ئاتالمىش «ئىسلامىي» كارتون فىلىملەرنى كۆرۈشكە بولامدۇ؟

سەئۇدىي ئىلمىي تەتقىقات ۋە دائىمىي پەتىۋا ئورگىنىنىڭ 19933  نومۇرلۇق پەتىۋاسى. «ئۇيغۇر ئىسلام بىلوگى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.

* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇماڭ.

سوئال: جانلىقلار (ئادەملەر، ھايۋانلار) تەسۋىرلىنىدىغان، ئەھمىيەتلىك، پايدىلىق ھېكايىلەر بايان قىلىنىدىغان، بالىلارنى ياخشى خاراكتېر يېتىلدۈرۈشكە، ئاتا  ئانىسىغا بولغان مەجبۇرىيەتنى تونۇشقا، ناماز ئوقۇشقا ئۈندەيدىغان «ئىسلامىي» كارتون فىلىملەرنى كۆرۈش ــ سېتىۋېلىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ بۇ خىل كارتون فىلىملەر كۈنىمىزدە كەڭ ئومۇملىشىپ كەتكەن (بارچە ئىپلاس مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان) تېلېۋىزوردىكى كىنو  فىلىملەرنىڭ ئورنىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغان. لېكىن، بىزنىڭ ئەنسىرەۋاتقىنىمىز، بۇ خىل كارتون فىلىملەردە ئادەملەرنىڭ ۋە ھايۋانلارنىڭ سىزما رەسىملىرى بار. مۇشۇ خىل كارتون فىلىملەرنى كۆرۈشكە بولامدۇ؟ بىزگە توغرا يولنى كۆرسەتكەن بولساڭلار. ئاللاھ سىلەرنى ئەڭ ياخشى ساۋاب بىلەن مۇكاپاتلىغاي!

جاۋاب: كارتون فىلىملەرنى سېتىۋېلىشقا، سېتىشقا، ئىشلىتىشكە (ئۆزى كۆرۈشكە ياكى باشقىلارغا كۆرسىتىشكە) بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئىسلامدا سىزىش ھارام قىلىنغان جانلىقلارنىڭ رەسىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بالىلارنى ئىنتىزامچان، ناماز ئوقۇيدىغان قىلىپ تەربىيەلەشتە چوقۇم ئىسلامغا ئۇيغۇن تەربىيە مېتودى قوللىنىش لازىم. 
تەۋپىق ئاللاھتىن. دۇرۇت  سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىگە بولسۇن.

پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار: 
شەيخ ئابدۇلئەزىز بىن ئابدۇللاھ بىن باز.
ئابدۇلئەزىز ئالشەيخ؛ سالىھ فەۋزان؛ بەكرى ئەبۇزەيد.

قىستۇرما: مەيلى ئىلگىرىكى ياكى ھازىرقى ھەرقانداق كارتون فىلىم بولسۇن، ئۇنىڭ ئىچىدىكى جانلىقلارنىڭ ئوبرازلىرى پۈتۈنلەي قولدا ياكى كومپيۇتېردا سىزىلغان، يەنى يوقتىن بار قىلىنغان بولىدۇبۇلار ھەممىسى رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قاتتىق چەكلىگەن قىلمىشلاردۇربۇ ھەقتىكى ھەدىسلەردىن بىرى تۆۋەندىكىچە: 
سەئىد ئىبنى ئەبۇھەسەن مۇنداق دەيدۇ، بىر ئادەم ئىبنى ئابباس رەزىياللاھۇ ئەنھۇمانىڭ يېنىغا كېلىپ:
ــ مەن بۇ رەسىملەرنى سىزىمەن. ماڭا پەتىۋا بەرگىن! ــ دېگەنىدى، ئىبنى ئابباس ئۇنىڭغا:
ــ ماڭا يېقىن كەلگىن! ــ دېدى. ئاندىن يەنە:
ــ ماڭا يېقىن كەلگىن! ــ دېدى. ئۇ تېخىمۇ يېقىن كەلدى. ئىبنى ئابباس رەزىياللاھۇ ئەنھۇما ئۇنىڭغا بېشىغا قولىنى قويۇپ تۇرۇپ:
ــ مەن پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن بۇ ھەقتنى ئاڭلىغانلىرىمنى ساڭا ئېيتىپ بېرەي. مەن ئۇنىڭ: «رەسىم سىزغۇچى ھەرقانداق كىشى دوزاخقا كىرىدۇ. ئۇنىڭ سىزغان رەسىملىرىنىڭ ھەممىسىگە جان كىرگۈزۈلىدۇ. ئاندىن شۇ جانلار ئۇنى جەھەننەمدە ئازابلايدۇ» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم. ئەگەر سەن چوقۇم رەسىم سىزىمەن دەپ تۇرىۋالساڭ، دەل  دەرخلەرنى ۋە جانسىز نەرسىلەرنى سىزغىن! ــ دېدى. [سەھىھۇل مۇسلىم 2110  ھەدىس].

مۆمىن ھاياتى بويىچە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن، دوزاختىن ساقلىنىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ياشايدۇ. شۇنداق بولغانىكەن، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئوچۇقتىن ئوچۇق دوزاخ بىلەن قورقۇتقان جانلىقلارنىڭ رەسىملىرىنى سىزىش قىلمىشىغا قەتئىي يېقىن يولىماسلىق، مۇشۇ ئىشنى قىلغانلارغا (مەسىلەن، كارتون فىلىم ئىشلىگۈچىلەرگە، كارتون رەسىملىك كىتاب چىقارغۇچىلارغا) يانتاياق بولماسلىق، بۇنداق نەرسىلەردىن قەتئىي يىراق تۇرۇش كېرەك. ئۆتمۈشتە ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئىسلام پەرزەنتلىرى «كارتون فىلىم» دېگەننىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيمۇ، يەنە شۇنچە بەختلىك ياشاپ ئۆتكەن. مەزكۇر پەتىۋانى كۆرگەن ھەرقانداق قېرىندىشىمىزنىڭ قىيامەتتە ئەلەمدە قالماسلىقى ئۈچۈن بۇ ئىشقا سەل قارىماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمىز.


* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟