«ئايال كىشىگە تۆت نەرسە سەۋەبلىك ئۆيلىنىلىدۇ» دېگەن ھەدىسنى قانداق چۈشىنىمىز؟

سوئال: مەن سىلىنىڭ نىكاھ توغرىسىدىكى ماقالىلىرىنى ئوقۇدۇم. مەن شۇ ماقالىدە نەقىل قىلىنغان تۆۋەندىكى ھەدىسنى تازا ياخشى چۈشىنەلمىدىم. رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئايال كىشىگە تۆت نەرسە ئۈچۈن ئۆيلىنىلىدۇ، مال – دۇنيا، گۈزەللىك، نەسەب، دىندارلىق»
بۇ ھەدىستىن «كۆڭۈلدىكىدەك ئايال باي، چىرايلىق، ئېسىل نەسەبلىك ۋە تەقۋادار بولۇشى كېرەك» دېگەن مەنا چىقامدۇ؟ «دىندارلىق» دېگەن شەرت ماڭا تولىمۇ چۈشىنىشلىك، ئەمما قالغان ئۈچىنىڭ شەرت قىلىنىشىنى تازا چۈشىنەلمىدىم. مۇشۇ نۇقتىنى چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىلا.

ئىسلام سوئال - جاۋابلىرى تورى (islamqa.info)دىكى 34170 - نومۇرلۇق سوئال. «ئۇيغۇر ئىسلام بىلوگى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى. 

جاۋاب:
بارچە ھەمدۇ – سانا ئاللاھقا خاستۇر.
بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى (4802 - نومۇردا) ۋە ئىمام مۇسلىم (1466 - نومۇردا) ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان بولۇپ، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «تُنْكَحُ الْمَرْأَةُ لِأَرْبَعٍ : لِمَالِهَا ، وَلِحَسَبِهَا ، وَلِجَمَالِهَا ، وَلِدِينِهَا ، فَاظْفَرْ بِذَاتِ الدِّينِ تَرِبَتْ يَدَاكَ» «ئايال كىشىگە تۆت نەرسىسى سەۋەبلىك ئۆيلىنىلىدۇ، مال – دۇنياسى، نەسەبى، گۈزەللىكى ۋە دىندارلىقى. دىندار ئايالنى ئالغىن، قولۇڭ توپىغان مىلەنسۇن (يەنى ئىشلىرىڭ روناق تاپسۇن)» دېگەن.

بۇ ھەدىستە ئايال كىشىگە ئۇنىڭ گۈزەللىكى، نەسەبى ياكى مال – دۇنياسى سەۋەبلىك ئۆيلىنىشكە رىغبەتلەندۈرۈش ياكى بۇيرۇققا ئالاقىدار ھېچقانداق مەزمۇن يوق. دەل ئەكسىچە، بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى شۇكى، ئادەتتە كىشىلەر خوتۇن ئالغاندا مۇشۇ تۆت جەھەتتىن ئويلىشىدۇ، بەزىلىرى چىرايلىق ئايال ئېلىشنى ئويلايدۇ، بەزىلىرى ئېسىل جەمەتنىڭ قىزلىرىنى ئالسام دەيدۇ، بەزىلىرى باي خوتۇن ئالسام دەيدۇ. يەنە بەزىلىرى دىندار – تەقۋادار ئايال ئېلىشنى ئويلايدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كىشىلەرنى مۇشۇ ئاخىرقى جەھەتتىن ئويلىشىشقا، يەنى تەقۋادار ئايال ئېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ: «دىندار ئايالنى ئالغىن، قولۇڭ توپىغان مىلەنسۇن (يەنى ئىشلىرىڭ روناق تاپسۇن)» دېگەن.

ئىمام نەۋەۋى رەھىمەھۇللاھ «سەھىھۇل مۇسلىم شەرھى»دە بۇ ھەدىس ھەققىدە مۇنداق دېگەن:
«بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى ھەققىدىكى توغرا قاراش شۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە كىشىلەرنىڭ (ئايال تاللاش جەھەتتىكى) ئەھۋالىنى، يەنى ئادەتتە كىشىلەرنىڭ ئايال تاللىغاندا شۇ تۆت جەھەتتىن ئويلىشىدىغانلىقىنى بايان قىلغان... رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ سۆزى ئايال تاللىغاندا شۇ تۆت نۇقتىدىن ئويلىشىشقا بۇيرۇغانلىق ئەمەس. بۇ ھەدىس بىزنى پۈتۈن ئىشلاردا دىندار – تەقۋا كىشىلەر بىلەن ھەمراھ بولۇشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ، چۈنكى تەقۋادارلارنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلغان كىشى ئۇلارنىڭ ياخشى ئەخلاقىدىن مەنپەئەتلىنىدۇ، ئۇلاردىن ھېچقانداق يامان تەسىرنى يۇقتۇرۇۋالمايدۇ».


* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟