دىندا ئوتتۇراھال بولۇش قانداق بولىدۇ؟
ئىككى ھەرەمنىڭ ئۇستازى، ئەللامە
شەيخ، ئىمام مۇھەممەد بىن سالىھ ئۇسەيمىيننىڭ رىسالىلەر ۋە پەتىۋالار توپلىمى 1 -
جىلىد 42 - بەت. دۇنياغا مەشھۇر ئەھلى سۈننەت پەتىۋا تور بېتى ئىسلام سوئال - جاۋابلىرى
تورىنىڭ ئۇيغۇرچە سەھىپىسى
(islamqa.info/ug)دىن ئېلىندى.
بارچە ھەمدۇ سانا ئاللاھقا خاستۇر.
دىندا ئوتتۇراھال بولۇش دېگەنلىك
ئاللاھ بەلگىلىگەن چەكتىن ئېشىپ كەتمەسلىك ۋە چىقىپ كەتمەسلىكنى، شۇنداقلا ئۇنىڭغا
سەل قارىماسلىقنى، يەنى ئاللاھ بەلگىلىگەن چەكتىن كېمەيتىۋەتمەسلىكنى كۆرسىتىدۇ.
دىندا ئوتتۇراھال بولۇش دېگەنلىك
پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يولىغا ئەگىشىش دېگەنلىكتۇر. ئاشۇرۇۋېتىش
دېگەنلىك رەسۇلۇللاھنىڭ قىلغىنىدىن كۆپرەك قىلىشقا ئۇرۇنۇشتۇر، سەل قاراش بولسا ئۇ
سەۋىيەگە يەتمەسلىكتۇر.
مەسىلەن، بىر ئادەم : مەن پۈتۈن كېچىنى
ناماز بىلەن ئۆتكۈزىمەن، پۈتكۈل ھاياتىمدا ھەرگىز ئۇخلىمايمەن، چۈنكى ناماز ئەڭ
ياخشى ئىبادەتلەرنىڭ بىرى، شۇڭا مەن بارلىق كېچىنى نامازدا ئۆتكۈزمەكچىمەن، دەيدۇ.
بىز دەيمىز، بۇ ئاللاھنىڭ دىنىدا ھەددىدىن ئاشقانلىق، بۇ توغرا ئەمەس. بۇنىڭغا
ئوخشاش ئىشلار پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋاقتىدىمۇ يۈز بەرگەن،
بىر قانچە كىشىلەر يىغىلىپ، ئۇلارنىڭ بىرى : مەن كېچىدە ناماز ئوقۇيمەن، ھەرگىز ئۇخلىمايمەن،
دېگەن. يەنە بىرى : مەن روزا تۇتىمەن، ھەرگىز روزامنى بۇزمايمەن، دېگەن. ئۈچىنچى
بىرى: مەن ھەرگىز توي قىلمايمەن، دېگەن. ئۇلارنىڭ خەۋىرى پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسەللەمگە يەتكەندە ئۇ مۇنداق دېگەن : «مۇنداق-مۇنداق سۆزلەرنى قىلغان كىشىلەرگە
نېمە بولغىنى؟ مەن (بەزىدە) روزا تۇتىمەن ھەمدە (بەزىدە) تۇتمايمەن، مەن (كېچىنىڭ
بىر قىسمىدا) ئۇخلايمەن، مەن توي قىلىمەن. كىمكى مېنىڭ سۈننىتىمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن،
ئۇ مەندىن ئەمەس».
بۇ
كىشىلەر دىندا ھەددىدىن ئاشماقچى بولغانىدى، پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم
ئۇلارنىڭ ئىشىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.
چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ بەزىدە روزا تۇتۇش، بەزىدە تۇتماسلىق، كېچىدە ناماز ئوقۇش
ۋە ئۇخلاش، ھەمدە توي قىلىشتىن ئىبارەت سۈننىتىدىن ئۆزلىرىنى تارتماقچى بولغانىدى.
كېمەيتىۋەتكۈچى بولسا، مەن (رەسۇلۇللاھ
سەللاللاھ ئەلەيھى ۋەسەللەم قىلغان) نەپلە ئەمەللەرنى قىلمىساممۇ بولىدۇ، شۇڭا مەن
ئۇلارنى قىلمايمەن. مەن پەقەت پەرىز ئەمەللەرنىلا قىلىمەن، دېگۈچىدۇر. بۇنداق دېگۈچى
بەزىدە پەرىز ئەمەللەرنىمۇ كەم قىلىپ قويىدۇ، شۇڭا ئۇ كېمەيتىۋەتكۈچى ھېسابلىنىدۇ.
ئوتتۇراھال ئادەم بولسا ئاللاھنىڭ
پەيغەمبىرى سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋە ئۇنىڭ راشىد (توغرا يولغا يېتەكلەنگەن)
خەلىپىلىرىنىڭ يولىغا ئەگەشكۈچىدۇر.
يەنە بىر مىسال : ئۈچ ئادەم بىر
پاسىق ئادەم توغرىسىدا پاراڭلىشىدۇ.
ئۇلارنىڭ بىرى : مەن (ھەرقانداق ئەھۋالدا)
بۇ پاسىق ئادەم بىلەن سالاملاشمايمەن، بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەت قىلمايمەن، ئۇنىڭدىن
نېرى بولىمەن ھەمدە ئۇنىڭغا سۆز قىلمايمەن، دەيدۇ.
ئىككىنچىسى : مەن (ھەرقانداق ئەھۋالدا)
بۇ پاسىق ئادەم بىلەن بىللە مېڭىۋېرىمەن، ئۇنىڭ بىلەن سالاملىشىۋېرىمەن، ئۇنىڭغا خۇش
تەبەسسۇم قىلىۋېرىمەن. ئۇنى ئۆيۈمگىمۇ تەكلىپ قىلىمەن، ھەمدە ئۇ چاقىرغان يەرگە بېرىۋېرىمەن.
ئۇ ماڭا نىسبەتەن تەقۋا ئادەمگە ئوخشاش، دەيدۇ.
ئۈچىنچىسى : مەن بۇ پاسىق ئادەمنى
بۇزۇق ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆچ كۆرىمەن، بىراق مەن ئۇنى ئەقىدىسى (مۇسۇلمان ئىكەنلىكى) نۇقتىسىدىن
ياخشى كۆرىمەن. ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش ئۇنىڭ (پاسىقلىقتىن يېنىشى)غا پايدىلىق
بولمىسىلا، ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزمەيمەن. بىراق، ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتنى
ئۈزۈش ئۇنىڭ تۈزىلىشىگە سەۋەب بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭ پاسىقلىقىنى ئاشۇرۇۋەتسە، ئۇنداقتا
مەن ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزمەي تۇرىمەن (يەنى ئۇنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۆچ كۆرسەممۇ، ئۇنىڭ
دىنىي مەنپەئەتى نۇقتىسىدىن، ئۇنىڭغا داۋاملىق
دەۋەت قىلىمەن، ت) دەيدۇ.
بىز شۇنى دەيمىزكى، بىرىنچى ئادەم - ھەددىدىن
ئاشقۇچى، ئىككىنچىسى-سەل قارىغۇچى، ئۈچىنچىسى بولسا ئوتتۇراھالدۇر.
[ئەسكەرتىش: ئۈچىنچى خىل ئەھۋالدا،
ئەگەر پاسىقنى تۈزەيمەن دەپ ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتنى داۋاملاشتۇرغاندا، شۇ ئادەمنىڭ
ئۆزىگە پاسىقلىق ئىللەتلىرى يۇقۇپ قالىدىغان بولسا، يەنى ھەقكە، سۈننەتكە دەۋەت
قىلىمەن دەپ، ئەكسىچە ئۆزى باتىلغا، بىدئەتكە
دەۋەت قىلىنىپ كېتىدىغان ئىش بولسا، يەنىلا بۇنداق ئادەملەردىن يىراق تۇرۇش
كېرەك بولىدۇ، ت].
بۇ بارلىق ئىبادەت ۋە مۇئامىلەلەرگە
ئورتاقتۇر. كىشىلەر ئۇنىڭدا ھەددىدىن ئېشىش، سەل قاراش ۋە ئوتتۇراھال بولۇش
ئارىسىدا بولىدۇ.
ئۈچىنچى مىسال : بىر ئادەم
ئايالىنىڭ ئەسىرى بولۇپ، ئايالى ئۇنى ئۆزى خالىغان ئىشقا بۇيرۇيدۇ، ئۇ ئايالىنى گۇناھ
ئۆتكۈزۈشتىن توختاتمايدۇ، ياكى ئۇنى ياخشى ئىش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرمەيدۇ. ئايالى
ئۇنىڭ ئەقلىنى كونتىرول قىلىۋالغان ھەمدە ئۇنىڭ خوجايىنىغا ئايلانغان.
يەنە بىر ئادەم ئايالىغا قوپاللىق،
ھاكاۋۇرلۇق ۋە قاتتىق بېسىم بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ ھەمدە
ئۇنى قۇلدىنمۇ تۆۋەن كۆرىدۇ.
ئۈچىنچى ئادەم بولسا ئايالى بىلەن
بولغان مۇئامىلىدە ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسى (تۆۋەندىكى ئايەت - ھەدىستە) بۇيرىغاندەك
ئوتتۇراھال بولىدۇ.
«ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻗﻠﯩﺮﻯ
ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﺪﻩﻙ، ﺋﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯖﻤﯘ ﮬﻪﻗﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ
ﮬﻮﻗﯘﻗﺘﯩﻦ ﺑﻪﮬﺮﯨﻤﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﻪﺗﻤﯘ ﺋﯚﺗﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ)» [سۈرە
بەقەرە 2 : 228 ]
پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم
«مۇئىمىن ئەر مۇئىمىن ئايالنى ئۆچ كۆرمىسۇن. ئەگەر ئۇ ئۇنىڭ بىر مىجەزىنى ياقتۇرمىسا،
ئۇنىڭ يەنە بىر مىجەزىدىن رازى بولىدۇ» دېگەن.
بۇ ئاخىرقى ئادەم ئوتتۇراھال ئادەمدۇر.
ئىككىنچىسى - ئايالى بىلەن بولغان مۇئامىلىدە ھەددىدىن ئاشقۇچى، بىرىنچىسى بولسا كەم
قىلغۇچىدۇر.
بۇ بارلىق ئىش-ھەرىكەت ۋە ئىبادەتلەرگە
ئورتاقتۇر.
ئىككى ھەرەمنىڭ ئۇستازى، ئەللامە
شەيخ، ئىمام مۇھەممەد بىن سالىھ ئۇسەيمىيننىڭ رىسالىلەر ۋە فەتىۋالار توپلىمى، 1 -
جىلىد 42 - بەت.
* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك
دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن
بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن
كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.