ئەھلى سۈننەت بىلەن شىئەلەرنى بىرلەشتۈرگىلى بولامدۇ؟


سوئال: شىئەلەرنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخىغا كۆرە، سىلەرنىڭ ئەھلى سۈننەت بىلەن شىئە مەزھىپىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە بولغان كۆز قارىشىڭلار قانداق؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئىسلام سوئال - جاۋابلىرى تورىنىڭ ئۇيغۇرچە سەھىپىسىدىن (islamqa.info/ug) ئېلىندى.

جاۋاب: ئەقىدىدىكى ئوخشاشماسلىق سەۋەبلىك، ئەھلى سۈننەت بىلەن شىئەلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈش مۇمكىن بولـمايدۇ. ئەھلى سۈننەت جامائىتىنىڭ ئەقىدىسى بولسا: ئاللاھنىڭ ۋەھدانىيىتىنى بارلىق ئەمەللەردە نامايەندە قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئىبادەتنى ئىخلاس بىلەن يەككە-يېگانە ئاللاھقا قىلىش ۋە ئۇنىڭ گۈزەل ئىسىم-سۈپەتلىرىدە ھېچ ئوخشىشى يوق دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. شۇنداقلا ئۇلار دۇئادا: كىم بولۇشتىن قەتئىي نەزەر (مەيلى ئۇ ئاللاھقا يېقىن پەرىشتە ياكى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر بولسۇن)، ھېچقاچان ئاللاھنىڭ غەيرىدىن ھاجەتلىرىنى سورىمايدۇ ۋە ئاللاھ تائالا بارلىق غەيبى ئىشلارنى بىلىدۇ دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ.
ساھابە كىراملارنى (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) سۆيۈش، ئۇلارنىڭ ئابرۇيىنى قوغداش، ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھتىن رازىلىق تىلەش، ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلەردىن قالسىلا ئەڭ ئەۋزەل كىشىلەر ئىكەنلىكىگە ئىمان كەلتۈرۈش، شۇنداقلا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئەڭ ئەۋزەلراقى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىكەنلىكىگە ئىمان كەلتۈرۈش بولسا ئەھلى سۈننە جامائىتى ئەقىدىسىنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

شىئەلەرنىڭ ئەقىدىسى دەل يۇقىرىقىلارنىڭ ئەكسىچە بولۇپ (ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆزىنىڭ ئىماملىرىنى پەيغەمبەرلەردىن ئۈستۈن دەپ قارايدۇ؛ ئەبۇ بەكىر، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانى، ئائىشە، ھەفىسە ئانىلىرىمىزنى ھاقارەتلەيدۇ (ئاللاھ مۇشۇنداق قىلغان مەلئۇنلارنىڭ جاجىسىنى بەرگەي)، بۇ ئىككى ئەقىدىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، خۇددى يەھۇدى بىلەن خرىستىئانلارنى، بۇتپەرەسلەر بىلەن ئەھلى سۈننەت جامائىتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش مۇمكىن بولـمىغىنىدەك بىر ئىشتۇر. يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك، ئەقىدىدىكى ئوخشاشماسلىق سەۋەبلىك، شىئەلەر بىلەن ئەھلى سۈننە جامائىتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش مۇمكىن بولـمايدۇ».

بۇ ھەقتە تېخىمۇ ئەتراپلىق مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئەللامە شەيخ ئىبن ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھنىڭ (ئۇيغۇرچە خەت كىرىشتۈرۈلگەن) تۆۋەندىكى فىلىمىنى كۆرۈڭ.

ئەھلى سۈننەت بىلەن شىئەلەرنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ مۇھىم پەرق


* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟