رىيا توغرىسىدا مۇھىم چۈشەنچە

دۇنياغا مەشھۇر ئەھلى سۈننەت پەتىۋا تور بېتى ئىسلام سوئال - جاۋابلىرى تورى دىكى 9359  نومۇرلۇق پەتىۋا. «ئۇيغۇر ئىسلام بىلوگى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.

سوئال: بىراۋ بىر ئەمەلنى قىلغاندا رىيا قىلسا، ئاندىن ئارقىدىنلا نىيىتىنى ئۆزگەرتىپ، شۇ ئەمەل ئارقىلىق ئاللاھ تەئالانىڭ رازىلىقىنى كۆزلىسە، شۇ ئەمەلىدە ساۋابقا ئېرىشەلەمدۇ؟ مەسىلەن، مەن قۇرئان ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، رىيا قىلسام، ئاندىن دەرھال ئاللاھنى يادىمغا ئېلىپ، بۇ خىيالدىن قۇتۇلۇشقا تىرىشسام، مەن يەنىلا قۇرئان ئوقۇغانلىقىم ئۈچۈن ساۋابقا ئېرىشەلەمدىم؟ ياكى بۇ ئەمەلىم رىيا سەۋەبلىك پۈتۈنلەي بىكار بولۇپ كېتەمدۇ؟ شۇنداقلا،بىر ئەمەلنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن رىيا قىلىشمۇ شۇ ئەمەلنى بىكار قىلىۋېتەمدۇ؟

جاۋاب:
بارچە ھەمدۇ سانا ئاللاھقا خاستۇر.

پەزىلەتلىك شەيخ ئىبن ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:
«رىيانىڭ ئىبادەتكە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئۈچ خىل بولىدۇ:
1. رىيا ئىبادەتنىڭ دەسلەپكى چىقىش نۇقتىسىدا بولسا، (يەنى شۇ ئىبادەتنى قىلىشتىكى دەسلەپكى مەقسەت باشقىلارغا كۆرسىتىش بولسا)، مەسىلەن، باشقىلارنىڭ ئۆزىنى ماختىشى (تەقۋاداركەن، نامازنى خۇشۇئ بىلەن ئوقۇيدىكەن... دېيىشى) ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ناماز ئوقۇسا، بۇ خىل رىيا ئەمەلنى پۈتۈنلەي بىكار قىلىۋېتىدۇ.

2. ئەگەر رىيا ئىبادەتنىڭ ئىچىدە پەيدا بولسا، مەسىلەن بىراۋ ئىبادەتنى ئاللاھقا خالىس نىيەتتە باشلاپ، شۇ ئىبادەتنى قىلىۋاتقان جەرياندا رىيا قىلغۇسى كەلسە، ئۇنىڭ ھۆكمى تۆۋەندىكى ئىككى خىل ئەھۋالنىڭ سىرتىغا چىقىپ كېتەلمەيدۇ:
(1) ئەگەر ئىبادەتنىڭ (ئىخلاس بىلەن قىلىنغان) دەسلەپكى بۆلىكى بىلەن (رىيا بىلەن قىلىنغان) كېيىنكى بۆلىكى ئارىسىدا باغلىنىش بولمىسا، دەسلەپكى بۆلىكى دۇرۇس بولىدۇ، كېيىنكى بۆلىكى بىكار بولۇپ كېتىدۇ.
مەسىلەن، بىر ئادەم يۈز رىيال سەدىقە قىلماقچى بولۇپ، 50 رىيالنى خالىس نىيەتتە سەدىقە قىلسا؛ ئاندىن قالغان 50 رىيالنى سەدىقە قىلغاندا رىيا قىلسا، ئۇنىڭ دەسلەپكى 50 رىيال سەدىقىسى دۇرۇس بولىدۇ، كېيىنكى 50 رىيال سەدىقىسى بىكار بولۇپ كېتىدۇ.
(2) ئەگەر ئىبادەتنىڭ (ئىخلاس بىلەن قىلىنغان) دەسلەپكى بۆلىكى (رىيا بىلەن قىلىنغان) كېيىنكى بۆلىكىگە باغلىنىشلىق بولسا، بۇنىڭ ھۆكمىمۇ تۆۋەندىكى ئىككى خىل ئەھۋالنىڭ سىرتىغا چىقالمايدۇ:
(A) ئىبادەت جەريانىدا رىيا قىلىش كاللىسىغا كېلىپ قالغان كىشى بۇ خىيالدىن قۇتۇلۇشقا تىرىشسا، بۇ خىيالنى ئۆچ كۆرسە، بۇ ئىش ئۇنىڭ ئىبادىتىگە ھېچقانداق تەسىر يەتكۈزەلمەيدۇ. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «شۈبھىسىزكى، ئۈممىتىم كاللىسىغا كېلىپ قالغان خىياللارنى (ئەمەلىيەتتە) قىلمىسا ياكى سۆزلىمىسلا، ئاللاھ (ئۇلارنى) ئەپۇ قىلىۋېتىدۇ» [ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان].
(Bئىبادەت جەريانىدا رىيا قىلىش كاللىسىغا كېلىپ قالغان كىشى بۇ خىيالدىن قۇتۇلۇشقا تىرىشماي، خىيالىنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتسە، بۇ خىل ئەھۋالدا ئۇنىڭ شۇ ئىبادىتى پۈتۈنلەي بىكار بولۇپ كېتىدۇ، چۈنكى بۇ ئەھۋالدا ئىبادەتنىڭ (ئىخلاس بىلەن قىلىنغان) دەسلەپكى بۆلىكى (رىيا بىلەن قىلىنغان) كېيىنكى بۆلىكىگە باغلىنىشلىق. مەسىلەن، بىراۋ ئاللاھقا خالىس نىيەتتە بىر نامازنى باشلاپ، شۇ نامازنىڭ ئىككىنچى رەكئىتىدە رىيا قىلسا (باشقىلارغا خۇشۇئ بىلەن ئوقۇۋاتقاندەك كۆرۈنەي ۋەھاكازا دېگەن خىياللارنى قىلسا، ھەم بۇ خىيالىدىن قۇتۇلۇشقا ئۇرۇنمىسا، ت) ئۇنىڭ شۇ نامىزى باشتىن ئاخىر بىكار بولۇپ كېتىدۇ. چۈنكى، (تەكرار ئېيتقىنىمىزدەك) بۇ ئەھۋالدا ئىبادەتنىڭ (ئىخلاس بىلەن قىلىنغان) دەسلەپكى بۆلىكى (رىيا بىلەن قىلىنغان) كېيىنكى بۆلىكىگە باغلىنىشلىق.

3. ئەگەر بىراۋ ئىبادىتىنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن رىيا قىلسا، بۇ خىيال ئۇ ئىبادەتكە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، ئۇ ئىبادەتنى بىكارمۇ قىلىۋەتمەيدۇ. چۈنكى، بۇ ئىبادەت دۇرۇس نىىيەت بىلەن تاماملىنىپ بولغان بولغاچقا، ئۇنىڭدىن كېيىن قىلىنغان رىيا ئۇ ئىبادەتكە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.
شۇنداقلا، بىر ئادەم ئۆزىنىڭ ياخشى ئەمەللىرىدىن خۇشال بولسا، بۇ رىيا ھېسابلانمايدۇ. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمنى قىلغان ياخشى ئەمەللىرى خۇشال قىلىپ، قىلغان يامان ئەمەللىرى بىئارام قىلسا، ئۇ مۇئمىندۇر» دېگەن [ئىمام تىرمىزى رىۋايەت قىلغان].
«شەيخ ئىبن ئۇسەيىمىن پەتىۋالىرى مەجمۇئەسى» 2  جىلىد 29 ~ 30  بەت.


* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟