بىر رېستۇران (ئاشخانا) ئاچاي دېگەنتىم...

سوئال: مەن ئەر - ئاياللار (خىزمەت ۋە باشقا تۈرلۈك سورۇنلاردا) بىر - بىرى بىلەن ئارىلىشىپ يۈرۈيدىغان، كىشىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى غەربچە ياشايدىغان مەلۇم بىر مۇسۇلمان دۆلىتىدە بىر رېستۇران (ئاشخانا) ئاچماقچىتىم. 
ئەگەر مەن بۇ يەردە ئاشخانا ئېچىپ قالسام، ئاشخانامغا نامەھرەم ئەر - ئاياللار ئارىلاش كىرىپ تاماق يېسە، مەن بۇ سەۋەبلىك گۇناھكار بولامدىمەن؟ 
يەنە بىر دەيدىغىنىم، ئاشخانا ئېچىش مەن ئەڭ ياخشى قىلالايدىغان ئىش ئىدى. (شۇڭا، مۇشۇ ئىشنىڭ ھۆكمىنى ئېيتىپ بەرگەن بولسىلا).

ئىسلام سوئال - جاۋابلىرى تورى (islamqa.info)دىكى 137919 - نومۇرلۇق سوئال. «ئۇيغۇر ئىسلام بىلوگى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى. 

جاۋاب: بارچە ھەمدۇ سانا ئاللاھقا خاستۇر.
سىز گېپىنى قىلغان بۇ دۆلەتتە ئەر - ئاياللار (خىزمەت ۋە باشقا سورۇنلاردا) بىر - بىرى بىلەن ئارىلىشىپ يۈرۈيدىغان، كىشىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى غەربچە ياشايدىغان بولسا، دېمەك بۇ يەردە ئېچىلغان رېستۇران (ئاشخانا)دا تۆۋەندىكىدەك بىر قاتار باتىل ئىش كۆرۈلۈشى مۇقەررەر: 
(1) سىز ئاچماقچى بولغان رېستۇراندا ئاياللار دىنىي ياكى ئەخلاقىي چەكلىمىلەرگە ئۇچرىماستىن، زىننەتلىرىنى، گۈزەللىكىنى نامەھرەملەرگە كۆرسىتىدۇ.

(2) ئەر - ئاياللار ئارىلىشىپ ئولتۇرۇپ تاماق يەيدۇ، بۇ مىسلىسىز ھاياسىزلىققا يول ئاچىدۇ.

(3) ئاشخانىغا ئارىسىدا ھارام ياكى شۈبھىلىك مۇناسىۋەت بار خېرىدارلار كېلىدۇ. مەسىلەن، بىر ئەر كىشى بۇ يەرگە ئاتالمىش «قىز دوستى»نى باشلاپ كېلىدۇ. ھالبۇكى، ھالال نىكاھسىز مۇھەببەتلىشىش جەمئىيەتكە غايەت زور زىيىنى بار ھارام ئىشتۇر. 
ئەللامە ئىبن قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «شەكسىزكى، ئەر - ئاياللارنىڭ (خىزمەت ۋە باشقا ھەرقانداق سورۇندا) ئارىلىشپ يۈرۈشى پۈتۈن مۇسىبەت ۋە يامانلىقلارنىڭ مەنبەسى، شۇنداقلا كىشىلەرگە (ئاللاھ تەئالا تەرىپىدىن) ئومۇمىيۈزلۈك چۈشىدىغان ئازابنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبلىرىدىن بىرىدۇر. بۇنىڭدىن سىرت، بۇ (يەنى ئەر - ئاياللارنىڭ ئارىلىشىپ يۈرۈشى) جەمئىيەتنى ۋە شەخسنى بۇزىدىغان ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبلەردىن بىرى. ئەر - ئاياللارنىڭ ئارىلىشىپ يۈرۈشى نۇرغۇن ئەخلاقسىزلىقلارغا، زىناغا سەۋەب بولىدۇ. بۇ (يەنى زىنا) كەڭ كۆلەملىك ئۆلۈم - يېتىم ۋە ۋاباغا سەۋەب بولىدۇ.  زىنا كەڭ كۆلەملىك ئۆلۈم - يېتىمنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبلىرىدىن بىرىدۇر (بۇ ھەقتە سەھىھ ھەدىس بار، ت). ئەگەر ھۆكۈمدارلار ئەر - ئاياللارنىڭ ئارىلىشىپ يۈرۈشىنىڭ دىنىي ئىشلاردىلا ئەمەس، دۇنياۋى ئىشلاردىمۇ قانچىلىك ۋەيرانچىلىققا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى بىلسە ئىدى، بۇنى چەكلەشتە چوقۇم قاتتىق قول بولغان بولاتتى». [مەنبە: شەيخۇل ئىسلام ئىبن قەييىم رەھىمەھۇللاھنىڭ «الطرق الحكمية» 407 ~ 408 - بەت].

ئاللاھ تەئالا بەندىلىرىنىڭ ئۆزىگە ئىتائەتسىزلىك قىلىشىنى چەكلىگىنىدەك، ئۇلارنىڭ باشقىلارنىڭ ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىك قىلىشىغا (يەنى گۇناھقا) ياردەملىشىشىنىمۇ چەكلىگەن، شۇنداقلا باشقىلارنى گۇناھتىن توسۇشنى بەندىلىرىگە ۋاجىب قىلغان. 
ئاللاھ تەئالا شۇنداق دېگەن (تەرجىمە مەنىسى): «ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار، ﷲ (نىڭ ئازابى) دىن قورقۇڭلار، ﷲ نىڭ ئازابى ھەقىقەتەن قاتتىقتۇر» [سۈرە مائىدە 2 - ئايەت].

ئىمام مۇسلىم (49) ئەبۇسەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان، مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «سىلەردىن بىرىڭلار بىرەر يامانلىقنى كۆرسە ئۇنى قولى بىلەن ئۆزگەرتسۇن، ئەگەر ئۇنىڭغا قادىر بولالمىسا ئۇنى تىلى بىلەن ئۆزگەرتسۇن، ئۇنىڭغىمۇ قادىر بولالمىسا قەلبى بىلەن بولسىمۇ نارازى بولسۇن، ئەنە شۇ (يەنى قەلبى بىلەن نارازى بولۇش) ئىماننىڭ ئەڭ زەئىپ دەرىجىسىدۇر».
ئىمام نەۋەۋى رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىس ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ «ئۇنى ئۆزگەرتسۇن» دېگەن سۆزىنىڭ (ۋاجىبلىقنى بىلدۈرىدىغان) بۇيرۇق ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇممەت ئىجماغا كەلگەن. شۇنداقلا، ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش قۇرئان - سۈننەتكە ۋە ئۈممەتنىڭ ئىجماسىغا ئاساسەن ۋاجىبتۇر».

شۇ ۋەجىدىن، مۇسۇلمان باشقىلارنىڭ گۇناھ ئۆتكۈزۈشىگە ياردەم قىلسا بولمايدۇ. سىز تىلغا ئالغان دۆلەتتە ئاشۇنداق بىر رېستۇران (ئاشخانا) ئېچىش ئاشۇ كىشىلەرنىڭ ئازغۇنلۇقىغا ياردەملەشكەنلىك ۋە ئۇلارنىڭ باتىل ئىشلىرىغا سۈكۈت قىلغانلىق بولىدۇ. 
سىزنىڭ (ئاشخانىڭىزغا كېلىدىغان) بۇ كىشىلەرنى يۇقىرىقىدەك يامان ئىشلاردىن توسالماسلىقىڭىز كۆزگە كۆرۈنۈپلا تۇرغانىكەن، بىز سىزنىڭ بۇ ئىشنى (يەنى رېستۇران - ئاشخانا ئېچىش ئىشىنى) ئۇنتۇپ كېتىپ،  باشقا (ھالال) ئىش قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. 
ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، «كىمكى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن بىر نەرسىنى تەرك ئەتسە، ئاللاھ ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىسىنى بېرىدۇ» [سەھىھ ھەدىس].

يەنە ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، «كىمكى ﷲ تىن قورقىدىكەن، ﷲ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ [2] ﷲ ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بېرىدۇ» [سۈرە تالاق 2 ~ 3 - ئايەت].

ئاللاھ تەئالانىڭ ئىشلىرىڭىزنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىشىنى، سىزگە ھالال رىزىق ئاتا قىلىشىنى تىلەيمىز. 

ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر. 


* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟