رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ قەدرىنى بىزدىن بەكرەك بىلىدىغان كۆتەك

 «ئۇيغۇر ئىسلام بىلوگى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.

 ھەسەن ئەلبەسرى رەھىمەھۇللاھ ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جۈمە كۈنى خۇتبە سۆزلىگەندە يۆلىنىدىغان بىر كۆتەك بار ئىدى. (رەسۇلۇللاھ بىلەن بىللە جۈمە ئوقۇيدىغان) كىشىلەر كۆپەيگەندە، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مەن ئۈچۈن بىر مۇنبەر ياساڭلار» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر مۇنبەر ياسالدى. بۇ ئىككى پەشتاقلىق مۇنبەر ئىدى. رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم (خۇتبە سۆزلىگەندە) ھېلىقى كۆتەككە يۆلەنمەي، (يېڭىدىن ياسالغان) مۇنبەرگە چىقتى. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ھېلىقى كۆتەك رەسۇلۇللاھقا قىيالماي ئىڭراپ يىغلاپ كەتتى.
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن شۇ چاغدا مەسجىدتە ئىدىم ۋە ئۇنىڭ (كۆتەكنىڭ) يىغىسىنى ئاڭلىغانىدىم. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم (يېڭى ياسالغان) مۇنبەردىن چۈشۈپ ھېلىقى كۆتەكنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭغا يۆلەنگەنگە قەدەر ئۇنىڭ (كۆتەكنىڭ) يىغىسى توختىمىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا يۆلەنگەندىن كېيىن(كۆتەك) ئاندىن يىغىدىن توختىدى».
ھەسەن ئەلبەسرى بۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلىۋېتىپ يىغلاپ كەتتى ۋە شۇنداق دېدى: «ئى مۇسۇلمانلار جامائىتى! بىر كۆتەك جېنىدا رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە (ئۇنىڭ خۇتبىسىگە، ھەدىسلىرىگە) قىيالماي يىغلىغان. ئەجەبا (قىيامەتتە) ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلار رەسۇلۇللاھقا تېخىمۇ قىيالماسلىقى كېرەك ئەمەسمۇ؟» [ئىمام ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەكنىڭ «كىتابۇز زۇھد» 1021  نومۇر].

بۈگۈنكى كۈندە رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن كەلگەن سەھىھ ھەدىسلەر توپلانغان نۇرغۇن كىتابلار تۇرۇپتۇ. مۇشۇ كىتابلاردىكى ھەدىسلەرنى ئوقۇپ تۇرۇشقا ئىشتىياق باغلاش ھەم ئاز ئوقۇساقمۇ ئوقۇغانلىرىمىزغا ئەمەل قىلىش ۋە قولىمىزدىن كېلىشىچە شۇلارنى ئەتراپتىكىلەرگىمۇ تارقىتىپ قويۇش ئىنتايىن سۆيۈملۈك ئەمەللەردىندۇر. رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە ئەگەشكۈچى قۇتۇلىدۇ، سۈننەتتىن يۈز ئۆرۈگۈچى ھالاك بولىدۇ. سۈننەتكە پەقەت سۈننەتنى بىلگەندىلا ئەگەشكىلى بولىدۇ. سۈننەتنى بىلىش ئۈچۈن ھەدىس ئوقۇش كېرەك بولىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسلىرىگە يۇقىرىدا زىكرى قىلىنغان كۆتەكچىلىك ھېرىسمەن بولالمىساقمۇ، قولىمىزدىن كېلىشىچە سۈننەتكە،  ھەدىسكە يېپىشىشقا تىرىشىپ قويايلى.


* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟