كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟
*ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ. رومانتىك كىنولارنى كۆرۈش ۋە مۇھەببەت ھېكايىلىرىنى ئوقۇشنىڭ ھۆكمى ئىسلام سوئال – جاۋابلىرى تورىدىكى 85232 – نومۇرلۇق پەتىۋا (1) سوئال : ۋىدىيو – فىلىملەرنى كۆرۈشنىڭ ئومۇمىي ھۆكمى ۋە «ھۆججەتلىك فىلىم» دېيىلىدىغان فىلىملەرنى كۆرۈشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ جاۋاب: بارچە ھەمدۇ – سانا ئاللاھقا خاستۇر. كىنو كۆرۈش ــ باشقىلارنىڭ ئەۋرىتىگە قاراش، ئەخلاقسىز قىلمىشلارغا ئەگىشىپ قېلىش، مۇزىكا ۋە شەھۋانىي سۆھبەتلەرگە ئوخشاش ھارام نەرسىلەرنى تىڭشاپ قېلىش قاتارلىق قىلمىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغىنى ئۈچۈن، شەكسىز ھارامدۇر. ئەگەر فىلىملەر يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان نەرسىلەردىن خالىي بولسا (مەسىلەن، توغرا ئەقىدىكى ئۇستازلارنىڭ دىنىي ئەھكاملارنى چۈشەندۈرگەن فىلىملىرى ۋە ئاسمان جىسىملىرىنى، ئاللاھنىڭ كائىناتنى نەقەدەر مۇكەممەل ياراتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدىغان فىلىملەر دېگەندەك، ت) ئۇ ۋاقىتتا، ئاللاھنىڭ زىكرىدىن، پەرز ئەمەللەرنى ئادا قىلىشتىن غەپلەتتە قالماسلىق شەرتى ئاستىدا بۇنداق ۋىدىيولارنى كۆرۈشكە بولىدۇ. ب...



