ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە قارشى چىقىش ياكى نارازىلىق بىلدۈرۈشنىڭ ھۆكمى
سوئال: بەزى كىشىلەر «شەرىئەت ئەھكاملىرىنىڭ بەزىلىرى ئۆزگەرتىش ۋە ئىسلاھات ئىلىپ بېرىشقا مۇھتاج، بەزى شەرئى قانۇنلار بۇ دەۋرگە مۇناسىپ كەلمەيدۇ، ئىسلادىكى مىراس قانۇنىدا ئەر-ئايال باراۋەر ئەمەس» دېگەندەك سەپسەتىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىۋاتىدۇ، بۇنداق دېگۈچىلەرگە ئىسلام دىنى نېمە دەيدۇ؟
ئىسلام سوئال - جاۋابلىرى تورىنىڭ ئۇيغۇرچە سەھىپىسىدىن (islamqa.info/ug) ئېلىندى.
ئىسلام سوئال - جاۋابلىرى تورىنىڭ ئۇيغۇرچە سەھىپىسىدىن (islamqa.info/ug) ئېلىندى.
جاۋاب:
بارچە ھەمدۇ-سانالار ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا خاستۇر.
شۇنى بىلىش لازىمكى، ئىماننىڭ ئۇل - ئاساسى __ پۈتۈن ئىشلاردا ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى تۇتۇش ۋە ئۇنىڭ ھۆكمىگە رازى بولۇشتۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ(تەرجىمە مەنىسى): «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە ۋە ئۆزۈڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر سىلەر بىرەر شەيئىدە ئىختىلاپ قىلىشىپ قالساڭلار، بۇ توغرىدا ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە مۇراجىئەت قىلىڭلار، ئەگەر سىلەر ئاللاھغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە (ھەقىقىي) ئىمان ئېيتىدىغان بولساڭلار، بۇ (يەنى ئاللاھنىڭ كىتابىغا ۋە پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتىگە مۇراجىئەت قىلىش) سىلەر ئۈچۈن پايدىلىقتۇر، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن گۈزەلدۇر» [نىسا سۈرىسى 59-ئايەت].
يەنە بىر ئايەتتە،ئاللاھ تەئالا شۇنداق دەيدۇ (تەرجىمە مەنىسى): «ئۇلار ئۆز ئارىسىدىكى دەتالاشقا سېنى ھۆكۈم چىقىرىشقا تەكلىپ قىلمىغۇچە، ئاندىن سېنىڭ چىقارغان ھۆكمۈڭگە ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى قىلچە غۇم بولسىمۇ يوقالمىغىچە ۋە ئۇلار پۈتۈنلەي بويسۇنمىغىچە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ» [نىسا سۈرىسى 65- ئايەت].
يەنە بىر ئايەتتە ئاللاھ تەئالا شۇنداق دەيدۇ (تەرجىمە مەنىسى): ئۇلار جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ ھۆكمىنى تەلەپ قىلامدۇ؟! (ئاللاھغا) چىن ئىشىنىدىغان قەۋمنىڭ نەزىرىدە ھۆكۈمدە ئاللاھتىنمۇ ئادىل كىم بار؟!» [سۈرە مائىدە 50-ئايەت].
يەنە بىر ئايەتتە ئاللاھ تەئالا شۇنداق دەيدۇ (تەرجىمە مەنىسى): «ئاللاھ ئەڭ ياخشى ھۆكۈم قىلغۇچى ئەمەسمۇ؟» [تىن سۈرىسى 8-ئايەت].
يەنە ئاللاھ تەئالا شۇنداق دەيدۇ (تەرجىمە مەنىسى): «بارچە ھۆكۈملەر پەقەت ئاللاھقىلا مەنسۇپ، ئۇ سىلەرنى پەقەت ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇغان، بۇ توغرا دىندۇر. لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ» [يۈسۈف سۈرىسى 40- ئايەت].
يۇقىرىقى ئايەتلەرگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ دەيمىزكى، ئاللاھنىڭ ئەھكاملىرىنى رەت قىلغانلار، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىغا ھۆكۈم قىلدۇرۇشقا رازى بولمىغۇچىلار ياكى «ئاللاھنىڭ كىتابىدىن ۋە پەيغەمبەر صلى الله عليه وسلم نىڭ سۈننىتىدىن ياخشىراق قانۇنلار بار» دېگۈچىلەر شەكسىز كاپىر بولىدۇ ۋە ئۇ ئىسلام ئۈممىتىدىن ئەمەس.
بۇ ھەقتە ئەللامە شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:
ئاللاھ ئۆزى قۇرئان كەرىمدە بەلگىلىگەن ياكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تىلى بىلەن بايان قىلغان تالاق، نىكاھ، مىراس، بەش ۋاخ ناماز، زاكات، روزا ۋە باشقا پۈتۈن شەرىئەت ئەھكاملىرى ئەڭ توغرا ئەھكاملار بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەمەل قىلىشى پەرز. ھېچكىمنىڭ بۇلارغا قارشى چىقىش ياكى رەت قىلىش ھەققى يوق. بۇ ئىشلاردا نارازىلىق بىلدۈرگەنلەر ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىغا قارشى چىققان بولىدۇ. چۈنكى بۇ شەرىئەت ئاللاھ تەرىپىدىن مۇھەممەد صلى الله عليه وسلم گە ۋەھيى قىلىنىپ، زېمىندا ئىجرا قىلىنىشى تەلەپ قىلىنغان ئىلاھى قانۇندۇر، بۇ قانۇن تا قىيامەتكىچە كۈچكە ئىگىدۇر. «مىراس قانۇنىدا ئەر-ئايال باراۋەر ئەمەس» دېگەن سۆزگە كەلسەك، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مىراس مەسىلىسىنى تەپسىلى چۈشەندۈرىدىغان ئايەتلەرنى نازىل قىلغاندۇر. ئاللاھ تەئالا كائىنات ۋە ئۇنىڭدىكى مەخلۇقاتلارغا نېمىنىڭ مەنپەئەتلىك، قايسى قانۇن - پىرىنسىپ ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى ئەڭ ياخشى بىلگۇچىدۇر. ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ئىسلاھ قىلىنىشقا ئېھتىياجى يوق. كىمىكى بۇنىڭغا ئوخشاش سەپسەتىلەرنى بازار تاپقۇزۇشقا ئۇرۇنىدىكەن، ئۇ شەكسىز كاپىردۇر. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالادىن پۈتۈن مۇسۇلمانلارنى بۇنىڭغا ئوخشاش پىتنىلەردىن ئۆز پاناھىدا ساقلىشىنى تىلەيمەن.
ئەللامە شەيخ ئىبنى بازنىڭ پەتىۋالار توپلىمى 4-توم 415-بەت
* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.
* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.