ئاللاھ تەئالا كىمگە ياخشىلىق ئىرادە قىلسا...

«ئۇيغۇر ئىسلام بىلوگى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.
ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر ﷺ شۇنداق دېگەن: «مَنْ يُرِدِ اللَّهُ بِهِ خَيْرًا يُفَقِّهْهُ فِي الدِّينِ» «ئاللاھ كىمگە ياخشىلىق ئىرادە قىلسا، ئۇنى دىندا فەقىھ (يەنى ئىسلامنى چۈشىنىدىغان) قىلىدۇ» [روى البخاري (71) ، ومسلم (1037)].
بۇ ھەدىس شۇنى كۆرسىتىدۇكى، بىر شەخسكە، مىللەتكە، دۆلەتكە نېسىپ بولغان ياخشىلىق ۋە بەختنىڭ ئالامىتى ئاللاھ تەئالانىڭ ئۇلارنى ئىسلامنى چۈشىنىدىغان قىلىشىدۇر. چۈنكى، ئىسلامنى چۈشىنىش، ئىسلامىي ھۆكۈملەرنى بىلىش، ھازىر ۋە كېلەچەكتە نېمىلەرنى قىلىش كېرەكلىكىنى (ئىسلام دىنىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە) بىلىش مۇسۇلماننىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىدىن بىرى، شۇنداقلا ئاللاھ تەئالانىڭ ئۇلارغا ياخشىلىق ئىرادە قىلغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر.[ئەللامە شەيخ بىن باز رەھىمەھۇللاھنىڭ پەتىۋا ۋە ماقالىلەر توپلىمى 5 - توم 104 - بەت]
تابىئىن ئىمام مۇھەممەد ئىبنى كەئىب ئەلقۇرەزى رەھىمەھۇللاھ شۇنداق دېگەن: «ئەگەر ئاللاھ بىر بەندىگە ياخشىلىق ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭغا ئۈچ خىسلەتنى ئاتا قىلىدۇ. (1) ئۇنى دىندا فەقىھ قىلىدۇ (2) دۇنيادا ئاز نەرسىگە قانائەت قىلىدىغان قىلىدۇ (3) ئۇنى ئۆزىنىڭ ئەيىبلىرىنى كۆرەلەيدىغان قىلىدۇ» [ئىمام ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك رەھىمەھۇللاھنىڭ «كىتابۇز زۇھد» 282 - نومۇر؛ ئىمام ئىبن جەۋزى «سىفەتۇس سەفۋا» تۈركچە نەشرى 436 - بەت].

ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ. 

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟