ئاياللار چېچىنى كەسسە بولامدۇ؟

ئىسلام سوئال ـ جاۋابلىرى تورىنىڭ 139414 – نومۇرلۇق پەتىۋاسى. «ئۇيغۇر ئىسلام بىلوگى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.

*ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇماڭ.

سوئال: مەن دائىم «ئىسلامدا ئاياللارنىڭ چېچىنى كېسىشى قەتئىي چەكلىنىدۇ» دېگەن گەپنى ئاڭلايمەن. بۇ گەپ توغرىمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، ئاياللارنىڭ چاچ كېسىشى نېمە ئۈچۈن چەكلىنىدۇ؟ مېنىڭچە ئاياللار چېچىنى پات – پات كېسىپ، رەتلەپ تۇرۇشقا موھتاج. مۇشۇ مەسىلىنى ماڭا تەپسىلىيراق چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىلا!  مەن يەنە «ئاياللار چېچىنى بولۇشىغا ئۆستۈرۈشى كېرەك، چۈنكى قىيامەتتە پۈتۈن كىشىلەر يالىڭاچ ھالەتتە مەھشەرگە توپلانغاندا، شۇ چاچ ئايال كىشىگە يېپىنچا بولىدۇ» دېگەن گەپنىمۇ ئاڭلىدىم. بۇ گەپنىڭ ئاساسى بارمۇ؟

جاۋاب: بارچە ھەمدۇ سانا ئاللاھقا خاستۇر.

ئالدى بىلەن، ئالىملار تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا ئاياللارنىڭ چېچىنى كېسىشى چەكلىنىدۇ، دېگەن:

1. ئەگەر ئايال كىشى چېچىنى كەستۈرۈپ، ئۆزىنى نامەھرەملەرگە كۆرسەتمەكچى بولسا، بۇ چەكلىنىدۇ.

2. ئەگەر ئايال كىشى كاپىر ياكى ئەخلاقسىز خوتۇنلارنى (مەسىلەن ئاتالمىش چولپان دېگەندەكلەرنى) دوراپ، چېچىنى شۇلارنىڭ چاچ پاسونىغا ئوخشىتىپ كەستۈرمەكچى بولسا، بۇ چەكلىنىدۇ.

3. ئەگەر ئايال كىشى چېچىنى ئەرلەرنىڭكىگە ئوخشىتىپ كەستۈرسە، بۇ چەكلىنىدۇ.

4. ئەگەر دەۋرىمىزدىكى پەسكەش ساتىراچخانىلاردا ئومۇملاشقىنىدەك، ئايال كىشى چېچىنى نامەھرەم ئەر ساتىراچقا كەستۈرمەكچى بولسا، بۇ چەكلىنىدۇ.

5. ئەگەر ئايال كىشى چېچىنى ئېرىنىڭ رۇخسىتىسىز كەستۈرمەكچى بولسا، بۇ چەكلىنىدۇ.

يۇقىرىقى مىساللاردىكى ئەھۋاللاردا، ئاياللارنىڭ چاچ كېسىشىنىڭ چەكلىنىش سەۋەبى ۋە ھېكمىتى ناھايىتى ئوچۇق بولۇپ، ھەممەيلەنگە چۈشىنىشلىك. 

ئىككىنچىدىن، ئەگەر ئايال كىشىنىڭ چېچىنى كەستۈرۈشىدە، ئۆزىنى ئېرىگە تېخىمۇ چىرايلىق كۆرسىتىپ، ئېرىنىڭ ئۆزىگە بولغان مۇھەببىتىنى كۈچەيتىش؛ ياكى چاچ زىيادە ئۇزىراپ كەتسە، ئۇنى ئاسىراش، يۇيۇپ – تاراش قىيىنچىلىقىدىن قۇتۇلۇش ياكى باشقا ئەقىلگە مۇۋاپىق سەۋەبلەر بولسا، ئالىملارنىڭ كۈچلۈك قارىشىغا ئاساسەن، بۇ ھاللاردا چاچ كېسىشنىڭ ھېچقانداق خاتا يېرى يوق. چۈنكى، ئىسلامدا ئاياللارنىڭ چېچىنى كېسىشىگە بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق دەلىل يوق. ئەكسىچە، ئاياللارنىڭ چېچىنى كېسىشىنىڭ جائىزلىقىنى كۆرسىتىدىغان دەلىل بار. ئەبۇ سەلەمە ئىبنى ئابدۇراھمان رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاياللىرى (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولغاي) چاچلىرىنى مۈرىسىگە تېگىپ تۇرغۇدەك قىلىپ كېسىپ تۇراتتى» [سەھىھۇل مۇسلىم 320 – ھەدىس].
ئىمام نەۋەۋى رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەقتە: «بۇ ئەسەر ئاياللارنىڭ چېچىنى كەسسە بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ» دېگەن [سەھىھۇل مۇسلىم شەرھىدىن].

شەيخ ئىبن ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئالىملارنىڭ بەزىلىرى ئاياللارنىڭ چېچىنى كېسىشىنى مەكرۇھ، بەزىلىرى ھارام، يەنە بەزىلىرى جائىز دېگەن. ئەمما، بىز كۆز قاراش ئىختىلاپى بارلىكى مەسىلىدە، قۇرئان ۋە سۈننەتكە مۇراجىئەت قىلىشىمىز كېرەك. مەن شۇ كەمگىچە (قۇرئان ۋە سۈننەتتە) ئاياللارنىڭ چېچىنى كېسىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق دەلىل كۆرۈپ باقمىدىم. شۇ ۋەجىدىن، (ئىبادەتنىڭ سىرتىدىكى)  بۇ خىل ئىشلارنىڭ چەكلەنگەنلىكىگە دەلىللا بولمىسا، ئۇ جائىز ھېسابلىنىدۇ... ئاياللارنىڭ چېچىنى كېسىشى چەكلىنىدۇ دېگەن قاراش ئاجىز ھەم دەلىلسىز. بۇنى مەكرۇھ دېگەن قاراشنى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ چۈشەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئاياللارنىڭ چېچىنى كېسىشى جائىز دېگەن قاراش ئىسلامنىڭ ئۇل پىرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن. ئىمام مۇسلىم «سەھىھۇل مۇسلىم»دا رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاياللىرىنىڭ (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولغاي) چېچىنى مۈرىسىگە تەگكۈدەك كېسىپ تۇرىدىغانلىقىنى رىۋايەت قىلغان.
ئەمما، ئاياللارنىڭ چېچىنى ئەرلەرنىڭكىگە ئوخشاش بەك قىسقا قىلىپ كەسكۈزۈۋېتىشى شەكسىز ھارام. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەرلەرگە ئوخشىۋالغان ئاياللارغا لەنەت قىلغان.
ئايال كىشىنىڭ چېچىنى كاپىر ياكى ئەخلاقسىز خوتۇنلارنىڭكىگە ئوخشىتىپ كېسىۋېلىشىنىڭ ھۆكمىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش (ھارام). چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى بىر قەۋمگە ئوخشىۋالىدىكەن، ئۇ شۇلاردىندۇر» دېگەن.
خۇلاسە، ئاياللار چېچىنى ئەرلەرنىڭكىگە، كاپىر – ئەخلاقسىز خوتۇنلارنىڭكىگە ئوخشىتىۋالماي كەسسە بولىدۇ» 
[پەتىۋا نۇرۇن ئەلاد دەرب (ئاياللارنىڭ زىننىتى توغرىسىدىكى پەتىۋالار \ چاچنى كېسىش توغرىسىدىكى پەتىۋالار)  336 – لېنتا، B يۈزى]. 

بۇ ھەقتە يەنە 1192، 13248، 13744 – نومۇرلۇق پەتىۋالارغا قاراڭ.

ئۈچىنچىدىن، سوئالدا تىلغا ئېلىنغان «ئاياللارنىڭ چېچى قىيامەتتە ئۇلارغا يېپىنچا بولىدۇ» دېگەن گەپنىڭ ئىسلامدا ئاساسى يوق. شۇڭا بىز مۇشۇنىڭغا ئوخشاش گەپلەرنى تارقىتىشتىن ئاۋۋال، ئۇنىڭ سەھىھ ياكى ئەمەسلىكىنى ئېنىقلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشىمىز لازىم.

ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.

*ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇماڭ.

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟