ئاينىڭ يېرىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئايەت - ھەدىسلەر
ئاللاھ تەئالا شۇنداق دېگەن: «اقْتَرَبَتِ السَّاعَةُ وَانشَقَّ الْقَمَرُ» «قىيامەت يېقىنلاشتى، ئاي يېرىلدى» [سۈرە قەمەر 1 - ئايەت].
1.ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتىدۇكى، رەسۇلۇللاھ صلى الله عليه وسلم نىڭ زامانىدا، ئاي ئىككىگە يېرىلدى. شۇنىڭ بىلەن، رەسۇلۇللاھ صلى الله عليه وسلم (بۇ ھەقتە) «گۇۋاھ بولۇڭلار!» دېدى.
[سەھىھۇل بۇخارى 3636 - ھەدىس].
2.ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتىدۇكى، مەككىلىكلەر رەسۇلۇللاھ صلى الله عليه وسلم دىن مۆجىزە كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ (پەيغەمبەر صلى الله عليه وسلم) ئۇلارغا ئاينىڭ يېرىلىشىنى كۆرسەتتى.
[سەھىھۇل بۇخارى 3637 - ھەدىس].
3.ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئېيتىدۇكى، پەيغەمبەر صلى الله عليه وسلم نىڭ زامانىدا ئاي يېرىلغان.
[سەھىھۇل بۇخارى 3638 - ھەدىس].
* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.