چىش ئاغرىقى سەۋەبلىك روزىنى بۇزۇشقا بولامدۇ؟
دۇنياغا مەشھۇر ئەھلى سۈننەت پەتىۋا تور بېكىتى ___ ئىسلام سوئال - جاۋابلىرى تورىدىكى 132427- نومۇرلۇق پەتىۋا
«ئۇيغۇر ئىسلام بىلوگى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.
جاۋاب:
بارچە ھەمدۇ سانا ئاللاھقا خاستۇر.
ئەگەر چىشى ئاغرىغان ئادەمنىڭ روزىسىنى بۇزۇشى زۆرۈر بولسا (يەنى قاتتىق ئاغرىق قاتارلىقلار سەۋەبلىك دورا يېيىشكە موھتاج بولسا ۋەھاكازا، ت)، ئۇ روزىسىنى بۇزسا بولىدۇ. چۈنكى، بۇ خىل ئەھۋالدا، ئۇ ئاللاھ روزا تۇتماسلىققا رۇخسەت بەرگەن ئاغرىق كىشىلەر قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ.
مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھتىندۇر. دۇرۇد - سالاملار پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدكە، ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ۋە ساھابىلىرىگە بولغاي.
پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار:
شەيخ ئابدۇلئەزىز بىن ئابدۇللاھ بىن باز؛
شەيخ سالىھ فەۋزان؛
شەيخ ئابدۇلئەزىز ئالشەيخ؛
شەيخ بەكرى ئەبۇزەيد.
ئىلمىي تەتقىقات ۋە دائىمىي پەتىۋا ئورگىنى پەتىۋالىرى 2 - توپلام 9 - جىلىد 203 - بەت.
* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.