ئايال كىشى تەگمەكچى بولغان ئەرگە «مېنى تالاق قىلمايسىز» دەپ شەرت قويسا بولامدۇ؟

ئىككى ھەرەمنىڭ ئۇستازى، ئەللامە شەيخ ئابدۇلئەزىز بىن باز رەھىمەھۇللاھتىن سورالدىكى: بىر ئايال بىر ئەرگە نىكاھلىنىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭغا «مېنى تالاق قىلمايسىز» دېگەن شەرتنى قويسا، ئەرمۇ بۇ شەرتنى قوبۇل قىلسا، بۇ شەرت دۇرۇس بولامدۇ؟ بۇنىڭدىن باشقا، ئايال كىشى «نىكاھنى بۇزۇش/تالاق قىلىش ھوقۇقى مېنىڭ قولۇمدا بولسۇن» دەپ شەرت قويسا بولامدۇ؟

جاۋاب: (ئايال ئوتتۇرىغا قويغان) بۇ شەرت دۇرۇس ئەمەس. ئەركىشى ئايالىنى خالىغان ۋاقىتتا تالاق قىلالايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئايال كىشىنىڭ «نىكاھنى بۇزۇش/تالاق قىلىش ھوقۇقى مېنىڭ قولۇمدا بولسۇن» دەپ شەرت قويۇشىمۇ جائىز ئەمەس. خۇلاسە، ئايال كىشىنىڭ ئەرگە «نىكاھنى بۇزۇش/تالاق قىلىش ھوقۇقى مېنىڭ قولۇمدا بولسۇن» ياكى «مېنى تالاق قىلمايسىز» دەپ شەرت قويۇشى جائىز ئەمەس. نىكاھ تۇرمۇشىدا تالاق قىلىشنى تەقەززا قىلىدىغان بەزى ئىشلار بولۇپ قالىدۇ. ئەر كىشى (نىكاھتىن ئىلگىرى) ئايالنى تالاق قىلماسلىق شەرتىنى قوبۇل قىلغان تەقدىردىمۇ، زۆرۈرىيەت تۇغۇلغاندا ئايالىنى تالاق قىلسا بولىدۇ. چۈنكى، بۇ شەرت دۇرۇس ئەمەس. 

مەنبە: «مەجمۇئۇ فەتەۋا ۋە ماقالەت مۇتەنەۋۋىيە» (21/46).


* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟