جۈمە نامىزىدىن كېيىن «ئېھتىياتى پېشىن» ئوقۇش بىدئەت
سوئال: مەن ﺑﻪﺯﻯ ئىماملاردىن ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﯴﭺ ﺧﯩﻞ ﺷﻪﺭﺕ ﯪﺳﺘﯩﺪﺍ ﺟﯜﻣﻪ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ئىككى رەكئەت ﭘﻪﺭﺯﯨﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ پېشىن (يەنى ئاتالمىش «ئېھتىياتى پېشىن») ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﺗﯚﺕ رەكئەت ﭘﻪﺭﺯﯨﻨﻰ ﯮﻗﯘﺵ كېرەك، ﺩﯦﮕﻪﻥ ﭘﻪﺗﯩﯟﺍﻧﻰ ﯪﯕﻠﯩﺪﯨﻢ. (ئۇلار دېگەن بۇ شەرتلەر تۆۋەندىكىچە) 1- . ﯬﮔﻪﺭ ﺑﯩﺰ ﺳﻪﯰﺩﻯ ﯬﺭﻩﺑﯩﺴﺘﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ. 2- . ﯬﮔﻪﺭ ﺑﯩﺰ ئىسلام ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﺪﻩ ﻳﺎﺷﯩﻤﯩﺴﺎﻕ. 3- ﻳﺎﻛﻰ ﯬﮔﻪﺭ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ئىسلامىي ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ.
سوئالىمغا ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ دىيارىمىزدا ﻳﺎﺷﻘﺎ ﭼﻮﯕﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪﻥ ﺑﯘ توغرىدا ئىزدەنگەن بولساممۇ ئۇنىڭغا دائىر بىرەرمۇ ﻫﻪﺩﯨﺲ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﯩﺪﯨﻢ.
ئىسلام سوئال - جاۋابلىرى تورىنىڭ ئۇيغۇرچە سەھىپىسىدىن (islamqa.info/ug) ئېلىندى.
ﺟﺎﯞﺍﺏ:
ﻣﻪﺩﻫﯩﻴﻪ ﯪﻟﻼﻫﻘﺎ ﺧﺎﺳﺘﯘﺭ.
ﺟﯜﻣﻪ نامىزىدىن كېيىن پېشىن نامىزى ئوقۇش بەزىلەرنىڭ كۆز ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﻛﻜﯩﺪﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺵ- ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ، ئىسلامىي ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻳﺎﻛﻰ بولماسلىق ﯞﻩ ﺧﯩﻼﻓﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯪﻻﻗﯩﺴﻰ ﻳﻮﻕ. ﯬﻫﻠﻰ ﺳﯜﻧﻨﻪ ﯞﻩﻟﺠﺎﻣﺎﯬﮔﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺧﯩﻼﻓﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﯘﺵ- ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﺧﻪﻟﯩﻔﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﻰ ﺟﯜﻣﻪ ﻧﺎﻣﯩﺰﻯ ﯮﻗﯘﺷﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﺗﻰ ﯬﻣﻪﺱ. ( ﻓﻪﺗﯩﯟﺍ ﯬﻝ ﻟﻪﺟﻨﻪ ﯬﻝ ئىلمى8/187 )
بۇ توغرىدا يېتەرلىك ئىلمى يوق ۋەياكى مەلۇماتقا ئىگە بولۇش پۇرسىتى بولمىغان، ﺳﯩﺰ سوئالدا ئېيتقاندەك ئاتالمىش «ﯻﻤﺎﻡ»لارﻧﯩﯔ " ﺟﯜﻣﻪﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﭘﯩﺸﯩﻦ ﻧﺎﻣﯩﺰﻯ ﯮﻗﯘﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﯨﮕﻪ ﺑﯩﺰ مەشھۇر ﯪﻟﯩﻤﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﯧﺮﯨﻤﯩﺰ. ﯪﻟﯩﻤﻼﺭ ﯬﮔﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﺟﯜﻣﻪ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻨﻰ ﯮﻗﯘﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﯰﻧﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﭘﯩﺸﯩﻦ ﻧﺎﻣﯩﺰﻯ ﯮﻗﯘﺷﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭىئەتتە ﻫﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﯮﺭﻧﻰ ﻳﻮﻕ ﯻﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ئىلگىرى سۈرىدۇ. . ﯬﮔﻪﺭ بىراۋ ﺟﯜﻣﻪ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻨﻰ ﯰﻧﺘﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ، ﻳﺎﻛﻰ ﺟﯜﻣﻪ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ۋاقتىدا ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﻪﭘﻪﺭﺩﻩ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﻪﺭ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ جۈمە ﯰﻧﯩﯖﻐﺎ ﭘﻪﺭﺯ ﺑﻮلمايدىغان ئەھۋالدا، ﺟﯜﻣﻪﻧﻰ ﯮﻗﯘﻣﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﭘﯩﺸﯩﻦ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻨﻰ ﯮﻗﯘﺷﻰ ﺯﯙﺭﯛﺭ. ﻫﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ دىنىي كىتابتا ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﯬﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻣﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﺎﻫﺎﺑﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺟﯜﻣﻪ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ پېشىن نامىزى ﯮﻗﯘﻏﺎﻧﻠﯩﻘﻰ قەيت ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﯩﻐﺎﻥ. ﯬﮔﻪﺭ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﭼﻮﻗﯘﻡ ئۇ توغرىدا ھەدىس ۋەياكى ساھابىلارنىڭ كۆز قارىشى ﺧﺎﺗﯩﺮلەنگەن بولاتتى.
(ئىبادەتنى چىن ئىخلاس تەۋرەنمەس ئەقىدە بىلەن پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتىگە مۇۋاپىق ھالدا قىلىش ۋاجىب بولۇپ، ئىباەتنىڭ قوبۇل بولىشىدا، ئىككىلىنىپ ياكى شەكلىنىپ ،ئۇ بولسا بولار، بولمىسا ئۇنىڭ ئورنىغا بۇ بولار دېگەندەك، «ئېھتىياتى پىشىن»گە ئوخشاش (دەلىلسىز، بىدئەت) ئەمەللەرنىڭ كۈندىلىك ئىبادەتلىرىمىزدە يۈز بىرىپ قېلىشىدىن ھەرەز قىلىشىمىز لازىم، م)
ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۇچىدۇر.
* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.
* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.