دۇئايىمىز ئىجابەت بولمىسا قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟
ئەللامە شەيخ ئىبن ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھنىڭ
«ياخشىلار باغچىسى شەرھى»دىن «ئۇيغۇر ئىسلام بىلوگى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.
*ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.
دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇشى قانچىلىك كېچىكسە كېچىكسۇن، ھەرگىز ئاللاھتىن ئۈمىد ئۈزمە. نېمىنىڭ ۋە قايسى ئەھۋالنىڭ ئۆزەڭ ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى سەن بىلمەيسەن (ئاللاھ بىلىدۇ)، ئاللاھ دۇئايىڭنى ئىجابەت قىلىش ئۈچۈن سېنى ئۆزىگە دۇئا قىلىشقا بۇيرۇغان. دەرۋەقە ئاللاھ تائالا {ماڭا دۇئا قىلىڭلار، (دۇئايىڭلارنى) ئىجابەت قىلىمەن} دېگەن [سۈرە مۇئمىن 60 - ئايەت].
دۇئادا بوشىشىپ قالما ۋە دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇشىنى كۈتكەندە سەبىرسىزلىك قىلما. (دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇشىنى) ساقلا ۋە ئاللاھقا داۋاملىق دۇئا قىل.
بەلكى ئاللاھ تائالا سېنى "تېخىمۇ كۆپ دۇئا قىلسۇن ۋە شۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ساۋابقا ئېرىشسۇن؛ شۇنداقلا ئۆزەڭنىڭ نە قەدەر ئاجىز ئىكەنلىكىنى ۋە ئاللاھقا نە قەدەر موھتاج ئىكەنلىكىڭنى تېخىمۇ ياخشى بىلسۇن" دەپ دۇئايىڭنى ئىجابەت قىلىشنى كېچىكتۈرگەن بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭ ئۆزەڭ ئۈچۈن تېخىمۇ خەيىرلىك ئىكەنلىكىدىن شۈبھىلەنمە. سەبىرسىزلىكتىن ساقلان ۋە دۇئادا بوشىشىپ قالما. ھەقىقەتەن، ئاللاھ تائالا دۇئادا بوشاشمايدىغان، كۆپ دۇئا قىلىدىغانلارنى ياخشى كۆرىدۇ. (ئاللاھنىڭ بۇنداق بەندىلەرنى ياخشى كۆرۈشىدىكى سەۋەب شۇكى) ئىنسان (دۇئا ئارقىلىق) باشقا بىرىگە ئەمەس، پۈتۈن ئىشلارنىڭ تىزگىنى قولىدا بولغان، جىمى كائىناتنىڭ ساھىبى ئاللاھقا يالۋۇرماقتىدۇر.
* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.