«كاپىر دۈشمەنلىرىمىز تۇرغان يەردە، نېمىشقا بىدئەت ۋە بىدئەتچىلەر بىلەنلا قالىمىز؟»
«ئۇيغۇر ئىسلام بىلوگى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.
ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.
ئەللامە شەيخ سالىھ فەۋزاندىن شۇنداق سوئال سورالدى: بۇ ئۈممەتنىڭ يەھۇدىي، خىرىستىيان ۋە دەھرىي دۈشمەنلىرى تۇرغان يەردە، نېمە ئۈچۈن بىز (شۇلارنى قويۇپ) بىدئەتچىلەرنىڭ خەتىرىنى تەكىتلەۋېرىمىز؟
جاۋاب: مۇسۇلمانلار ئۆز ئىچىگە سىڭىپ كىرگەن بىدئەت (ۋە بىدئەتچى) لەرنى يەڭمىگۈچە يەھۇدىي - ناسارالارنى يېڭەلىشى مۇمكىن ئەمەس.
(بىدئەت بۇ ئۈممەتكە چاپلاشقان مەرەز كېسەلدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن) ئۈممەت ئاۋۋال ئۆزىنىڭ كېسىلىنى ساقايتىپ، يەھۇدىي - خىرىستىيانلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلالىغۇدەك (ئىمانىي) ماغدۇر ھازىرلىشى كېرەك.
مۇسۇلمانلار ئۆز دىنىنى زايە قىلىپ، بىدئەت ۋە ھارام ئىشلارنى قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋەرسە، ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە لايىق رەۋىشتە يېپىشمىسا، يەھۇدىي ۋە خىرىستىيانلار ئۈستىدىن ئەسلا غالىب كېلەلمەيدۇ.
ئۇلارنىڭ (يەھۇدىي - خىرىستىيان ۋە باشقا بارلىق كاپىرلارنىڭ) بۇ ئۈممەتكە مۇسەللەت قىلىنىشىنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى __ مۇسۇلمان ئۈممىتىنىڭ ئىسلامىي ئەھكاملارغا تېگىشلىك رەۋىشتە ئەمەل قىلمىغانلىقىدۇر.
ئەھۋال شۇنداق بولغانىكەن، مۇسۇلمان ئۈممىتى يەھۇدىي - خىرىستىيانلار بىلەن كۈرەش قىلىشتىن ئاۋۋال، بىدئەت ۋە مۇنكەرلەردىن قۇتۇلۇشى؛ ئاللاھ تائالانىڭ ۋە رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئۇيغۇنلىشىشى كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، بىز ھازىرقى (بىدئەتلەرگە چۆمگەن) بۇ ھالىمىز بىلەن يەھۇدىي - خىرىستىيانلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلالمايمىز. ئۇلار بولسا بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز تۈپەيلى ئۈستىمىزدىن غالىب كېلىدۇ.
مەنبە: «الإجابات المهمة في المشاكل الملمة» الشيخ صالح بن فوزان الفوزان __ 150 - بەت.
توپلىغۇچى: مۇھەممەد ئىبنى فەھىد ئەلھۇسەين
ئەسكەرتىش: شەيخ يۇقىرىقى سۆزلىرى ئارقىلىق ھەرگىز «يەھۇدىي - ناسارا ۋە باشقا كاپىرلار بىلەن كۈرەش قىلماي، بىدئەتكىلا قارشى تۇرىمىز» دېگىنى يوق. ئەكسىچە، سۈننەتنى تەكىتلەپ، بىدئەتنى قامچىلىغۇچىلارغا ھەردائىم قارشى چىقىدىغان، ھە دېگەندىلا «نى - نى دۈشمەنلىرىمىز، نى - نى چوڭ ئىشلار تۇرغان يەردە كەچكىچە بىدئەتنىڭ گېپىنى قىلىۋەرمەڭلار» دەيدىغان بىلەرمەنلەرگە رەدىيە سۈپىتىدە يۇقىرىقى سۆزلەرنى قىلماقتا.
* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.
* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.