنى، ئاللاھنىڭ ياخشى بەندىلىرىنىڭ تەرجىمىھالىغا ئالاقىدار مەدەنىيەتلەر سۆزلىنىدىغان شەرئىي ئەرەب ئەدەبىياتى قاتارلىق بىلىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 
مۇسۇلمانلار بىلىشكە تېگىشلىك دۇنياۋى ئىلىملەرگە كەلسەك، بۇلارنى ئۆگىنىش فەرز كۇفايە بولۇپ، كىشىلەر بۇلارغا ئېھتىياجلىق بولغاندا ئۇنى شارائىتى بار بىر قىسىم كىشىلەر ئۆگەنسىلا بولىدۇ. ئەلۋەتتە ، بىئولوگىيە، خېمىيە قاتارلىق ئىلىملەردە ئىنسانلار ئۈچۈن نۇرغۇن مەنپەئەت بار، شۇنداق بولغانىكەن، دىنىمىز (چىقىش نۇقتىسىدىن) ئۇنى ئۆگىنىشنى چەكلىمەيدۇ، ئەكسىچە (بىر بۆلۈك مۇسۇلماننىڭ شەرىئەتكە ئۇيغۇن، قىز - ئوغۇل  ئارىلاش ئوقۇمايدىغان، پاك مۇھىتتا بۇلارنى ئۆگىنىشىنى) تەلەپ قىلىدۇ.

كۆپلىگەن ئالىملار مۇسۇلمانلار ئىچىدە زۆرۈر بولغان سانائەت ۋە ئىشلەپچىقىرىش بىلىملىرىنى ئۆگىنىش پەرز دەپ قارايدۇ، يەنە يېتەرلىك ھالدا تىككۈچىلەر، تۆمۈرچىلەر ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ كۆندىلىك تۇرمۇشىدا ئېھتىياجلىق كەسىپلەرنى ئۆگەنگۈچىلەر بولىشى لازىم دەپ قارايدۇ.
شەيخ ئابدۇللا ئىبن جىبرىن

مۇسۇلمانلار ناھايىتى ئېھتىياجلىق بولغان ھەربىي ماھارەتلەرنى ئۆگىنىش (تاجاۋۇزچى كۈچلارنىڭ يامانلىقىدىن قوغدىنىش ئۈچۈن بۇنىڭغا دائىر بىلىملەرنى ئىگەللەش)مۇ مۇسۇلمان ئۈچۈن ناھايى زۆرۈردۇر.

ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.


* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟