جەننەت ئەھلى جەننەتتە قانچە ياش ھالىتىدە بولىدۇ؟
ئىسلام سوئال – جاۋابلىرى تورى (islamqa.info/ug) دىكى 20469 – نومۇرلۇق پەتىۋا، «ئۇيغۇر ئىسلام بىلوگى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.
*ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.
*ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.
سوئال: جەننەت ئەھلى جەننەتتە قانچە ياش ھالىتىدە بولىدۇ؟
جاۋاب: بارچە ھەمدۇ سانا ئاللاھقا خاستۇر.
جەننەت ئەھلى جەننەتكە ئەڭ مۇكەممەل ۋە ئەڭ گۈزەل شەكىلدە ــــ ئاللاھ تائالا ئۆز قولى بىلەن ياراتقان، شەكلىنى گۈزەل، مۇكەممەل قىلغان، ئىنسانلارنىڭ ئاتىسى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ شەكلىدە كىرىدۇ. جەننەتكە كىرگەن ھەممە ئادەم ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ شەكلىدە بولىدۇ.
بۇ ھەقتە، ئەبۇھۇرەيرە رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان: «ئاللاھ ئادەم ئەلەيھىسسالامنى 60 بىلەك (قەدىمكى ئۇزۇنلۇق بىرلىكى، تەخمىنەن 44 سانتىمېتىرغا تەڭ، ت) ئېگىزلىكتە ياراتقان...جەننەتكە كىرگەن ھەرقانداق كىشى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ شەكلىدە، 60 بىلەك ئېگىزلىكتە بولىدۇ» [ئىمام بۇخارى (5873)، ئىمام مۇسلىم (7092) رىۋايەت قىلغان].
جەننەتتىكىلەرنىڭ يېشىغا كەلسەك، ئۇلار جەننەتكە ئىنساننىڭ قىران، بەقۇۋۋەت چېغى بولغان 33 ياشلىق ھالەتتە كىرىدۇ. بۇ ھەقتە، مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «جەننەت ئەھلى جەننەتكە 30 ياكى 33 ياش ھالىتىدە، ساقالسىز، تۈكسىز ۋە كۆزلىرىگە سۈرمە تارتىلغان ھالدا كىرىدۇ» [«جامىئۇت تىرمىزى» 2545 – ھەدىس، شەيخ ئەلبانى «سەھىھۇل جامى» 7928 – نومۇردا سەھىھ دەپ باھالىغان].
باشقا بىر ھەدىستە ئىمام ئەھمەد (8505 – نومۇر) ئەبۇھۇرەيرە رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن «33 ياش ھالىتىدە» دەپ كەسكىن لەۋز بىلەن رىۋايەت قىلغان. شەيخ ئەھمەد شاكىر بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدى ھەسەن دېگەن.
ئى ئاللاھ! بىز سىلىدىن جەننەتنى، شۇنداقلا بىزنى جەننەتكە يېقىنلاشتۇرىدىغان سۆز – ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلىشلىرىنى تىلەيمىز
*ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.
*ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.