«ئۈممىتىم ئازغۇنلۇق ئۈستىدە بىرلەشمەيدۇ» دېگەن ھەدىسنى قانداق چۈشىنىمىز؟
دۇنياغا مەشھۇر ئەھلى سۈننەت پەتىۋا تور بېتى ـــ ئىسلام سوئال – جاۋابلىرى تورى (islamqa.info) دىكى 147341 – نومۇرلۇق پەتىۋا. «ئۇيغۇر ئىسلام بىلوگى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.
* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.
سوئال: ئەگەشكۈچىنىڭ كۆپلۈكى مەلۇم بىر پىرقىنىڭ توغرا يولدا ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىمۇ؟ ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك «تەبلىغ جامائىتى»نىڭ بەزى كىتابلىرىدا ئوچۇقتىن ئوچۇق شېرىك ئەقىدىلەر ئۇچرايدۇ. ئەمما، مەن بىر دوستۇمغا بۇ گەپنى دېسەم، ئۇ قوپۇپ ماڭا «ئەگەر <تەبلىغ جامائىتى>نىڭ يولى خاتا بولىدىغان بولسا، نېمىشقا ئۇنىڭغا يەنە شۇنچە كۆپ ئادەم ئەگىشىدۇ؟ ھالبۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم <ئۈممىتىم ئازغۇنلۇق ئۈستىدە بىرلەشمەيدۇ> دېگەن تۇرسا؟» دەپ سوئال قويدى. مۇشۇ ھەدىسنى تەپسىلىي شەرھلەپ بەرگەن بولسىلا ھەم شۇ دوستۇمغا قانداق جاۋاب بېرىشىم كېرەكلىكىنى دەپ بەرگەن بولسىلا.
جاۋاب: بارچە ھەمدۇ سانا ئاللاھقا خاستۇر.
ئىمام تىرمىزى (2167 – نومۇرلۇق ھەدىستە) ئىبنى ئۆمەر رەزىياللاھۇ ئەنھۇمادىن رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «ئاللاھ ئۈممىتىمنى ئازغۇنلۇق ئۈستىدە بىرلەشتۈرمەيدۇ. ئاللاھنىڭ قولى جامائەتنىڭ قولى بىلەن بىللىدۇر» [شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنى ھەسەن دەپ باھالىغان].
بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى «ئاللاھ مۇھەممەد سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۈممىتىنىڭ ھەرقانداق بىر دەۋردىكى پۈتۈن ئالىملىرىنى خاتا ئىش ئۈستىدە بىرلىككە كېلىپ قېلىشتىن ساقلىغان» دېگەنلىك بولىدۇ.
ئاللاھ تائالانىڭ ئازغۇنلۇق ئۈستىدە بىرلىشىپ قېلىشتىن ساقلىشى ــــ پەقەت بۇ ئۈممەتنىڭ ئالىملىرىغىلا قارىتىلغان. ئەمما، مەلۇم بىر دەۋردىكى ئالىملارنىڭ بەزىلىرى ياكى كۆپچىلىكى بىر ئىش ئۈستىدە بىرلىككە كەلگەن بولسا، بۇ ھەقتە يۇقىرىقىدەك كاپالەت يوق.
شۇنىڭدەك، ئەگەر ئاۋام خەلق مەلۇم ئىشتا بىرلىككە كەلگەن بولسا، بۇ بىرلىككە كېلىش ئۇ ئىشنىڭ توغرىلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ. چۈنكى، بۇ يەردىكى «ئازغۇنلۇق ئۈستىدە بىرلەشمەيدۇ» دېگەن ھەدىسنىڭ ئوبيېكتى ئادەتتىكى خەلق ئەمەس، ئالىملاردۇر.
ئىمام ئەبۇئىسا تىرمىزى رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ «سۇنەن تىرمىزى»دا شۇنداق دېگەن: «ئالىملارنىڭ قارىشىغا كۆرە، ھەدىستىكى <ئاللاھنىڭ قولى جامائەتنىڭ قولى بىلەن بىللىدۇر> دېگەن جۈملىدىكى <جامائەت> ھەدىس، فىقھى ۋە باشقا دىنىي ساھەلەردىكى ئالىملارنى كۆرسىتىدۇ».
ئىمام شاتىبى رەھىمەھۇللاھ شۇنداق دېگەن: «ئاددىي پۇقرالارنىڭ بىر ئىشتا بىرلىككە (ئىجمائقا) كېلىشىنىڭ ھېچ ئېتىبارى يوق ئىكەنلىكى ھەققىدە (ئالىملار ئارىسىدا) ئىختىلاپ يوق» [«ئەلئىتسام» 1 ـ جىلىد 354 – بەت].
نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ مەلۇم بىر جامائەتكە، پىرقىگە ياكى مەزھەپكە ئەگەشكەنلىكى ئۇلارنىڭ توغرا يولدا ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەيدۇ. مەسىلەن، خىرىستىيانلار سان جەھەتتە مۇسۇلمانلاردىن كۆپ. يەنە مەسىلەن، بەزى ئەللەردە بىدئەت ۋە ئازغۇنلۇققا ئەگەشكەنلەر ئەھلى سۈننەتتىن كۆپ. ئەجەبا، بۇمۇ ئۇلارنىڭ توغرا يولدا ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىمۇ؟
ئەبۇشامە ئەلمەقدىسى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «(قۇرئان – سۈننەتتىكى) جامائەتكە ئەگىشىشكە بۇيرۇقىنىڭ مەنىسى ــــ ھەقكە يېپىشقانلار ئاز، ئۇنىڭغا قارشى يول تۇتقانلار كۆپ بولغان تەقدىردىمۇ، ھەقكە يېپىشىش ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىشتۇر. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم، ساھابىلەر (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولغاي) ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى سەلەفلەر ھەقكە ئەگەشكەن. ئۇلاردىن كېيىنكى باتىل يولغا ئەگەشكەنلەرنىڭ سانىنىڭ كۆپلۈكى ئېتىبارغا ئېلىنماسلىقى كېرەك». [الباعث على إنكار البدع والحوادث 22 - بەت]
ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرى ھەققىدە تۇتقان يوللىرىدىن بىرى شۇكى، (ئاللاھنىڭ ھېكمىتى بىلەن) ھەقكە ئەگەشكۈچىلەر باتىلغا ئەگەشكۈچىلەردىن ئاز بولىدۇ. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ (تەرجىمە مەنىسى):
«گەرچە سەن كىشىلەرنىڭ ئىمان ئېيتىشىغا ھېرىس بولساڭمۇ، (لېكىن) ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتمايدۇ» [سۈرە يۇسۇف 103 – بەت].
«ئۇ ھەقىقەتەن رەببىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان ھەقىقەتتۇر. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتمايدۇ» [سۈرە ھۇد 17 – ئايەت].
«ئەگەر سەن يەر يۈزىدىكى كۆپىنچە كىشىلەرگە ئىتائەت قىلساڭ، ئۇلار سېنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرىدۇ» [سۈرە ئەنئام 116 – ئايەت].
شەيخ سەئىدى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «بۇ ئايەت ئەگەشكۈچىلەر سانىنىڭ كۆپ بولۇشىنىڭ بىر ئىشنىڭ توغرىلىقىغا دەلىل بولالمايدىغانلىقىنى؛ ئەگەشكۈچىلەرنىڭ ئاز بولۇشىنىڭ بىر ئىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ھەتتا، رېئاللىق دەل شۇنىڭ ئەكسىچە، يەنى ھەققە ئەگەشكۈچىلەرنىڭ سانى ئاز بولىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدىكى ئېتىبارى، مۇكاپاتى ناھايىتى كاتتا بولىدۇ. بىز نېمىنىڭ ھەق، نېمىنىڭ باتىل ئىكەنلىكىنى (ئەگەشكۈچى سانىنىڭ ئاز – كۆپلۈكى بىلەن ئەمەس، بەلكى قۇرئان – سۈننەتتىكى) دەلىللەر ئاساسىدا بەلگىلىشىمىز كېرەك» [تەپسىر سەئىدى 1 – جىلىد 270 – بەت].
شۇ ۋەجىدىن، نېمىنىڭ توغرا ئىكەنلىكى، ئۇنى تەشەببۇس قىلغۇچىلارنىڭ كۆپلۈكى بىلەن ئەمەس، ئۇنىڭ قۇرئانغا ۋە رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىگە؛ ۋە بۇ ئۈممەتنىڭ دەسلەپكى نەسىللىرى، يەنى سەلەف سالىھلار بىرلىككە كەلگەن ئىشلارغا ئۇيغۇنلۇقىغا قاراپ بىلىنىدۇ.
فۇدەيىل ئىبنى ئىيياد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ھىدايەت يولىغا ئەگەش، بۇ يولدىكىلەرنىڭ ئازلىقى سېنى تېڭىرقاتمىسۇن؛ زالالەت يوللىرىدىن ھەزەر قىل، بۇ يولدىكىلەرنىڭ كۆپلۈكىگە ئالدانمىغىن» [ئىمام نەۋەۋى «ئەزكار» 221 – بەت؛ ئىمام شاتىبى «ئەلئىتسام» 1 – جىلىد 83 – بەت].
«تەبلىغ جامائىتى» ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرغا ئېرىشىش ئۈچۈن، 8674 -، 14037 – ۋە 39349 –نومۇرلۇق پەتىۋالارغا قاراڭ.
ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.
* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.