ئەشئەرىي ۋە ماتۇرىدىيلار ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەگە تەۋەمۇ؟
ئەللامە شەيخ ئابدۇراھمان بەرراكتىن شۇنداق سورالدى:
«ئەشئەرىيلەر (ۋە ماتۇرىدىيلار) ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەگە ئۇيغۇنلاشقان نۇقتىلىرىدا ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائە قاتارىدا ھېسابلىنىدۇ. ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەگە زىت يول تۇتقان نۇقتىلىرىدا ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائە قاتارىدا ھېسابلانمايدۇ. يەنى ئەشئەرىي ۋە سۈننەتكە قارشى يول تۇتقان باشقا پىرقىلەرنىڭ <ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائە>لىك سۈپىتى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىنمىغىنىدەك، ئۇلار مۇتلەق مەنىدە <ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائە> مۇ دېيىلمەيدۇ» دېيىش توغرىمۇ؟
جاۋاب: بارچە ھەمدۇ سانا ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە دۇرۇد - سالاملار بولسۇن.
ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائە ساھابە ۋە تابىئىنلارنىڭ، يەنى سەلەف سالىھلارنىڭ يولى بىلەن كۇپايىلەنگەن ۋە ئىماننىڭ پۈتۈن ئاساسلىرىدا سەلەف سالىھنىڭ يولىدا ماڭغانلاردۇر.
ھەقىقەتەن، ئۇلار ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە.، كىتابلىرىغا، پەيغەمبەرلىرىگە، قىيامەت كۈنىگە ۋە ياخشىلىق - يامانلىقنىڭ ھەممىسىنىڭ تەقدىر ئىكەنلىكىگە ئىمان ئېيتىدۇ.
بۇنىڭدىن سىرت، ئۇلار قۇرئان - سۈننەتتە ئىماننىڭ مۇشۇ ئۇل ئاساسلىرى ھەققىدە كەلگەن خۇسۇسلارنىڭ ھەممىسىگە تولۇق ئىمان ئېيتىدۇ.
يۇقىرىقى مەنھەج ئۈستىدە توغرا يولدا بولغان ھەركىشى ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەگە تەۋەدۇر. بەزى مەسىلىلەردە خاتالىشىش كىشىنى ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەنىڭ دائىرىسىدىن چىقىرىۋەتمەيدۇ. ئەمما، يۇقىرىدا دېيىلگەن ئىماننىڭ ئۇل ئاساسلىرىدىن ھەرقانداق بىرىدە ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەگە قارشى يول تۇتقۇچى، باشقا نۇقتىلاردا ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەگە ئۇيغۇنلاشسىمۇ، ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەدىن ھېسابلانمايدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، (پالانى پىرقە، مەزھەپ ياكى كىشى) «پالانى نۇقتىلاردا ئەھلى سۈننەتتىندۇر» دېيىلمەيدۇ. بەلكى، بۇنداقلار توغرىسىدا «پالانى نۇقتىدا ئەھلى سۈننەتكە ئۇيغۇنلاشقان» دېيىلىدۇ. چۈنكى، بىر قاتار ئىشلاردا بىر تائىپىگە ئۇيغۇنلىشىپ قالغانلىكى كىشىنى شۇ تائىپىدىن دەۋالغىلى بولمايدۇ.
ئەگەر شۇنداق بولىدىغان ئىش بولسا، ئەبۇ بەكىر، ئۆمەر، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمنىڭ خەلىپىلىكىنى ئىنكار قىلغان، ياكى «ئىمان دېگەن پەقەت سۆز ۋە ئەمەلدۇر» دەيدىغان مۇئتەزىلەلەرنى ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائە دېيىشكە بولغان بولاتتى. ئەمما، بۇنداق دېيىش ئوپئوچۇق خاتالىق بولۇپ، ئىلىم ئەھلىنىڭ ھېچبىرى بۇنداق (يەنى مۇئتەزىلە ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەدىندۇر) دەپ باقمىغان.
لېكىن، ئەشئەرىيلەر مۇئتەزىلىگە قارىغاندا ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەگە يېقىنراق. ئەمما، ئەشئەرىيلەر يەنىلا ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرى، (ئاخىرەتتە) كۆرۈنۈشى، ئاللاھنىڭ كالامى، ئىمان، (تەقدىر خۇسۇسىدا) بەندىلەرنىڭ پېئىللىرى، ھېكمەت ۋە سەۋەب قاتارلىق نۇقتىلاردا ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەگە قارشى يول تۇتقان تۇرسا، ئۇلار قانداقمۇ ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەگە تەۋە بولالىسۇن؟
ئۇلار توغرىسىدا «ئەشئەرىيلەر پالانى نۇقتىلاردا ئەھلى سۈننەتتىن، پوكۇنى نۇقتىدا ئەھلى سۈننەتتىن ئەمەس» دېيىش توغرا ئەمەس. ئۇلار توغرىسىدا (يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك) «پالانى - پوكۇنى نۇقتىلاردا ئەھلى سۈننەتكە ئۇيغۇنلاشقان» دېيىشكە بولىدۇ. يەنە كېلىپ، بۇ سۆزنى كېيىنكى دەۋرلەردىكى، بولۇپمۇ زامانىمىزدىكى ئەشئەرىيلەرگە تەتبىقلىغىلى بولمايدۇ. چۈنكى، ھازىرقى ئەشئەرىيلەر ئىلگىرىكى ئەشئەرىيلەرگە قارىغاندا ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەدىن تېخىمۇ يىراقتۇر. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئەھلى سۈننەت بىلەن خۇسۇمەتلىشىدۇ، ئۇلارغا سەت تىللارنى ياغدۇرىدۇ ۋە بەزى «پېشۋا»لىرىنىڭ قىلغىنىدەك، ئەھلى سۈننەتكە «مۇشەببىھە» ۋە «مۇجەسسىمە» دېگەندەك لەقەملەرنى قويۇشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەشئەرىيلەرنىڭ ئىنتايىن ئاز ساندىكى بەزى ئالىملىرىنىڭ ماختىلىشقا لايىق بەزى ئىلمىي ئەسەرلەرنى يازغانلىقىنىمۇ ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ.
ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.
* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.
* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.