دىنىي ئىلىمنىڭ پەزىلىتى ھەققىدىكى ئايەتلەر
«ئۇيغۇر ئىسلام بىلوگى» تەييارلىدى
*ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.
1. ﷲ ھېكمەتنى (يەنى ياخشى ئەمەلگە يېتەكلەيدىغان پايدىلىق ئىلىمنى) خالىغان بەندىسىگە ئاتا قىلىدۇ؛ ھېكمەت ئاتا قىلىنغان ئادەمگە كۆپ ياخشىلىق ئاتا قىلىنغان بولىدۇ. پەقەت ئەقىللىق ئادەملەرلا بۇنىڭدىن پەند - نەسىھەت ئالىدۇ [سۈرە بەقەرە 269 - ئايەت].
2. ﷲ ئادالەتنى بەرپا قىلغان ھالدا گۇۋاھلىق بەردىكى، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر. پەرىشتىلەرمۇ، ئىلىم ئەھلىلىرىمۇ شۇنداق گۇۋاھلىق بەردى: ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر. ئۇ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر [سۈرە ئال ئىمران 18 - ئايەت].
3. مۆمىنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ جىھادقا چىقىشى لايىق ئەمەس (ئۇلارنىڭ بىر تۈركۈمى جىھادقا چىقتى)، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەر بىر جامائەدىن يەنە بىر تۈركۈمى دىنىي ئالىم بولۇپ، ئۇلار قەۋمىنىڭ قېشىغا قايتقاندىن كېيىن، قەۋمىنىڭ ﷲ تىن قورقۇشى ئۈچۈن، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇش مەقسىتىدە نېمىشقا (ئىلىم تەلەپ قىلىشقا) چىقمىدى؟ [سۈرە تەۋبە 122 - ئايەت].
4. يۇسۇف قىرانىغا يەتكەندە، ئۇنىڭغا ھېكمەت بىلەن ئىلىم ئاتا قىلدۇق، ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى شۇنداق مۇكاپاتلايمىز [سۈرە يۇسۇف 22 - ئايەت].
5. بىلمىسەڭلار، ئىلىم ئەھلىلىرىدىن سوراڭلار [سۈرە نەھل 43 - ئايەت].
6. (ئى مۇھەممەد) «رەببىم! ئىلمىمنى زىيادە قىلغىن!» دېگىن [سۈرە تاھا 114 - ئايەت].
7. بىز ھەقىقەتەن داۋۇدقا، سۇلايمانغا ئىلىم ئاتا قىلدۇق، ئۇلار ئېيتتى: «جىمى ھەمدۇسانا بىزنى نۇرغۇن بەندىلىرىدىن ئارتۇق قىلغان ﷲ قا خاستۇر!» [سۈرە نەمل 15 - ئايەت].
8. مۇسا ئۆسۈپ يېتىلگەندە، ئەقلى توشقاندا ئۇنىڭغا پەيغەمبەرلىكنى ۋە ئىلىمنى ئاتا قىلدۇق، بىز ياخشىلارغا مۇشۇنداق مۇكاپات بېرىمىز [سۈرە قەسەس 14 - ئايەت].
9. بىز ئىنسانلارغا (قۇرئاندا ئۇلارنىڭ زېھنىغا يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن) بايان قىلغان بۇ تەمسىللەرنى پەقەت ئالىملارلا چۈشىنەلەيدۇ [سۈرە ئەنكەبۇت 43 - بەت].
10. ﷲ نىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ﷲ تىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ [سۈرە فاتىر 28 - ئايەت].
11. ﷲ سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلار ۋە ئىلىم بېرىلگەنلەرنى دەرىجە - دەرىجە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ [سۈرە مۇجادەلە 11 - ئايەت].
12. ياراتقان رەببىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇ! [سۈرە ئەلەق 1 - ئايەت].