مۇسۇلمانغا يەتكەن ئەرزىيەت ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى ئۆچۈرىدۇ
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىياللاھۇ
ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ صلى الله عليه وسلم نىڭ شۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت
قىلغان:
«مۇئمىنلەر ۋە مۇئمىنەلەر تاكى زىممىسىدە گۇناھ يوق ھالەتتە ئاللاھ تائالا بىلەن ئۇچراشقانغا قەدەر، ئۇلارغا جېنىدا، مېلىدا ۋە پەرزەنتىدە بالا – قازا يېتىپ تۇرىدۇ» [ئىمام ئەھمەد، ئىمام تىرمىزى ۋە باشقىلار توپلىغان. شەيخ ئەلبانى «مىشكات» (1567 – نومۇر) ۋە «ئەسسەھىھە» (2280 – نومۇر)دا سەھىھ دەپ باھالىغان].
ئەبۇ سەئىد ۋە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىياللاھۇ ئەنھۇمانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەر صلى الله عليه وسلم مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمانلارغا بىئاراملىق، كېسەل، قايغۇ - ھەسىرەت، ئازار، غەم، ھەتتا سانجىلغان تىكەنگە قەدەر ئەرزىيەت يېتىپلا قالسا، شۇنىڭ سەۋەبى بىلەن ئاللاھ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى ئۆچۈرىدۇ» [ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان]
«ياخشىلار باغچىسى» 37 -
ھەدىس
وعن أبي سعيد وأبي هريرة رضي الله عنهما عن النبي صلى الله عليه وسلم قال: "ما يصيب المسلم من نصب ولا وصب ولا هم ولا حزن ولا أذى ولا غم، حتى الشوكة يشاكها إلا كفر الله بها من خطاياه" [متفق عليه]
* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.