ۋەلىيسى يوق ئايال توي قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭغا كىم ۋەلىي بولىدۇ؟
ئىككى ھەرەمنىڭ ئۇستازى، ئەللامە شەيخ بىن باز رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «ئەگەر ئايالنىڭ ۋەلىيسى يىراقتا بولسا، شۇ ئايالنىڭ توي ئىشى ئۈچۈن، يازما شەكىلدە ئۆز ئورنىغا مۇۋاپىق بىرىنى ۋەكىل قىلىپ بېكىتسە بولىدۇ. ئەگەر ۋەلىينىڭ ئىز ـ دېرىكىنى قىلغىلى بولـمىسا، ئايالنىڭ شۇنىڭدىن كېيىنكى ۋەلىيسى ئۇنىڭ ئورنىغا ۋەلىي بولۇشى كېرەك. (مەسىلەن ئايالنىڭ دادىسى، ئاكا ـ ئىنىسى، دادا تەرەپ تاغىسى بولـمىسا، ئانا تەرەپ تاغىسى تويدا ئۇنىڭغا ۋەلىي بولۇشى كېرەك، ت). ئەگەر توي قىلـماقچى بولغان ئايالنىڭ، ئىز ـ دېرىكى بولـمىغان شۇ ۋەلىيسىدىن باشقا ھېچقانداق ۋەلىيسى بولـمىسا، ئۇ ۋاقىتتا، مۇسۇلـمان ھۆكۈمدار ئۇنىڭغا ۋەلىي بولىدۇ.
ئەگەر بىر ئايال دادىسى، ئاكىسى قاتارلىق ھېچقانداق ۋەلىيسى يېنىدا يوق بىر دۆلەتتە ياشايدىغان بولسا، مۇسۇلـمان ھۆكۈمدار ئۇنىڭغا ۋەلىي بولىدۇ. چۈنكى، پەيغەمبەر صلى الله عليه وسلم: «(مۇسۇلـمان) ھۆكۈمدار ۋەلىيسى يوق(ئايال)نىڭ ۋەلىيسىدۇر» دېگەن. شۇ سەۋەبتىن، ئايالنىڭ ۋەلىيسى يوق ئەھۋالدا، ھۆكۈمدار ئۇنىڭ ۋەلىيسى بولىدۇ. ئەگەر ئۇ ئايال مۇسۇلـمانلار ئاز، مۇسۇلـمان ھۆكۈمدار ياكى قازى تېپىلـمايدىغان كاپىر دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان بولسا، شۇ دۆلەتلەردىكى ئىسلامىي مەركەزنىڭ مەسئۇلى ئۇنىڭ ۋەلىيسى بولىدۇ. چۈنكى، بۇ خىل ئەھۋالدا، ئىسلامىي مەركەزنىڭ مەسئۇلى ھۆكۈمدارنىڭ ئورنىدا بولىدۇ. ئەگەر شۇ دىياردا مۇسۇلـمان ھۆكۈمدار ياكى قازى بولـمىسا، ئىسلامىي مەركەزلەرنىڭ مەسئۇللىرى ئۇ ئايالنى (دىندا) لاياقەتلىك بىرىگە نىكاھلاپ قويسا بولىدۇ.
مەنبە: فتاوى نور على الدرب للشيخ ابن باز (465) في موقع الشبكة الإسلامية .
ئەگەر بىر ئايالنىڭ تويىغا ئىگە بولىدىغان ھېچقانداق ۋەلىيسى بولـمىسا، ۋەلىيلىك ۋەزىپىسىنى مۇسۇلـمان قازى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. ئەگەر غەرب دۆلەتلىرىدىكىگە ئوخشاش مۇسۇلـمان قازى تېپىلـمىسا، ئىسلامىي مەركەزنىڭ مەسئۇلى ئۇنىڭغا ۋەلىي بولىدۇ.
ئەگەر شۇ دىياردا ئىسلامىي مەركەزمۇ بولـمىسا، سالىھ ئىماملار ياكى ئۆلىمالار توي ئىشىدا ئۇنىڭغا ۋەلىي بولسا بولىدۇ.
ئىسلام سوئال ـ جاۋابلىرى تورىدىكى 208700 ـ نومۇرلۇق پەتىۋا.
بۇ ھەقتىكى پەتىۋا يۇقىرىدا دېيىلگەندەك ئىكەن، ئەگەر ئايالنىڭ ھېچقانداق ۋەلىيسى بولـمىسا، تەقۋا ئۆلىمالار ئايالغا ۋەلىي بولۇپ، شۇ ئايالنىڭ نىكاھلىنىش ئىشىغا ئىگە بولسا بولىدىغانلىقى دېيىلىپتۇ. ئەگەر ھەقىقەتەن مۇشۇ خىل زۆرۈرىيەت تۇغۇلسا، قېرىنداشلار ئارتىس سۈپەت، ساقالسىز، ئۇدۇل كەلگەن ئاتالـمىش موللىلارنى ۋەلىي قىلىۋالـماي، ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە، پەيغەمبەر صلى الله عليه وسلم نىڭ سۈننىتىگە چىڭ يېپىشقان مۇنەۋۋەر، لاياقەتلىك موللىلارنى تاپقاي.
* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.
* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.