ئاللاھ تائالا بەندىسىنىڭ تەۋبىسىدىن مۇنداق خۇش بولىدۇ
پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ خىزمەتچىسى ئەبۇھەمزە ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھنىڭ بەندىسىنىڭ تەۋبىسىگە بولغان خۇشاللىقى، سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ چۆل – باياۋاندا تۆگىسىنى يوقىتىپ قويۇپ ئاندىن ئۇنى تېپىۋالغاندىكى خۇشاللىقىدىنمۇ ئارتۇقتۇر». [ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم تەڭ رىۋايەت قىلغان].
ئىمام مۇسلىمنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە، پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بەندە ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلغان ۋاقىتتا، ئاللاھ تائالا بەندىنىڭ تەۋبىسىدىن مۇنداق بىر ئادەمنىڭ خۇشاللىقىدىن بەكرەك خۇشال بولىدۇ. سىلەرنىڭ بىرىڭلار چۆلدە سەپەر قىلىۋېتىپ، يۈك – تاقى، ئوزۇق – تۈلۈكى ئارتىلغان ئۇلۇغىنى يۈتتۈرۈپ قويىدۇ. ئۇ ئادەم ئۇلۇغىنى تېپىشتىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ، بىر دەرەخنىڭ تۈۋىگە كېلىپ، ئۇنىڭ سايىسىدە يېنىچە ياتىدۇ. ئۇ ئۇلىغىنىڭ تېپىلىشىدىن پۈتۈنلەي ئۈمىدىنى ئۈزۈپ تۇرغان بىر پەيتتە، ئۇلىغى ئۇنىڭ يېنىدا تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قالىدۇ. ئۇ ئۇنىڭ نوقتىسىدىن تۇتقان ھالدا قاتتىق خۇش بولۇپ كەتكەنلىكتىن: «ئى ئاللاھ! سەن مېنىڭ بەندەم، مەن سېنىڭ رەببىڭ!» دەپ تاشلايدۇ. ئۇ ئادەم قاتتىق خۇشال بولۇپ كەتكەنلىكتىن سۆزدە خاتالىشىدۇ».
* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.