«ئاللاھ ھەر يۈز يىلنىڭ بېشىدا بۇ ئۇممەتكە ئۇلارنىڭ دىنىنى (دىنىي چۈشەنچىسىنى) يېڭىلىغۇچىنى ئەۋەتىدۇ» دېگەن ھەدىسنىڭ شەرھى

ئىسلام سوئال  جاۋابلىرى تورى (islamqa.info/ug) دىكى 153535  نومۇرلۇق پەتىۋا، «ئۇيغۇر ئىسلام بىلوگى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.

سوئال: ئىمام ئەبۇداۋۇدنىڭ «الملاحم» دېگەن ئەسىرىدە، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ «يبعث الله على رأس كل مائة عام من يجدد لهذه الأمة أمر دينها» «ھەر يۈز يىلنىڭ بېشىدا ئاللاھ بۇ ئۇممەتكە ئۇلارنىڭ دىنىنى (دىنىي چۈشەنچىسىنى) يېڭىلىغۇچىنى ئەۋەتىدۇ» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغانىكەن، بۇ ھەدىس سەھىھمۇ؟ بۇ ھەدىسنى كىم رىۋايەت قىلغان؟ مۇسۇلمانلار بۇ ھەدىسكە ئىشىنىشى كېرەكمۇ؟

جاۋاب: بارچە ھەمدۇ سانا ئاللاھقا خاستۇر.
بۇ مەشھۇر، سەھىھ ھەدىسلەردىن بىرىدۇر. بۇ ھەدىسنى كاتتا ساھابە ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇرەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن  «إِنَّ اللَّهَ يَبْعَثُ لِهَذِهِ الْأُمَّةِ عَلَى رَأْسِ  كُلِّ مِائَةِ سَنَةٍ مَنْ يُجَدِّدُ لَهَا دِينَهَا»  شەكلىدە رىۋايەت قىلغان. بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەبۇداۋۇد (4291  نومۇرلۇق ھەدىس) توپلىغان. ئىمام شەۋكانى «المقاصد الحسنة» (149) دە؛ ئىمام ئەلبانى «السلسلة الصحيحة» (599 نومۇردا) سەھىھ دەپ باھالىغان.

مۇسۇلمانلار رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەرقانداق سەھىھ ھەدىسكە ئىمان كەلتۈرۈشى، سەھىھ ھەدىسدە نېمە سۆزلەنگەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. بۇ رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئىمان كەلتۈرۈشنىڭ شەرتلىرىدىن بىرى. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇنداق دېگەن (تەرجىمە مەنىسى): «ئى مۇئمىنلەرئاللاھقا، پەيغەمبەرگە  ۋە ئۆزۈڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار. ئەگەر سىلەر بىر شەيئىدە ئىختىلاپ قىلىشىپ قالساڭلار، بۇ توغرىدا ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە مۇراجىئەت قىلىڭلار، بۇ (يەنى ئاللاھنىڭ كىتابىغا ۋە پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتىگە مۇراجىئەت قىلىش) سىلەر ئۈچۈن پايدىلىقتۇر، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن گۈزەلدۇر» [سۈرە نىسا 59  ئايەت].

تابىئىن ئىمام مۇجاھىد رەھىمەھۇللاھ ۋە باشقا سەلەفلەر يۇقىرىقى ئايەت ھەققىدە مۇنداق دېگەن: « {ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە مۇراجىئەت قىلىڭلار} دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى <ئاللاھنىڭ كىتابىغا ۋە پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتىگە مۇراجىئەت قىلىڭلار> دېگەنلىكتۇر. بۇ ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ بۇيرۇقى بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئىختىلاپلاشقان چوڭ  كىچىك ھەرقانداق دىنىي مەسىلىدە قۇرئان  سۈننەتكە مۇراجىئەت قىلىش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ. خۇددى ئاللاھ تائالا يەنە بىر ئايەتتە ئېيتقاندەك (تەرجىمە مەنىسى): «سىلەر نېمىلا توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشساڭلار، ئۇنىڭ ھۆكمى ئاللاھقا ئائىتتۇر» [سۈرە شۇرا 42  ئايەت].
ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىدىكى ھەرقانداق ھۆكۈم ھەقتۇر. ھالبۇكى، «ھەقتىن قالسا، گۇمراھلىقتىن باشقا نەرسە بارمۇ؟» [سۈرە يۇنۇس 32 ئايەت].
ــــ «تەپسىر ئىبنى كەسر» 2  جىلىد 345  بەت.

ئالىملار سوئالدا تىلغا ئېلىنغان «ھەر يۈز يىلنىڭ بېشىدا، ئاللاھ بۇ ئۇممەتكە ئۇلارنىڭ دىنىنى (دىنىي چۈشەنچىسىنى) يېڭىلىغۇچىنى ئەۋەتىدۇ» دېگەن ھەدىسنى ناھايىتى توغرا، ئەتراپلىق شەرھلىگەن. ئۇلار شۇنداق دېگەن: ھەدىستىكى (بىز «يېڭىلىغۇچى» دەپ تەرجىمە قىلغان) «من يجدد» دېگەن ئىبارىدىكى «من» باغلىغۇچى ئالماش بولۇپ، (ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدىمۇ كۆرسىتىلگەندەك) گەرچە «يېڭىلىغۇچى» دەپ بىرلىك شەكىلدە كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئالماش بىر ئادەمگىمۇ، بىر بۆلۈك ئادەمگىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شۇنىڭغا ئاساسەن، پۈتۈن ئالىملارنىڭ ئىچىدىن ھەر يۈز يىلنىڭ بېشىدا ئەۋەتىلىدىغان يېڭىلىغۇچى (مۇجەددىد) ئالىمنى ئېنىقلاپ چىقىش زۆرۈر ئەمەس. چۈنكى، شۇ ئالىملارنىڭ ھەممىسى دىننى (ئۇممەتنىڭ دىنىي چۈشەنچىسىنى) يېڭىلاش ۋە ئۇنى ئۇممەتكە يەتكۈزۈشتە مۇئەييەن رول ئوينىغان بولۇشى مۇمكىن. 

ئىمام زەھەبى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ بۇ ھەقتىكى چۈشەنچەم شۇكى، ھەدىستىكى «من يجدد لھا دينھا» «ئۇلارنىڭ دىنىنى (دىنىي چۈشەنچىسىنى) يېڭىلىغۇچى» دېگەن ئىبارە، بىرلىك شەكىلدە ئەمەس، بەلكى كۆپلۈك شەكلىدە (يەنى «يېڭىلىغۇچىلار») دەپ چۈشىنىلىشى كېرەك» [تاريخ الاسلام 180

ئىمام ئىبنى كەسر رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «بىر بۆلۈك ئالىملارغا كۆرە، بۇ ھەدىس مۇئەييەن دەۋردە ياشاپ، ئىلىمنى ئۆزىدىن ئاۋۋالقى ئالىملاردىن ئېلىپ، ئۆزىدىن كېيىن كەلگەن ئالىملارغا يەتكۈزگەن ھەربىر ئالىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ھەقتە مۇرسەل سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: «ئارقىمۇ ئارقا كېلىدىغان نەسىللەر ئىچىدە، بۇ ئىلىم (يەنى دىنىي ئىلىملەر) ئىشەنچىلىك، سەمىمىي كىشىلەر تەرىپىدىن يەتكۈزۈلىدۇ، ئۇلار بۇ ئىلىمنى ئاشقۇنلاردىن ۋە كاززاب باتىل تەرغىباتچىلىرىدىن قوغدايدۇ». ئاللاھقا شۈكۈرلەر بولسۇنكى، بۇ خىل يەتكۈزۈش دەۋرىمىزگىچە داۋاملىشىپ كەلدى، ھالبۇكى، بىز (ھىجرىيە) 8  ئەسردە تۇرۇپتىمىز» [البداية والنهاية 256 ].

ھافىز ئىبن ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:
بۇ ھەدىستىن «ھەر يۈز يىلنىڭ بېشىدا (دىنىي چۈشەنچىلەرنى يېڭىلايدىغان) بىرلا ئىمام چىقىدۇ» دېگەن مەنا چىقمايدۇ. ئەكسىچە، بۇ بىر گۇرۇپ ئالىمنى كۆرسىتىشىمۇ مۇمكىن. شۇنداقلا بۇ خىل چۈشىنىش تېخىمۇ مۇۋاپىقچۈنكى، (كىشىلەرنىڭ دىنىي چۈشەنچىسى) يېڭىلىنىشقا موھتاج دىنىي ساھە مەلۇم بىر تۈر بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ، شۇنداقلا مەسىلە كۆرۈلگەن دىنىي ساھەلەرنى يېڭىلاشتا زۆرۈر بولىدىغان بارلىق ئىقتىدار، ئىلىملەرنىڭ بىر يەككە شەخستە تېپىلىشىمۇ شەرت ئەمەس. ھالبۇكى، ئۆمەر ئىبن ئابدۇلئەزىز رەھىمەھۇللاھقا ئوخشاش ئىماملار باركى، بۇ زات بىرىنچى ئەسرنىڭ ئاخىرىدا، ئىككىنچى ئەسرنىڭ بېشىدا ئۇممەتكە خەلىپە بولغان، ئۇنىڭدا دىننى (دىنىي چۈشەنچىلەرنى) يېڭىلاشتا زۆرۈر بولىدىغان بارلىق ياخشى خۇسۇسىيەت، ئىقتىدار ۋە پەزىلەتلەر تېپىلاتتى، شۇنداقلا ئۇ بۇ جەھەتتە باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇراتتى. شۇ ۋەجىدىن، ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ بىرىنچى ئەسردىكى مۇجەددىد (يېڭىلىغۇچى) ئىمامنى «ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزشۇ» دەپ شەرھلىگەن. ئەمما، ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز رەھىمەھۇللاھتىن كېيىنكىلەرگە، مەسىلەن ئىمام شافىئىيغا كەلسەك، ئۇنىڭ نۇرغۇن كاتتا پەزىلەتلىرى بولسىمۇ، ئۇ (ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزدەك) ئۇممەتنىڭ جىھاد ئىشلىرىغا ۋە ھۆكۈم (قازىلىق) ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەس ئىدى. (ئەمما، بۇ سەۋەبلىك ھېچكىم ئىمام شافىئىينى مۇجەددىد (يېڭىلىغۇچى) ئىمام ئەمەس دېمەيدۇ). شۇ ۋەجىدىن، ھەر يۈز يىلنىڭ بېشىدا، ئۇممەتنىڭ دىنىنى (دىنىي چۈشەنچىسىنى) يېڭىلاشتا زۆرۈر بولغان ئىقتىدار، پەزىلەت، خۇسۇسىيەتلەرنىڭ بەزىلىرىنى ئۆزىدە ھازىرلىغان ھەرقانداق ئالىم ھەدىستە دېيىلگەن «مۇجەددىد» (يېڭىلىغۇچى)لەرنىڭ دائىرىسىگە كىرىدۇ. مەيلى بۇنداق ئالىمدىن بىرسى ياكى بىر نەچچىسى بولسۇن، ئەھۋال يەنىلا ئوخشاش [«فتح الباري » 13  جىلىد 295  بەت].

ھالبۇكى، بىرەر ئىمامدا مۇجەددىدلىك (يېڭىلىغۇچىلىق) سۈپىتى تېپىلسا، «ئۇنىڭ زامانىسىدا ئىسلام چوقۇم گۈللىنىپ كېتىدۇ، ئۇممەت باشقىلاردىن غالىب كېلىدۇ» دېگىلى بولمايدۇ. چۈنكى، مەلۇم بىر دەۋردىكى مۇجەددىد (يېڭىلىغۇچى) ئىمام ھاكىمىيەت ۋە سىياسىي ساھەدە ئەمەس، ئىلىم ساھەسىدە ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن. بەلكى مۇجەددىدلىك (يېڭىلىغۇچىلىق) دەۋەت، مائارىپ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ساھەلەردە بولۇشىمۇ مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ «ھەر يۈز يىلنىڭ بېشىدا ئاللاھ بۇ ئۇممەتكە ئۇلارنىڭ دىنىنى (دىنىي چۈشەنچىسىنى) يېڭىلىغۇچىنى ئەۋەتىدۇ» دېگەن سۆزىنى (مەلۇم بىر شەخس ياكى ساھەگە خاسلاشتۇرۇۋالماي) ئومۇمىي شەكىلدە چۈشىنىشىمىز كېرەك. 
بۇ خىل چۈشەنچىنى ئاساس قىلغان تەقدىردە، سوئال سورىغۇچىنىڭ كاللىسىدا بۇ ھەدىس توغرىسىدا ھېچقانداق مۇجمەللىك قالمىسا كېرەك.

سەئۇدىي ئىلمىي تەتقىقات ۋە دائىمىي پەتىۋا كومىتېتى بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ «ھەر يۈز يىلنىڭ بېشىدا ئاللاھ بۇ ئۇممەتكە ئۇلارنىڭ دىنىنى (دىنىي چۈشەنچىسىنى) يېڭىلىغۇچىنى ئەۋەتىدۇ» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى شۇكى، ئىنسانلارئاللاھ بەندىلىرى ئۈچۈن مۇكەممەل قىلغان، ئۇلار ئۈچۈن تاللىغان بۇ دىندىن يىراقلىشىپ كەتكەن ھەر دەۋردە، ئاللاھ تائالا چوڭقۇر ئىسلامىي بىلىمگە ئىگە، ئاللاھنىڭ كىتابىنى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىنى ئەڭ توغرا شەكىلدە چۈشىنىشنى كىشىلەرگە ئۆگىتىدىغان بىر بۆلۈك ئالىملارنى ياكى بىر ئالىمنى ئۇممەتكە ئەۋەتىپ، ئۇممەتنى بىدئەتتىن قوغدايدۇ، ئۇلارنى بىدئەت پەيدا قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرىدۇ. (شۇ ئارقىلىق) ئۇلارنى ئازغۇن يوللاردىن ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە قايتۇرۇپ كېلىدۇ. مانا بۇ ئاللاھنىڭ دىنىنى ئەمەس، بەلكى ئۇممەتنى (شۇلارنىڭ دىنىي چۈشەنچىسىنى) يېڭىلاشتۇر. ئىسلام ئۇممىتى بەزى دەۋرلەردە ھەرخىل ئۆزگىرىش، زەئىپلىشىش، ئازغۇنلۇقلارنى باشتىن كەچۈرۈشى مۇمكىن. ئەمما، ئىسلام دىنىنىڭ ئۆزىگە كەلسەك، بۇ دىن ئاللاھنىڭ كىتابىنىڭ ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىنىڭ قوغدىلىشى ئارقىلىق قوغدالغاندۇر (يەنى نۇقسان پەقەت ئۇممەتتە كۆرۈلىدۇ، ھەرگىز ئىسلامدا ئەمەس). بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا شۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن قۇرئاننى بىز نازىل قىلدۇق ۋە چوقۇم ئۇنى بىز قوغدايمىز» [سۈرە ھىجىر 9  ئايەت].
پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار: شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز؛ ئابدۇرازاق ئەفىفىي؛ ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان؛ ئابدۇللاھ ئىبنى قائۇد: ـــ « فتاوى اللجنة الدائمة »  جىلىد 247 ~ 248  بەت].

ئەللامە شەيخ ھامماد تۇۋاجىرى رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «بۇ ھەدىسنى <ھەر يۈز يىلنىڭ بېشىدا چىقىدىغان بىر ياكى بىر قانچە ئالىمنى كۆرسىتىدۇ> دەپ شەرھلەش تازا توغرا بولمايدۇ، بۇ ھەدىس ئۇ مەنىدە ئەمەس. چۈنكى، ھەدىستىكى «من يجدد» كەلىمىسىدىكى «من» بىرلىكنىمۇ، كۆپلۈكنىمۇ كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، بۇ ھەدىسنى <ئىلىمنى يېيىش ۋە دىنىي چۈشەنچىلەرنى يېڭىلاش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بىر بۆلۈك ئالىملارنى كۆرسىتىدۇ> دەپ شەرھلەش <ھەر يۈز يىلنىڭ بېشىدا بىر ئالىم چىقىدۇ، ئاندىن كېيىنكى يۈز يىلدا يەنە بىرسى چىقىدۇ> دەپ شەرھلەشكە قارىغاندا تېخىمۇ مۇۋاپىق.
ئىمام تىرمىزىي توپلىغان ۋە ھەسەن دەپ باھالىغان تۆۋەندىكى ھەدىسمۇ مەزكۇر قاراشنى دەلىللەيدۇ. ئەمر ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئىسلام غېرىب ھالىتىدە باشلانغان ۋە يەنە غېرىب ھالىتىگە قايتىدۇ. مەندىن كېيىن كىشىلەر سۈننىتىمدىن بۇزغان نەرسىلەرنى تۈزىگۈچى غېرىبلارغا خۇش مۇبارەكبولسۇن!» دېگەن. 
[إتحاف الجماعة بما جاء في الفتن والملاحم وأشراط الساعة " (1/336)]

ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟