ئازغۇنلۇقنى تەقدىرگە ئارتىپ قويۇش خاتا

«ئۇيغۇر ئىسلام بىلوگى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.
«تەپسىر سەئىدى» سۈرە ئەنئام 148 - ئايەت تەپسىرىدىن ئېلىندى

سَيَقُولُ الَّذِينَ أَشْرَكُوا لَوْ شَاءَ اللَّهُ مَا أَشْرَكْنَا وَلَا آبَاؤُنَا وَلَا حَرَّمْنَا مِن شَيْءٍ ۚ كَذَٰلِكَ كَذَّبَ الَّذِينَ مِن قَبْلِهِمْ حَتَّىٰ ذَاقُوا بَأْسَنَا ۗ قُلْ هَلْ عِندَكُم مِّنْ عِلْمٍ فَتُخْرِجُوهُ لَنَا ۖ إِن تَتَّبِعُونَ إِلَّا الظَّنَّ وَإِنْ أَنتُمْ إِلَّا تَخْرُصُونَ

مۇشرىكلار: «ئەگەر ﷲ خالىسا ئىدى، بىز ۋە ئاتا - بوۋىلىرىمىز شېرىك كەلتۈرمەيتتۇق ۋە ھېچ نەرسىنى ھارام قىلمايتتۇق» دەيدۇ. ئۇلاردىن بۇرۇنقى كىشىلەر تاكى (بىزنىڭ ئازابىمىز نازىل بولۇپ) ئازابىمىزنى تېتىغانغا قەدەر (ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى) مۇشۇنداق (يەنى مۇشرىكلار سېنى ئىنكار قىلغاندەك) ئىنكار قىلغان ئىدى. (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «سۆزۈڭلارنىڭ راستلىقىغا پاكىتىڭلار بولسا، بىزگە چىقىرىپ كۆرسىتىڭلار، سىلەر پەقەت گۇمانغىلا ئاساسلىنىسىلەر، ﷲ قا پەقەت يالغاننى چاپلايسىلەر»

«لَوْ شَاءَ اللَّهُ مَا أَشْرَكْنَا وَلَا آبَاؤُنَا وَلَا حَرَّمْنَا مِن شَيْءٍ ۚ» «ئەگەر ﷲ خالىسا ئىدى، بىز ۋە ئاتا - بوۋىلىرىمىز شېرىك كەلتۈرمەيتتۇق ۋە ھېچ نەرسىنى ھارام قىلمايتتۇق» دېگەن مۇشرىكلارغا (شۇنداقلا، ئەگەر ئاللاھ خالىسا بىدئەتچىلىك قىلماستىم، زىنا قىلماستىم، ناخشا - مۇزىكا ئاڭلىماستىم ۋەھاكازا دېگەنلەرگە) ئوخشاش، قىلغان گۇناھلىرىغا تەقدىرنى باھانە قىلىپ كۆرسىتىدىغانلار ئەمەلىيەتتە ئۆز ئىدىيەسىگە ئەڭ ئاۋۋال ئۆزى قارشى چىقىدۇ. مەسىلەن، مۇشۇنداق ئىدىيەدىكى كىشىلەرگە بىرەرسى زۇلۇم قىلسا، ئۇلارنى ئۇرسا، مال - مۈلكىنى تارتىۋالسا ياكى شۇنىڭغا ئوخشايدىغان بىرەر زىيان كەلتۈرسە، ئاندىن «سېنى بوزەك قىلىشىممۇ تەقدىر» دېسە، ئۇلار بۇنىڭغا ھەرگىز رازى بولمايدۇ. ئۆزىگە قىلىنغان بۇ يامانلىقلار سەۋەبلىك ئاچچىقى ئىچىگە پاتماي قالىدۇ. ئاجايىپ ئىش! ئاللاھقا ئاسىي بولغانلىقىڭغا، ئاللاھنى غەزەپلەندۈرىدىغان ئىشلارنى قىلغانلىقىڭغا «تەقدىر شۇنداقكەن» دەيسەنۇ، باشقىلار ساڭا يامانلىق قىلىپ «تەقدىر شۇنداقكەن» دېسە بۇنىڭغا ھەرگىز رازى بولمايسەن؟! 

[«تەپسىر سەئىدى» سۈرە ئەنئام 148 - ئايەت تەپسىرىدىن ئېلىندى]. 

* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟