ئاللاھ تەئالا مۇتلەق ھۆكۈمراندۇر، ئۇ خالىغىنىنى قىلىدۇ.
الله تەئالا شۇنداق دەيدۇ: «مَا نَنسَخْ مِنْ آيَةٍ أَوْ نُنسِهَا نَأْتِ بِخَيْرٍ مِّنْهَا أَوْ مِثْلِهَا ۗ أَلَمْ تَعْلَمْ أَنَّ اللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ {106} أَلَمْ تَعْلَمْ أَنَّ اللَّهَ لَهُ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ... {107}»
«قانداقلا بىر ئايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرساق ياكى ئۇنتۇلدۇرساق، (ئورنىغا) ئۇنىڭدىن ئارتۇق ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئايەتنى كەلتۈرىمىز. ﷲ نىڭ ھەر نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟ {106}ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ﷲ قا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟{107}» [سۈرە بەقەرە].
الله تائالا بۇ ئايەتتە ئۆزى ياراتقان مەخلۇقاتلارنىڭ ئۈستىدە ئۆزىنىڭ ھاكىم ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلار ئۈستىدە ئۆزى خالىغان بويىچە ھۆكۈم يۈرگۈزىدىغانلىقىنى، ئۇلارنى يارىتىش ۋە خالىغان نەرسىگە بۇيرۇشنىڭ ئۆزىگە خاس ئىكەنلىكىنى بەندىلىرىگە بىلدۈردى. ئۇلارنى ئۆزى خالىغان ھالەت بويىچە ياراتتى. خالىغان كىشىنى بەختلىك قىلىدۇ ۋە خالىغان كىشىنى بەختسىز قىلىدۇ. خالىغان كىشىنى ساغلام ۋە خالىغان كىشىنى كېسەلچان قىلىدۇ. خالىغان كىشىنى (قىلغان ئىشلىرىدا) غەلىبە قازاندۇرىدۇ ۋە خالىغان كىشىنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىدۇ. شۇنىڭدەك بەندىلەرنىڭ ئىچىدە ئۆزى خالىغان نەرسىسى بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ. خالىغان نەرسىنى ھالال ۋە خالىغان نەرسىنى ھارام قىلىدۇ. خالىغان نەرسىگە يول قويۇپ، خالىغان نەرسىنى چەكلەيدۇ. ئۇ ئۆزى خالىغان نەرسىسى بىلەن ھۆكۈم قىلغۇچىدۇر. ئۇنىڭ قىلغان ھۆكمىگە ھېچكىم قارشى تۇرالمايدۇ. ئۇ نېمە ئىش قىلسا، ئۇنىڭدىن سوراق سورالمايدۇ. سوراق سورىلىدىغىنى بەندىلەردۇر. ئۇ ھۆكۈمىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق بەندىلەرنىڭ پەيغەمبەرگە بولغان بويسۇنۇشىنى سىنايدۇ. ئۇ كىشىلەرنى پايدىلىق ئىشلارغا بۇيرۇپ، زىيانلىق ئىشلاردىن توسىدۇ.
«بويسۇنۇش» ئاللاھنىڭ بۇيرۇغان ئىشلىرىنى قىلىش، پەيغەمبەرلەر يەتكۈزگەن نەرسىلەرگە قەتئىي ئىشىنىش، توسقان ئىشلاردىن يېنىشتۇر.
ئىمام ئەبۇجەئفەر ئىبنى جەرىر: بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى، ئى مۇھەممەد! ئاسمان – زېمىننىڭ ئىگىدارچىلىقى مېنىڭدىلا ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟ مەن ئاسمان - زېمىندا ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى نەرسىلەردە خالىغىنىمچە ھۆكۈم قىلىمەن. ئۇ ئىككىسىدە ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى نەرسىلەر ئۈستىدە خالىغىنىمنى بۇيرۇيمەن ۋە خالىغىنىمدىن توسۇيمەن. مەن بەندىلىرىمنىڭ ئۈستىدە يۈرگۈزىۋاتقان ھۆكۈملەردىن خالىغان ۋاقىتتا خالىغىنىمنى ئۆزگەرتىپ، خالىغىنىمنى ئۆز پېتى قويۇپ قويىمەن. ئاسمان - زېمىندا خالىغان نەرسىنى بېكىتىمەن دېگەنلىك بولىدۇ،- دېدى.
مەنبە: «ئىبنى كەسىر تەپسىرى» ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى سۈرە بەقەرە 106 ~ 107 – ئايەتلەرنىڭ تەپسىرى.
* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.
* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.