بىر قىزنىڭ توردىكى كەچمىشى

 ئىسلام سوئال - جاۋابلىرى تورى (islamqa.info) دىكى 21933  نومۇرلۇق سوئال. 
«ئۇيغۇر ئىسلام بىلوگى» تەرجىمە قىلدى
*ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.

سوئال: مەن بىر قىز سىتۇدېنت. مېنىڭ مەسىلەم شۇكى، مەن توردا بىر يىگىت بىلەن تونۇشۇپ قالغانىدىم. دەسلەپتە، ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتى ھۆرمەت  ئىززەت ئاساسىدا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش بىلەنلا چەكلەنگەنىدى، كېيىنچە بۇ مۇناسىۋەت «مۇھەببەت»كە ئايلاندى. ھالبۇكى، ئاپام مېنىڭ ئۇ يىگىتكە ياتلىق بولۇشۇمغا قارشى، شۇنداقلا (ئەگەر بۇ يىگىتكە تېگىمەن دەپ تۇرۇۋالسام) بۇ ئىشنى دادامغا ئېيتىدىغانلىقى بىلەن مېنى قورقۇتۇۋاتىدۇ. ئەمما، مەن ئۇ يىگىتسىز ياشىيالمايمەن، ئۇمۇ ھەم شۇنداق. چۈنكى، ئۇ ئەگەر ئىككىمىز توي قىلالمىساق ئۆلۈۋالىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن سىلىنىڭ مەسلىھەتلىرىگە موھتاج. 

جاۋاب:
بارچە ھەمدۇ سانا ئاللاھقا خاستۇر.
شۇنى بىلىڭكى، بىزنىڭ ئۇلۇغ دىنىمىز ئەر ئاياللارنىڭ نىكاھ رامكىسىنىڭ سىرتىدا مۇناسىۋەت ئورنىتىشىنى قاتتىق چەكلەيدۇ. شۇنداقلا، گېزىت ژۇرنال ۋە ئىنتېرنېت قاتارلىقلارنىڭ مۇشۇ خىل پىتنىلەرگە سەۋەب بولۇش يوللىرىنىمۇ قاتتىق توسىدۇدىنىمىز بۇلارنى چەكلەش ئارقىلىق پىتنىلەرنى يوقىتىشنى؛ تولا ئەھۋاللاردا كىشىلەرنى گۇناھى كەبىرلەرگە، ئاللاھنىڭ چەكلىمىلىرىنى پايخان قىلىشقا ياكى (ئەڭ ياخشى بولغاندىمۇ) بەخىتسىز، گۇمانغا تولغان نىكاھ تۇرمۇشىغا ئېلىپ بارىدىغان«مۇھەببەت»لەرنى توسۇشنى مەقسەت قىلغان.
ھەممىدىن ئاۋۋال، سىزنىڭ ئىنتېرنېتتىكى مۇشۇ خىل «پاراڭخانا» («چايخانا»)لارنىڭ ئىسلامدىكى ھۆكمىنى بىلمەي تۇرۇپلا، ئۇنىڭغا كىرىشىڭىزنىڭ ئۆزى خاتا. ئۇنىڭدىن كېيىن، سىزنىڭ بىر يات جىنىس بىلەن مۇناسىۋەت، يەنى ئاتالمىش «دوستلۇق» ئورناتقانلىقىڭىز خاتانىڭ ئۈستىگە خاتا.
شۇنىڭ ئۈچۈن، سىز ئۈچىنچى بىر خاتالىقنى ئۆتكۈزۈشتىن، يەنى ئۇنىڭ سىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى ۋە سىز بىلەن توي قىلالمىغان تەقدىردە ئۆلۈۋالىمەن دېگەنلىكى سەۋەبلىكلا ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشتىن ساقلىنىشىڭىز كېرەك.
ساغلام ئىسلامىي ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلمىغان نىكاھ مەغلۇبىيەت ۋە پۇشايمان بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. ئۇنىڭغا ئوخشاش پۈتۈن ۋاقتىنى توردا قىزلار بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا سەرپ قىلىدىغان بىر ئوغۇل بالىنىڭ دىندىكى تەقۋالىقى، ھاياسى، ئەدەب – ئەخلاقى دېگەنلەردىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس. شۇنداقلا، ئۇنىڭ سۆزلىرىگە مۇسۇلمانلىق شان شەرىپى يۈزىسىدىن ئىشىنىشمۇ مۇمكىن ئەمەس. ئۇنىڭ ئۆلۈۋېلىش تەھدىتىگە كەلسەك، بۇنى تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل تەھلىل قىلىش مۇمكىن:
(1) ئۇنىڭ بۇ «تەھدىتى»نى راست دەپ تۇرغان تەقدىردە، بۇ ئۇنىڭ ئىمانىنىڭ تولىمۇ زەئىپ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، ئۆلۈۋېلىش دىنىمىزدا گۇناھى كەبىرلەردىندۇر ـــ ئاللاھ ساقلىسۇن!
(2) ئەگەر ئۇنىڭ «تەھدىتى» يالغان بولسا، بۇ ئۇنىڭ رەزىل پۇرسەتپەرەس، ھاماقەت، ئۆزىدىن باشقىنى ئويلىمايدىغان شەخسىيەتچى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.
ئەگەر سىز ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىپ قالسىڭىز، ئۇ ئۇزاققا قالمايلا سىزدىن گۇمانلىنىشقا، سىزگە قوپال مۇئامىلە قىلىشقا باشلايدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ نۇقتىئىنەزەرى بويىچە، ئۆزى بىلەن تېلېفوندا ياكى توردا تونۇشقان بىر قىزنىڭ (يەنى سىزنىڭ) باشقا يىگىتلەر بىلەنمۇ ئاشۇنداق مۇناسىۋەتلەردە بولمىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلغىلى بولمايدۇ. شۇ ۋەجىدىن، بۇ خىل گۇمان ئۇنى ئىسكەنجىگە ئېلىپ قاتتىق بىئارام قىلىدۇ.
ئاخىرىدا، شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، بىزنىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرىمىز سىزگە بولغان ساپ (ئىسلامىي) كۆڭۈل بۆلۈش يۈزىسىدىن ئېيتىلغان. سىز ئاتالمىش «مۇھەببەت»كە ئالدىنىپ ئۆزىنىڭ شان شەرىپىنى، ئىززەت  نومۇسىنى، بەختىنى يوقاتقان نۇرغۇن قىزلارنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىدىن ساۋاق ئېلىشىڭىز؛ بۇ يىگىت ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش بارلىق نامەھرەملەر  بىلەن دەرھال مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشىڭىز، شۇنداقلا ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ، ئۇنىڭدىن مەغفىرەت تىلىشىڭىز؛ ئاللاھ تەئالانىڭ سىزنى (بۇ يىگىت بىلەن بولغان ھارام مۇناسىۋەت جەريانىدا) — ئىمكانىيىتىڭىز بار ئەھۋالدا — زىنا قىلىپ قويۇشتىن ساقلىغانلىقىغا ۋە سىزنى ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ قارشىلىقى ئارقىلىق بۇ تايىنسىز يىگىت بىلەن توي قىلىشتىن ساقلاپ قالغانلىقىغا شۈكۈر قىلىشىڭىز كېرەك.
سىز ئەمدى ئىپپەت  ھاياغا، تەۋبە  ئىستىغفارغا تولغان، پىتنىگە، ھاياسىزلىققا ئاپىرىدىغان نەرسىلەردىن يىراق بولغان يېڭى ھاياتىڭىزنى باشلاڭ. ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىڭ، «قۇرئان كەرىم»نى (ۋە سەھىھ ھەدىسلەرنى) كۆپ ئوقۇڭ. تەقۋادار ئاياللارنىڭ مەجلىسلىرىگە ئىشتىراك قىلىڭ. شەكسىزكى، شەرئىي كۆرسەتمىلەرنى ئەمەس، ھاۋايى ھەۋەسنى ئاساس قىلغان بۇ مۇناسىۋەت ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ پۈتۈنلەي ئۆتمۈشكە ئايلىنىپ يوقايدۇ. ھەرگىز شەيتاننىڭ دامىغا چۈشۈپ، بۇ مۇناسىۋەتنى مەڭگۈ ئۈزەلمەيدىغاندەك، ئۇنتۇيالمايدىغاندەك خىياللاردا بولماڭ. بۇ پەقەت شەيتاننىڭ سىزنى ھاۋايى ھەۋەس قايناملىرىغا غەرق قىلىپ، ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشىڭىزنى، ئاللاھنى رازى قىلىشىڭىزنى توسۇش ئۈچۈن قۇرغان توزىقىدۇر. بىز ئاللاھنىڭ سىزنى بۇ غەمدىن خالاس قىلىشىنى تىلەيمىز.

مەنبە: دوكتور رىياز ئەلمۇسەيمىرى


* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟