رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ جاسۇسنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇغانلىقى
سەلەمە ئىبنى ئەكۋە رەزىياللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلى ئىياس دادىسىنىڭ شۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «رەسۇلۇللاھ صلى الله عليه وسلم بىر سەپەردە ئىدى. بىر مۇشرىك جاسۇسلۇق قىلىش ئۈچۈن مۇسۇلمانلار تۇرغان يەرگە كەلدى ۋە رەسۇلۇللاھ صلى الله عليه وسلم نىڭ ساھابىلىرىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىشقا باشلىدى. ئۇ (جاسۇس) قوپۇپ كەتكەندىن كېيىن، رەسۇلۇللاھ صلى الله عليه وسلم: «ئۇنىڭ كەينىگە چۈشۈڭلار ۋە تۇتۇپ ئۆلتۈرۈڭلار» دېدى. سەلەمە رەزىياللاھۇ ئەنھۇ ئۇنى ئۆلتۈردى ۋە ئۇنىڭ قىلىچى، كىيىم - كېچىكىنى (غەنىيمەت) ئالدى.
مۇختەسەر سەھىھۇل بۇخارى 1320 - ھەدىس.
* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.