بىدئەتچىنى قىلغان بىدئەتلىرى سەۋەبلىك مەسخىرە قىلىشقا بولامدۇ؟

سوئال: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىنى ياكى ئىسلامنىڭ ھەرقانداق بىر يېرىنى مازاق قىلغۇچىنىڭ كاپىر بولۇپ كېتىدىغانلىقى ماڭا ئايان. لېكىن، بىراۋ بىدئەتچىنىڭ ئەقىدىسىنى مازاق قىلسا، بۇنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟ 
مەسىلەن، نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەندە بىرەيلەن بىر مۇرجىئىيغا (ساھابە باشلىق سەلەف سالىھلارنىڭ «ئىمان دېگەن قەلىبتە تەستىقلاش، تىلدا ئىقرار قىلىش ۋە بەدەن ئارقىلىق ئەمەل قىلىش» دېگەن توغرا ئەقىدىسىگە زىت ھالدا، ئىمان ئەمەلنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ دەيدىغان باتىل ئېتىقادتىكى ئادەمگە) «(سېنىڭ نەزىرىڭدە ئەمەل ئىماندىن بولمىغانكىن) سېنىڭ ناماز ئوقۇشۇڭنىڭ ھاجىتى يوق، ناماز قەلبىڭدە بولسىلا بولدى ئەمەسمۇ؟» دېسە، ئەمما ھېلىقى مۇرجىئىي يەنىلا نامىزىنى ئوقۇسا ۋە بۇ سۆزنىڭ مۇرجىئىي ئەقىدىسىنىڭ بىمەنلىكىنى مەسخىرە قىلىش ئۈچۈن ئېيتىلغانلىقىنى بىلسە، بۇنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟
مەن چاقچاقتىن بولسىمۇ خاتا سۆزلەشنىڭ گۇناھ ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. يۇقىرىقى مىسالدىكى مەسخىرىنىڭ تىغ ئۇچى ئىسلامغا ئەمەس، بىدئەتكە قارىتىلغان بولسىمۇ، مەزمۇنى ئىسلامغا مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن چوڭ كۇفۇر ھېسابلىنامدۇ؟ 

ئىسلام سوئال - جاۋابلىرى تورى (islamqa.info)دىكى 9057 - نومۇرلۇق سوئال. «ئۇيغۇر ئىسلام بىلوگى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى. 

جاۋاب: بارچە ھەمدۇ سانا ئاللاھقا خاستۇر.
كاپىرلارنى ئۇلارنىڭ كاپىرلىقى ياكى بىدئەتچىلەرنى ئۇلارنىڭ بىدئەتچىلىكى سەۋەبلىك مەسخىرە قىلىش دۇرۇس، چۈنكى ئۇلار ئاللاھ تەئالا ئىسلامدا ھارام قىلغان (كۇفۇر ۋە بىدئەتتىن ئىبارەت) باتىل ئىشلارنى ھالال سانىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ خۇسۇستا (مۇسۇلمانلار بەھرىمەن بولىدىغان) ئىززىتىگە تىل تەگكۈزۈلمەسلىكتىن ئىبارەت ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولالمايدۇ. 
لېكىن، بۇ خىل مەسخىرىلەر راست سۆز دائىرىسىدىن چىقىپ كەتمەسلىكى ۋە دائىملىق ئادەتكە ئايلىنىپ قالماسلىقى، شۇنداقلا بىر ئادەم (كۇفۇرنى، بىدئەتنى) مەسخىرە قىلىۋېرىپ باشقىلارنىڭ نەزىرىدىكى ۋەزنىنى يوقىتىپ قويماسلىقى كېرەك. 
شۇنداقلا، بىر ئادەم ئۇلارنى (بىدئەتچىلەرنى) مازاق قىلسا، ئۇلارنى كىيىنىشى، يول يۈرۈشى دېگەندەك ئىشلىرى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى سۈننەتكە قارشى يول تۇتقانلىقى ئۈچۈن مازاق قىلىشى كېرەك.
(سۆزىمىزنىڭ بېشىدا ئېيتقىنىمىزدەك) توغرا قاراشقا ئاساسەن، (كاپىرلارغا، بىدئەتچىلەرگە قارىتىلغان) بۇ خىل مەسخىرىلەر گۇناھ ئەمەس.  چۈنكى، ئۇلار (كاپىرلار، بىدئەتچىلەر) ھەقنى چۆرۈۋېتىش ۋە باتىلغا ئەگىشىش ئارقىلىق ئاللاھ تەئالانىڭ ھۆرمىتىنى، ئۇلۇغلۇقىنى مەسخىرە قىلماقتا (ئاللاھ ھەممىمىزنى بۇنداق رەزىللىكتىن ساقلىسۇن!).

شەيخ لالىكائىي سەلەفنىڭ بەزىلىرىدىن تۆۋەندىكىلەرنى سەنەد ئارقىلىق رىۋايەت قىلغان:
(1) ئۇ ئەئمەشتىن ئىبراھىمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: «بىدئەتچى توغرىسدا غەيۋەت يوق»(يەنى بىدئەتچىنىڭ بىدئىتى توغرىسىدا قىلىنغان سۆز غەيۋەت ئەمەس).

(2) ئۇ ھەسەن ئەلبەسرىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «ئۈچ خىل ئادەمنىڭ غەيۋىتى قىلىنسا بولىدۇ، ئۇلارنىڭ بىرى بىدئەتچى ۋە بىدئەتتە ئەزۋەيلىگۈچى».

(3) ئۇ كەسىر ئەبۇسەھىلنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «ھاۋايى ھەۋەس ئەھلىنىڭ (بىدئەتچىنىڭ) ھۆرمىتى قوغدالمايدۇ» 
[مەنبە: لالىكائىي «ئېتىقاد ئەھلى سۈننەت» 1/140]. 

سوئالدا تىلغا ئېلىنغان، مۇرجىئىيغا دېيىلگەن «سېنىڭ ناماز ئوقۇشۇڭنىڭ ھاجىتى يوق، ناماز قەلبىڭدە بولسىلا بولدى ئەمەسمۇ؟» دېگەن سۆز كۇفۇر ئەمەس، چۈنكى بۇ سۆزنى دېگۈچىنىڭ مەقسىتى نامازنى مەسخىرە قىلىش ئەمەس، بەلكى شەرىئەتكە زىت بۇ ئەقىدىنى (مۇرجىئىي ئەقىدىسىنى) مەسخىرە قىلىش ۋە ئۇنىڭ باتىللىقىنى پاش قىلىشتۇر. 

خۇلاسە، بىدئەتچىلەرنىڭ باتىل سۆزلىرىنى مەسخىرە قىلىش ھارام ئەمەس، كۇفۇرمۇ ئەمەس.
ئەمما، بىز بىدئەتچىلەرنى ھەردائىم مازاق قىلىش ئارقىلىق ئەيىبلەشنى تەشەببۇس قىلمايمىز. ئەكسىچە، بىز ئەڭ پايدىلىق ئۇسۇلنى تاللىشىمىز، ئۇلار بىلەن مۇنازىرىلەشكەندە مەقسىتىمىز ئۇلارنى توغرا يولغا باشلاش بولۇشى كېرەك. 
ئاللاھ تەئالا مۇسا ۋە ھارۇن (سالام ئۇ ئىككىسىگە بولسۇن)نى فىرئەۋنگە ئەۋەتكەندە، ئۇ ئىككىسىگە مۇنداق دېگەن: «فَقُولَا لَهُ قَوْلًا لَّيِّنًا لَّعَلَّهُ يَتَذَكَّرُ أَوْ يَخْشَىٰ» «ئۇنىڭغا يۇمشاق سۆز قىلىڭلار، ئۇ ۋەز - نەسىھەتنى قوبۇل قىلىشى، ياكى (ھەددىدىن ئاشقانلىقنىڭ ئاقىۋىتىدىن) قورقۇشى مۇمكىن» [سۈرە تاھا 44 - ئايەت].

ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.


* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟