ئىسلام دىنىغا كىرمەكچى بولغان كىشىنىڭ پەيغەمبەر صلى الله عليه وسلم نىڭ ئىسمىنى بىلىشى شەرتمۇ؟

    سوئال: ئىسلام دىنىغا كىرىشنى مەقسەت قىلغان بىر كىشى ئىنسانلارغا پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەنلىكىنى بىلسە، ئۇنىڭغا ئىشەنسە، لېكىن پەيغەمبەر صلى الله عليه وسلم نىڭ ئىسمىنى بىلمىسە، ئۇ كىشى (رەسۇلۇللاھ صلى الله عليه وسلم نىڭ ئىسمىنى بىلمەي تۇرۇپ) ئىسلام دىنىغا كىرىۋېرەمدۇ ياكى ئالدى بىلەن پەيغەمبەر صلى الله عليه وسلم نىڭ ئىسمىنى بىلىپ ئاندىن كىرەمدۇ؟ ئۇ كىشى پەيغەمبەر صلى الله عليه وسلم نىڭ «مۇھەممەد» دېگەن ئىسمىنى بىلمىسىمۇ كۇنيەسى (ئەبۇلقاسىم) دېگەندەك ياكى «ئەھمەد، ماھى» دېگەندەك باشقا ئىسىملىرىنى بىلسىمۇ بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئىسلام سوئال - جاۋابلىرى تورىنىڭ ئۇيغۇرچە سەھىپىسىدىن (islamqa.info/ug) ئېلىندى.
239026-نومۇرلۇق سوئال
  
جاۋاپ:
  بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدكە، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت - سالاملىرى بولسۇن.

   ئىنسان مۇسۇلمان بولۇش ياكى ئىسلام دىنىغا كىرىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن "‏لا اله الا الله محمد رسول الله" "ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر، مۇھەممەد (صلى الله عليه وسلم) ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر" دېگەن بۇ ئىككى شاھادەت كەلىمىسىنى تىلى بىلەن ئېيتىشقا قادىر بولالىسا تىلى بىلەن ئېيتىپ، ئۇنىڭ مەنىسىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك. 
ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: "مۇھەددىسلەر، پىقھى ئالىملىرى، تەۋھىد ئالىملىرىدىن ئىبارەت ئەھلى سۈننەت ئالىملىرى: قىبلە ئەھلىدىن ، دوزاختا مەڭگۈ قالمايدۇ دەپ ھۆكۈم قىلىنىدىغان مۆمىن دېگەن: ئىسلام دىنىغا چىن دىلىدىن، ھېچ قانداق شەك-شۈبھىسىز  كەسكىن ئېتىقاد قىلىپ، تىلى بىلەن ئىقرار قىلغان كىشىدۇر. ئەگەر ئىككى شاھادەت كەلىمىسىنىڭ بىرىنى دەپ يەنە بىرىنى دېمىسە ئۇ كىشى ھەرگىزمۇ قىبلە ئەھلى ھېسابلانمايدۇ، پەقەت شاھادەت كەلىمىسىنى تولۇق ئېيتىشتا تىلىدا بىر ئەيىب بولسا ياكى ئېغىر كېسەللىك سەۋەبىدىن بۇنى ئېيتىش ئىمكانىيىتى بولمىسا ئۇ ۋاقىتتا ئۇ كىشى مۇئمىن ھېسابلىنىدۇ دېگەنگە بىرلىككە كەلدى". ["ئىمام نەۋەۋىينىڭ سەھىھۇل مۇسلىمغا يازغان شەرھىسى"1-توم 149-بەت].

   شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىسلام دىنىغا كىرىش ئۈچۈن، سۆزلىيەلەيدىغانلىكى كىشىنىڭ ئىككى شاھادەت كەلىمىسىنى تىلى بىلەن سۆزلىشى زۆرۈر، لېكىن تىلى بىلەن ئېيتىشتىن باش تارتقان كىشى بۇ ئىككى شاھادەت كەلىمىسىنى سۆزلىمىگىچە، ئاندىن سۆزلەش بىلەن مەنىسىگە  ئېتىقاد قىلىپ، دىلى بىلەن تەستىقلىمىغۇچە ئىسلام دىنىغا كىرەلمەيدۇ. بۇ ئۆلىمالار ئارىسىدا بىرلىككە كەلگەن مەسىلىدۇر". [شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 5-توم 340-بەت].

   تىلى ئاجىزلىق سەۋەبىدىن بۇ ئىككى شاھادەت كەلىمىسىنى ئېيتىشقا قادىر بولالمىغان كىشى، بۇنى يېزىشقا قادىر بولالىسا يېزىپ ياكى ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان مەلۇم بىر ھەرىكەتلەر بىلەن ئۆزىنىڭ رازى بولۇپ ئىسلامنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئارقىلىق مۇسۇلمان بولىدۇ". بۇ ھەقتە 224858-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

   ئىككىنچى: شاھادەت كەلىمىسىدە پەيغەمبەر صلى الله عليه وسلم نىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىش زۆرۈر، بۇنىڭدا پەيغەمبەر صلى الله عليه وسلم نىڭ «مۇھەممەد، ئەھمەد، ماھىي» قاتارلىق ھەممە ئىسمى ئوخشاش، شۇنىڭدەك ئەبۇلقاسىم دېگەندەك كۇنيەسىمۇ ئوخشاش.

   ھىلمىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " كاپىر: "‏لا اله الا الله أَحْمَدُ رسول الله" ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ مەبۇد ھەق يوقتۇر، ئەھمەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر دېسە، بۇ مۇھەممەد (صلى الله عليه وسلم) ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دېگەن بىلەن ئوخشاشتۇر. ئاللاھ تائالا ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ بەنى ئىسرائىلغا دېگەن سۆزىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمُبَشِّرًا بِرَسُولٍ يَأْتِي مِن بَعْدِي اسْمُهُ أَحْمَدُ﴾ (تەرجىمىسى): «مەندىن كېيىن كېلىدىغان ئەھمەد ئىسىملىك پەيغەمبەر بىلەن خۇشخەۋەر بەرگۈچى پەيغەمبەرمەن» دېدى» [سۈرە سەپ 6-ئايەت]. بۇ ئىككى ئىسىمنىڭ مەنىسى بىردۇر، ئەھمەد بىلەن مۇھەممەدنىڭ ئارىسىدا ھېچقانداق پەرق يوق. شۇنىڭدەك "ئەبۇلقاسىم ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر" دېسىمۇ توغرا بولىدۇ. ["ھىلمىينىڭ"ئىمان شاخلىرىدىكى پىرىنسىپ" ناملىق ئەسىرى 1-توم 140-بەت].

  ئۈچىنچى: بىر كىشى ئىنسانلار ئۈچۈن بىر پەيغەمبەرنىڭ بارلىقىنى، ئاللاھنىڭ ئۇ پەيغەمبەرنى بارلىق ئىنسانلارغا ئەۋەتكەنلىكىنى بىلسە، لېكىن ئۇنىڭ ئىسمىنى بىلمەيلا ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرگەن بولسا، بۇنىڭغا تىلى بىلەن شاھادەت كەلتۈرگەن بولسا ياكى مەن مۇسۇلمان بولدۇم دېگەن بولسا ياكى مۇسۇلمانلار ئىمان ئېيتقان پەيغەمبەرگە ئىمان ئېيتتىم دېگەن بولسا بۇ كىشى مۇسۇلمان ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا پىرئەۋننىڭ سۇغا غەرق بولغان ۋاقتىدىكى ئەھۋالىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿ آمَنْتُ أَنَّهُ لا إِلَهَ إِلاَّ الَّذِي آمَنَتْ بِهِ بَنُو إِسْرَائِيلَ وَأَنَا مِنْ الْمُسْلِمِينَ﴾ تەرجىمىسى: «پىرئەۋن غەرق بولىدىغان ۋاقىتتا «ئىمان ئېيتتىمكى، ئىسرائىل ئەۋلادى ئىمان ئېيتقان ئىلاھتىن غەيرىي ئىلاھ يوقتۇر، مەن مۇسۇلمانلاردىنمەن» دېدى. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ بۇ سۆزىگە رەددىيە قايتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿الآنَ وَقَدْ عَصَيْتَ قَبْلُ وَكُنْتَ مِنْ الْمُفْسِدِينَ﴾ تەرجىمىسى: «ئەمدىمۇ؟ (يەنى ھاياتتىن ئۈمىد ئۈزگىنىڭدە، 
ئەمدى ئىمان ئېيتامسەن؟) ئىلگىرى ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغان ۋە بۇزغۇنچىلاردىن بولغان ئىدىڭ؟!.» [سۈرە يۈنۈس 90-91-ئايەتلەر].
   يۇقىرىدىكى ئايەت شۇنى ئىپادىلەيدۇكى، ئەگەر پىرئەۋن بۇ سۆزنى سۇغا غەرق بولۇشتىن بۇرۇن (يەنى بېشىغا ئۆلۈم كەلمەستە) دېگەن بولسا، ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن بۇ سۆز قوبۇل قىلىناتتى.
  
ئەگەر كاپىر ئۆزىنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرگەنلىكىنى، مۇھەممەد صلى الله عليه وسلم گە ئىمان ئېيتقانلىقىنى بىلدۈرىدىغان بىر سۆزنى دېسە، بۇ سۆز ئۇنىڭدىن قوبۇل قىلىنىدۇ، ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ، ئاندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئىككى شاھادەت كەلىمىسى مۇكەممەل شەكىلدە ئۆگىتىلىدۇ.
   ئەگەر كاپىر پەقەت: ‏"لا إله إلا الله" "ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ مەبۇد يوق" دېگەن بولسا، ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ، ئاندىن پەيغەمبەر صلى الله عليه وسلم نىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىپادىلەيدىغان شاھادەت كەلىمىسى ئۆگىتىلىدۇ ۋە بۇنى دېيىشكە بۇيرۇلىدۇ.

  شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ كاپىرنى ئىككى شاھادەت كەلىمىسىنى ئېيتىشقا بۇيرۇش توغرىسىدىكى بەزى ھەدىسلەرنى زىكىر قىلغاندىن كېيىن: بۇ دەلىللەر ۋە بۇنىڭ ئوخشاشلىرى مۇسۇلمان بولۇشنىڭ پەقەت ئىككى شاھادەت كەلىمىسىنى كەلتۈرۈش بىلەن بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ دېدى.
   لېكىن بۇ يەردە بەزى دەلىللەرگە ئاساسەن، ئىنسان ئاۋۋالقى شاھادەت كەلىمىسىنى كەلتۈرسە، يەنى "‏لا إله إلا الله" «ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ مەبۇد يوقتۇر» دېگەن سۆزنى ئېيتسا، بۇ ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ھەدىسلەردىن: ئۇسامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قىستاپ كەلگەن مۇشرىكنىڭ ۋەقەلىكىدە، ئۇسامە مۇشرىكنى قىستاپ كەلگەندە، ئۇ مۇشرىك:"‏لا إله إلا الله" "ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ مەبۇد ھەق يوقتۇر"دېگەن ئىدى، ئۇسامە ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتى، مەدىنىگە قايتىپ كېلىپ بۇ ئەھۋالنى پەيغەمبەر صلى الله عليه وسلم گە خەۋەر قىلغاندا، پەيغەمبەر صلى الله عليه وسلم ئۇسامەگە: ئۇنى ‏"لا إله إلا الله" ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر دېگەندىن كېيىن ئۆلتۈردۈڭمۇ؟ دېۋىدى، ئۇسامە: ھەئە، لېكىن ئۇ بۇ سۆزنى ئۆلۈمدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئېيتتى، دېدى، پەيغەمبەر صلى الله عليه وسلم: ئۇنى ‏"لا إله إلا الله"ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ مەبۇد ھەق يوقتۇر دېگەندىن كېيىن ئۆلتۈردۈڭمۇ؟ دېگەن سۆزنى تەكرارلىدى، ھەتتا ئۇسامە: مەن مۇشۇ كۈندىن كېيىن مۇسۇلمان بولغان بولسامچۇ، دېگەننى ئارزۇ قىلىپ كەتتىم، دەيدۇ». چۈنكى ئۇ يېڭىدىن مۇسۇلمان بولغان بولسا ئىدى، ئىسلام ئۇنىڭ ئىلگىرىكى خاتالىقلىرىنى ئۆچۈرىۋېتەتتى.

 بۇ ھەدىس ‏"لا إله إلا الله" ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ مەبۇد ھەق يوقتۇر دېگەن سۆز بىلەن كىشىنىڭ مۇسۇلمان بولىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ بىلەن ھاياتىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر صلى الله عليه وسلم  تاغىسى ئەبۇ تالىپ سەكراتقا چۈشكەندە، تاغىسىغا: «ئى تاغا! ‏"لا إله إلا الله" ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ مەبۇد ھەق يوقتۇر دېگىن، بۇ سۆز بىلەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا دەلىل كەلتۈرىمەن» دېدى، پەيغەمبەر صلى الله عليه وسلم بۇ يەردە "‏محمد رسول الله" «مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسى» دېگەن ئىككىنچى شاھادەت كەلىمىسىنى زىكىر قىلمىدى.
  بۇ دەلىللەردىن ماڭا ئاشكارا بولغىنى: ئىنسان "‏لا إله إلا الله" ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ مەبۇد ھەق يوقتۇر دېگەن شاھادەت سۆزىنى كەلتۈرسە، ھەقىقەتەن ئىسلامغا كىرگەن بولىدۇ، ئاندىن كېيىن "‏محمد رسول الله" «مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر»دېگەن شاھادەت سۆزىنى ئېيتىشقا بۇيرۇلىدۇ. ["شەرھىل مۇمتىئ" ناملىق ئەسەر 14-توم 464-466-بەت].
  
ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.


* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟