دەججال ھەققىدە بىر ھەدىس

 فاتىمە بىنتى قەيس رەزىيەللاھـۇ ئەنھادىن مۇنـداق رىـۋايەت قىلىنىـــدۇ: پەيغەمـــبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ جاكارچىســـىنىڭ: «ئەي جامائەت، نامازغا كېلىڭلار!» دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلاپ، مەسجىدكە بېرىـپ، پەيغەمــبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىــلەن بىــرگە نامــاز ئوقــۇدۇم. ئەرلەرنىــڭ ئارقىسـىدا سـەپ تۇتـۇپ تۇرغـان ئاياللارنىـڭ قاتارىـدا ئىـدىم. پەيغەمـبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نــامىزىنى ئوقــۇپ بولغانــدىن كېــيىن، كۈلۈمســىرىگەن ھالدا مۇنبەردە ئولتۇرۇپ:
ـــ ھـېچكىم (نامـاز ئوقۇغـان) يېرىـدىن قىمىرلىمىسـۇن! ـــ دېـدى.
ئاندىن:
ـ سىلەرنى نېمە ئۈچۈن يىغقىنىمنـى بىلەمسـىلەر؟ ـ دەپ سـورىدى.
جامائەت:ـــ اللە ۋە ئۇنىـڭ پەيغەمبىـرى بىلگۈچىـدۇر، ـ دېيىشـتى. پەيغەمـبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
ـ اللەنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن سـىلەرنى بىـر ئىشـقا رىغبەتلەندۈرۈش يـاكى ئۇنىڭـدىن ئاگاھلانـدۇرۇش ئۈچـۈن چاقىرمىـدىم، بەلكـى شـۇنىڭ ئۈچـۈن چـاقىردىمكى، تەمىـم دارى بىـر ناسـارا ئىـدى، ئـۇ كېلىــپ، ماڭــا بەيــئەت قىلىــپ مۇســۇلمان بولــدى. ئــۇ ماڭــا مېنىــڭ سىلەرگە دەججال ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەنلىرىمگە ئوخشاپ كېتىـدىغان مۇنداق بىر ۋەقەنـى سـۆزلەپ بەردى: مەن لەخـم ۋە جـۇزام قەبىلىسـىدىن 30 كىشى بىلەن بىرلىكتە كېمىگە چىقتىم. كېمىـدە بىـر ئـاي دېڭىـز دولقۇنلىرى بىلەن ئېلىشتۇق. دولقۇنلار بىزنى كۈن پېتىش تەرەپتىكى بىر ئارالغا ئېلىپ باردى. كېيىن كىچىك قېيىقلارغا ئولتـۇرۇپ ئارالغـا كىردۇق. ئالدىمىزغا ئاجايىپ تۈكلـۈك بىـر مەخلـۇق ئۇچرىـدى. ئۇنىـڭ
تـۈكى شـۇنداق كـۆپ ئىكەنكـى، ئارقـا تەرىپىـدىن قارىسـا، ئالـدى تەرىپـى كۆرۈنمەيـدىكەن. ئۇنىڭـدىن: سـەن كىـم؟ ـ دەپ سـورىغانىدۇق، ئـۇ: مەن جەسساسە، ـ دېدى. بىز: جەسساسە دېگەن نېمە؟ ـ دەپ سـورىدۇق. ئـۇ: ئـى جامائەت! چېركاۋدىكى پالانى ئادەمنىـڭ يېنىغـا بېـرىڭلار، ئـۇ سـىلەرنى
تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتىدۇ، ـ دېدى. ئۇنىـڭ سـۆزىنى ئـاڭلاپ قورقتـۇق ۋە ئۇنىــڭ شــەيتان بولــۇپ قېلىشــىدىن گۇمانلانــدۇق. دەرھــال چېركاۋغــا بېرىپ، قامىتى بەكمۇ يوغان بىر ئادەمنى كۆردۇق. ھايـاتىمىزدا بۇنـداق قامەتلىك ئادەمنى كۆرۈپ باقمىغانىدۇق. ئۇنىڭ قوللىرى بوينىغا چىڭ
باغلانغان بولۇپ، تىزىنىڭ تـۆۋىنىگە ئىشـكەل سـېلىنغانىدى. ئۇنىڭغـا: ۋاي بىچــارە! بــۇ نــېمە ئەھــۋال؟ ـ دەپ ســورىدۇق. ئــۇ: ســىلەر مېنىــڭ ھالىمدىن خەۋەر تاپتىڭلار، ئەمـدى ئـۆزەڭلارنى تونۇشـتۇرۇڭلار! ــ دېـدى.
بىز: بىز ئەرەبلەردىن بىـر جامـائەتمىز، كـېمىگە چىقىـپ دېڭىزغـا يـول ئالـدۇق. دېڭىـز دولقـۇنلىرى بىـز بىـلەن بىـر ئـاي ئېلىشـتى، ئـاخىرى دولقۇنلار بىزنى بۇ ئارالغا ئېلىـپ كەلـدى. قېيىقلارغـا ئولتـۇرۇپ ئارالغـا كىرىپ كەلـدۇق. ئانـدىن پۈتـۈن بەدىنىنـى تـۈك بېسـىپ كەتـكەن بىـر مەخلۇقنى ئۇچراتتۇق. ئۇنىڭ بەدىنىدىكى تۈكنىڭ كۆپلۈكىدىن ئالـدى بىــلەن ئارقىســىنى پەرق ئەتكىلــى بولمــايتتى. ئۇنىــڭ كىملىكىنــى ســورىغانىدۇق. ئــۇ ئۆزىنىــڭ جەسساســە ئىكەنلىكىنــى ئېيتتــى. بىــز جەسساسەنىڭ نېمىلىكىنى سورىغانىدۇق، ئۇ بىزنىـڭ مۇشـۇ چېركاۋغـا كېلىشـىمىزنى، بـۇ يەردە بىزنـى كۈتۈۋاتقـان ۋە خەۋىرىمىـزگە تەشنا بولۇۋاتقـان بىرىنىـڭ بـارلىقىنى ئېيتتـى. ئۇنىـڭ سـۆزىگە ئاساسـەن بـۇ يەرگە كەلــدۇق ۋە ســېنى كــۆردۇق. ئۇنىــڭ شــەيتان ئىكەنلىكىــدىن گۇمانلاندۇق، ـ دېدۇق. ئۇ: ماڭا بەيسان خورمىلىقىـدىن خەۋەر بېـرىڭلار؟ ـ دېدى. بىز: ئـۇنى نـېمە ئۈچـۈن سـوراپ قالـدىڭ؟ ـ دېۋىـدۇق، ئـۇ: ئۇنىـڭ خورمىســىنى ســورىماقچىمەن، ئــۇ خورمــا دەرەخلىــرى ھــازىرمۇ مېــۋە 
بېرىۋاتامدۇ؟ ـ دەپ سورىدى. بىز: ھەئە، ـ دېدۇق. ئۇ: ئەممـا ئۇنىـڭ خورمـا بەرمەســلىكىگە ئــاز قالــدى. ئەمــدى تەبەرىــيە كــۆلى ھەققىــدە خەۋەر بېرىڭلار! ـ دېدى. بىز: ئۇنىڭ نېمىسىنى سورايسـەن؟ ـ دېگەنىـدۇق، ئـۇ: ئۇنىڭدا سۇ بارمۇ؟ ـ دەپ سورىدى. بىز: سـۈيى كـۆپ، ـ دېـدۇق. ئـۇ: ئەممـا
ئۇنىڭ سۈيىنىڭ تۈگىشىگە ئـاز قالـدى. ئەمـدى زۇغەر بـۇلىقى ھەققىـدە خەۋەر بېرىڭلار؟ ـ دېدى. ئۇنىڭدىن: ئۇنىڭ نېمىسىنى سورايسـەن؟ ـ دەپ سورىغانىدۇق، ئۇ: ئۇ بۇلاقتـا ھـازىرمۇ سـۇ بـارمۇ؟ ئـادەملەر ئۇنىـڭ سـۈيى
بىلەن ئېتىزلىرىنـى سـۇغۇرىۋاتامدۇ؟ ـ دەپ سـورىدى. بىـز: ھەئە، ئۇنىـڭ سـۈيى كـۆپ، ئۇنىـڭ سـۈيىدىن ئـادەملەر ئېتىزلىرىنـى سـۇغىرىۋاتىدۇ، ـ دېـدۇق. ئـۇ: ئەمـدى ساۋاتسـىز پەيغەمبەرنىـڭ نــېمە ئىـش قىلغـانلىقى
ھەققىدە خەۋەر بېرىڭلار! ـ دېدى. بىز: ئۇ مەككىدىن چىقىپ، مەدىـنەگە كەلدى، ـ دېدۇق. ئۇ: ئەرەبلەر ئۇنىڭغا قارشى ئۇرۇشتىمۇ؟ ـ دەپ سـورىدى.
بىز: ھەئە، ـ دېدۇق. ئۇ: ئۇلارنى نېمە قىلدى؟ ـ دەپ سورىدى. بىز: ئۇلارنى مەغلـۇب قىلـدى ۋە ئـۇلار ئۇنىڭغـا بويسـۇندى، ـ دېـدۇق. ئـۇ: ھەقىـقەتەن شـۇنداق بولـدىمۇ؟ ـ دەپ سـورىدى. بىـز: ھەئە، ـ دېـدۇق. ئـۇ: ئۇلارنىـڭ ئۇنىڭغـــا بويسۇنىشـــى بەكمـــۇ ياخشـــىدۇر، مەن ســـىلەرگە ئـــۆزەمنى
تونۇشــتۇراي. مەن دەججــال بــولىمەن. يەر يــۈزىگە چىقىشــىم ئۈچــۈن رۇخسەت بېرىلىدىغانغا ئاز ۋاقىت قالدى. مەن مەككە بىلەن مەدىنىدىن باشــقا ھەمــمە يەرنــى كېزىــپ، يەر يۈزىــدە 40 كــېچە تــۇرىمەن. مېنىــڭ
مەككە بىلەن مەدىـنىگە كىرىشـىم ھـارام قىلىنغـان. چـۈنكى ئۇلارنىـڭ قايسىبىرىگە كىرىشنى خالىسـام، قولىـدا قىلىـچ تۇتقـان بىـر پەرىشـتە مېنى ئـۇ يەردىـن يىراقلاشـتۇرىدۇ. چـۈنكى ئۇنىـڭ ھەر بىـر ئىشـىكىنى قوغداشقا مەسئۇل پەرىشتىلەر بار، ـ دېدى.
بـــۇ ۋەقەنـــى ئاڭلاتقانـــدىن كېـــيىن، پەيغەمـــبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھاسىسىنى مۇنبەرگە ئۇرۇپ تۇرۇپ: ـــ بــۇ تەيــبە، بــۇ تەيــبە، بــۇ تەيــبە (يەنــى مەدىــنە)، بــۇنى ســىلەرگە ئاڭلاتمىغانمىدىم؟ ـ دېدى. جامائەت بىردەك: ـ ئاڭلاتقانىدىلە، ـ دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ـ تەمىمنىڭ ئېيتقانلىرى مېنى ھەيـران قالـدۇردى. چـۈنكى ئۇنىـڭ ئېيتقانلىرى مېنىڭ سىلەرگە مەككە بىلەن مەدىنە ھەققىـدە ئېيتقـان سۆزلىرىمگە بەكمـۇ ئوخشـايدۇ. ئاگـاھ بولـۇڭلاركى، ئـۇ شـام يـاكى يەمەن دېڭىزىدا. ياق، شەرق تەرەپتە. شۇنداق، ئۇ شەرق تەرەپتىن زاھىر بولىدۇ، شەرق تەرەپتىن زاھىـر بولىـدۇ، ـ دېـدى ۋە قـولى بىـلەن شـەرق تەرەپنـى كۆرسەتتى.
فـــاتىمە رەزىيەللاھـــۇ ئەنھا: مەن پەيغەمـــبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن مۇشۇنداق ئاڭلاپ ياد ئېلىۋالغانىدىم، ـ دېگەن.

سەھىھۇل مۇسلىم 2942 – ھەدىس. جەمىئۇلفەۋائىد 9918 – ھەدىس


* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟