دەۋەتچى ئۆزىدە قانداق ئىلىملەرنى ھازىرلىشى كېرەك؟

ئىككى ھەرەمنىڭ ئۇستازى، ئەللامە شەيخ بىن باز رەھىمەھۇللاھنىڭ پەتىۋالار توپلىمى 4  جىلىد 233  بەتتىن «ئۇيغۇر ئىسلام بىلوگى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.

*ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.

سوئال: ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسىدىغان دەۋەتچى ئۆزىدە قانداق ئىلىملەرنى ھازىرلىشى كېرەك؟ 

جاۋاب: دەۋەتچىنىڭ دىنىي ئىلىملەرنى ياخشى بىلىشى زۆرۈر، چۈنكى ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا مۇنداق دېگەن: «ئېيتقىنكى: بۇ مېنىڭ يولۇمدۇر. مەن روشەن ئىلىمگە ئاساسلانغان ھالدا (كىشىلەرنى) ئاللاھقا دەۋەت قىلىمەن. ماڭا ئەگەشكەنلەرمۇ (شۇنداق قىلىدۇ)» [سۈرە يۈسۈف 108  ئايەت].

مەزكۇر ئايەتتىكى ئىلىم ـــ ئاللاھ تەئالا ئۆزىنىڭ مۇقەددەس كىتابىدا؛ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزىنىڭ سەھىھ سۈننىتىدە بايان قىلىغان ئىلىملەردۇرئىلىم مۇشۇ ئىككى مەنبەنى، يەنى قۇرئان ۋە سەھىھ سۈننەتنى؛ ئاللاھنىڭ بۇيرۇق چەكلىمىلىرىنى، شۇنداقلا رەسۇلۇللاھنىڭ ئاللاھنىڭ يولىغا قانداق دەۋەت قىلغانلىقىنى، مۇنكەرگە قانداق قارشى تۇرغانلىقىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق قولغا كېلىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، دەۋەتچى رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابىلىرىنىڭ يولى (ئايەت  ھەدىسلەرنى چۈشىنىش ئۇسلۇبى، دەۋەت مېتودى)نىمۇ ياخشى بىلىشى كېرەك.

دەۋەتچى رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەرنىڭ توغرا مېتودىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، قۇرئان ھەققىدە كۆپ تەپەككۇر قىلىشى، ھەدىس كىتابلىرىنى كۆپ ئوقۇشى، ئالىملارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ چىقىشى كېرەك. چۈنكى، ئالىملار (ئاللاھ ئۇلارغا رەھمەت قىلغاي) بۇ ھەقتە، يەنى قانداق دەۋەت قىلىش ھەققىدە ناھايىتى تەپسىلىي توختالغان. 

بۇ ۋەزىپىنى (يەنى دەۋەت ۋەزىپىسىنى) ئۆز ئۈستىگە ئالغۇچى، دەۋەتكە ئۆزىنى بېغىشلىشى، ئاللاھنىڭ كىتابىنى ۋە رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ھەر نەرسىنى ئۆزىگە لايىق ئورۇنغا قويۇشى، يەنى ھېكمەت بىلەن ئىش قىلىشى كېرەك. 

چۈنكى، ياخشىلىققا بۇيرۇش يامان ئاقىۋەتكە، يامانلىقتىن توسۇش تېخىمۇ ئېغىر يامانلىققا سەۋەب بولماسلىقى كېرەك. 

خۇلاسە كالام، دەۋەتچى ھەر نەرسىنى ئۆز ئورنىغا قويۇشتا (يەنى ھېكمەت بىلەن ئىش قىلىشتا) لازىم بولىدىغان زۆرۈر ئىلىملەرنى ئۆزىدە ھازىرلىشى كېرەك.

*ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟