يەھۇدىيلاردىن بولغان ئابدۇللاھ ئىبنى سالام (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ)نىڭ ئىمان ئېيتىشى
ئىمام بۇخارى ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ:
ئابدۇللاھ ئىبنى سالام دېگەن كىشى كۈزلۈك يىغىم ئىشلىرى بىلەن بىر يەردە ئىدى، ئۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ (مەككىدىن مەدىنىگە) كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ: مەن سەندىن پەيغەمبەردىن باشقىسى بىلمەيدىغان ئۈچ مەسىلە سورايمەن. قىيامەتنىڭ دەسلەپكى ئالامىتى نېمە؟ جەننەتكە كىرگەن كىشىلەرنىڭ تۇنجى يەيدىغان تامىقى نېمە؟ تۇغۇلغان بالا نېمە ئۈچۈن ئاتىسىغا ياكى ئانىسىغا ئوخشايدۇ؟- دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا: «سەن سورىغان نەرسىلەرنى بايىلا جىبرىئىل ماڭا خەۋەر قىلغان» دېدى. ئۇ: جىبرىئىل (خەۋەر قىلدىمۇ)؟-دەپ سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھەئە» دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ: (جىبرىئىل) پەرىشتىلەرنىڭ ئىچىدىكى يەھۇدىيلارنىڭ دۈشمىنى،- دېدى. شۇنىڭ بىلەن (پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم):﴿ئېيتقىنكى، جىبرىئىلغا دۈشمەن بولغان ئادەم (الله غا دۈشمەندۇر)، چۈنكى، ئۇ (يەنى جىبرىئىل) الله نىڭ ئەمرى بىلەن ئۆزىدىن ئىلگىرىكىنى (يەنى ساماۋى كىتابلارنى) تەستىق قىلغۇچى، توغرا يول كۆرسەتكۈچى، مۆمىنلەرگە بېشارەت بەرگۈچى قۇرئاننى سېنىڭ قەلبىڭگە نازىل قىلدى﴾ دېگەن ئايەتنى ئوقۇپ (ئۇنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشكە باشلىدى): «قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى شۇكى، بىر ئوت پەيدا بولۇپ كىشىلەرنى شەرق تەرەپتىن سۈرۈپ ئېلىپ بېرىپ غەربكە توپلايدۇ. جەننەتكە كىرگەن كىشىلەرنىڭ تۇنجى بولۇپ يەيدىغان تامىقى لەھەڭنىڭ جېگىرىگە چاپلىشىپ تۇرىدىغان بىر پارچە گۆش بولىدۇ. ئەر كىشىنىڭ ئىسپېرمىسى ئايال كىشىنىڭ ئىسپېرمىسىنى بېسىپ كەتسە بالا ئاتىسىغا ئوخشايدۇ. ئايال كىشىنىڭ ئىسپېرمىسى ئەر كىشىنىڭ ئىسپېرمىسىنى بېسىپ كەتسە، بالا ئانىسىغا ئوخشايدۇ» دېدى. ئۇ: ئەشھەدۇ ئەنلائىلاھە ئىللەللاھ ۋە ئەننەكە رەسۇلۇللاھ (الله تىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ئىلاھ يوق ۋە سەن جەزمەن الله نىڭ پەيغەمبىرىدۇرسەن) ئىمان ئېيتىپ: ئى الله نىڭ پەيغەمبىرى! يەھۇدىيلار (كىشىلەرگە بەك) بوھتان چاپلايدىغان مىللەت، سەن ئۇلاردىن مېنىڭ ئەھۋالىمنى سوراشتىن بۇرۇن، ئۇلار مېنىڭ ئىسلامغا كىرگەنلىكىمنى ئاڭلىسا، ماڭا بوھتان چاپلايدۇ (يەنى ئۇلار مېنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىمنى بىلىشتىن بۇرۇن، سەن ئۇلاردىن مېنىڭ ئەھۋالىمنى سوراپ باق)،- دېدى. يەھۇدىيلارنىڭ ھەممىسى كەلدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلاردىن: «ئابدۇللاھ ئىبنى سالام قانداق ئادەم؟» دەپ سورىدى. ئۇلار: (ئۇ) بىزنىڭ ئىچىمىزدىكى ئەڭ ياخشى كىشى ۋە ئەڭ ياخشى كىشىنىڭ ئوغلى، بىزنىڭ كاتتىمىز ۋە كاتتىمىزنىڭ ئوغلى،- دەپ جاۋاب بەردى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلاردىن: «ئۇ ئىسلامغا كىرسە، سىلەر ئۇنىڭغا قانداق قارايسىلەر؟» دەپ سورىدى. ئۇلار: (ئۇنىڭ ئىسلامغا كىرىپ قېلىشىدىن) الله ئۇنى ساقلىسۇن» دەپ جاۋاب بەردى. ئاندىن ئابدۇللاھ ئۇلارنىڭ قېشىغا چىقىپ: ئەشھەدۇ ئەنلائىلاھە ئىللەللاھ ۋە ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدۇر رەسۇلۇللاھ،- دەپ جاكارلىۋىدى، ئۇلار (بىردەكلا): ئۇ بىزنىڭ ئىچىمىزدىكى ئەڭ يامان كىشى ۋە ئەڭ يامان كىشىنىڭ ئوغلى،- دەپ ئۇنى سۆكۈشكە باشلىدى. ئاندىن (ئابدۇللاھ): ئى الله نىڭ پەيغەمبىرى! مەن مۇشۇ ئىشتىن قورققانىدىم،- دېدى.
* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.
* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.