مەسجىدنىڭ تاملىرىغا «الله» ۋە «محمد» دېگەن خەتلەرنى يانمۇيان يېزىۋېلىشنىڭ ھۆكمى؟
نۇرغۇن ۋاقىتلاردا (مەسجىد ۋە باشقا يەردىكى) تاملارغا «الله» ۋە «محمد» (مۇھەممەد) دېگەن خەتنىڭ يانمۇيان يېزىلغانلىقىنى كۆرىمىز. شۇنداقلا بەزىدە ۋاراقچە ۋە كىتابلاردىمۇ بۇنى ئۇچرىتىمىز. مۇشۇنداق يېزىۋېلىش توغرىمۇ؟
جاۋاب: بۇ ئىككى ئىسىمنى بۇنداق يانمۇيان يېزىپ قويۇش توغرا ئەمەس. چۈنكى، بۇ رەسۇلۇللاھ صلى الله عليه وسلم نى ئاللاھ بىلەن باراۋەر ئورۇنغا قويغانلىقتۇر. بۇ خەتلەرنىڭ نېمىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى بىلمەيدىغان بىرەيلەن بۇنى كۆرسە، ئىككىسىنىڭ تەڭ، باراۋەر ئىكەنلىكىنى ئويلىشى شەكسىز.
بۇ خىل ئەھۋالدا رەسۇلۇللاھ صلى الله عليه وسلم نىڭ ئىسمىنى ئۇ يەردىن ئۆچۈرۈۋېتىش كېرەك بولىدۇ. ئەمما، بۇنداق قىلغاندا ئۇ يەردە «الله» دېگەن خەتلا قالىدۇ - دە، بۇ تەسەۋۋۇپچى سوپىلارنىڭ «ئاللاھ، ئاللاھ، ئاللاھ...» دەپ تەكرارلايدىغان بىدئەت زىكرىگە ئوخشاپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ ئىسمىنى يالغۇزلا تاملارغا يېزىپ قويۇشمۇ توغرا ئەمەس. خۇلاسە، تاملارغا، ۋاراقچىلەرگە ۋە باشقا يەرلەرگە «الله» ۋە «محمد» دەپ يېزىۋالماسلىق كېرەك.
«سوئال - جاۋابلاردا ئىسلامنىڭ رۇكۇنلىرى» 164 - بەت.
* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.