قەبرىستانلىقتىكى (زىيارەتكە كەلگەن) كىشىلەرگە ئەرزىيەت يەتكۈزىدىغان دەرەخلەرنى كېسىۋېتىشكە بولامدۇ؟
سوئال: قەبرىستانلىقتىكى (زىيارەتكە كەلگەن) كىشىلەرگە ئەرزىيەت يەتكۈزىدىغان دەرەخلەرنى كېسىۋېتىشكە بولامدۇ؟
ئىككى ھەرەمنىڭ ئۇستازى، ئەللامە شەيخ بىن باز رەھىمەھۇللاھنىڭ پەتىۋالار توپلىمى 4 - جىلىد 380 - بەتتىن «ئۇيغۇر ئىسلام بىلوگى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.
جاۋاب: بۇ دەرەخلەر قەبرىستانلىققا كەلگەن كىشىلەرگە (يول يۈرۈشىگە پۇتلىكاشاڭ بولۇش دېگەندەك شەكىللەردە) ئەرزىيەت يەتكۈزگەچكە، كېسىۋېتىلىشى كېرەك.
شۇنىڭدەك، زىيارەتكە كەلگەن كىشىلەرنى ئەرزىيەتتىن ساقلاش ئۈچۈن، (قەبرىستانلىقتىكى) ھەرقانداق تىكەنلىك ئۆسۈملۈكمۇ كېسىۋېتىلىشى (يۇلۇۋېتىلىشى) كېرەك.
بۇنىڭدىن سىرت، ھېچكىمنىڭ قەبرىستانلىققا ھەرقانداق تۈردىكى دەرەخ ياكى خورما شېخى تىكىشى جائىز ئەمەس. چۈنكى، ئاللاھ تەئالا بۇنى بېكىتمىگەن.
رەسۇلۇللاھ صلى الله عليه وسلم قەبرىسىدە ئازابلىنىۋاتقان ئىككى ئادەمنىڭ قەبرىسىگە ئىككى تال خورما شېخىنى سانجىپ قويغان، ئەمما ئۇ (نۇرغۇن ساھابىلەرنىڭ مېيىتى كۆمۈلگەن) بەقى قەبرىستانلىقىغا ھېچنەرسە تىكمىگەن. رەسۇلۇللاھنىڭ ساھابىلىرىمۇ (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولغاي) بۇنداق بىر ئىشنى قىلغان ئەمەس. بىز بۇنىڭدىن (رەسۇلۇللاھ صلى الله عليه وسلم نىڭ خورما شېخىنى سانجىپ قويۇشىنىڭ) پەقەت قەبرىسىدە ئازابلىنىۋاتقان شۇ ئىككى كىشىنىڭ قەبرىسىگىلا خاس ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز.
ئاللاھ بىزلەرنى سالامەت قىلغاي.
* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.
* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.