بىرەر مەزھەپنىڭ ياكى ئىمامنىڭ كۆز قارىشىنىڭ ئايەتكە ۋە سەھىھ سۈننەتكە زىت ئىكەنلىكىنى كۆرۈپمۇ، يەنىلا ئۇلارغا مۇتەئەسسىپلەرچە ئەگىشىش ناھايىتى خەتەرلىك ئەھۋال

ئىسلام سوئال - جاۋابلىرى تورى (islamqa.info) دىكى 2130 - نومۇرلۇق پەتىۋادىن «ئۇيغۇر ئىسلام بىلوگى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.

بارچە ھەمدۇ سانا ئاللاھقا خاستۇر.

مۇسۇلمان (ئايەت - سەھىھ ھەدىس ئاساسىدىكى) توغرا دەلىلگە ئەگەشسە ۋە سۈننەتكە ئەگىشىشكە ھېرىسمەن بولسىلا، ئۇنىڭ فىقھى مەسىلىلەردە (ئىشەنچىلىك، سەھىھ دەلىللەرگە تايىنىدىغان) بىرەر ئىمامغا ئەگىشىشىنىڭ زىيىنى يوق.

(ئايەت - ھەدىسلەردىن ئۆزى ھۆكۈم ئالالمايدىغان، فىقھى قائىدىلەرنى بىلمەيدىغان) ئادەتتىكى مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن، ئۇنىڭ مەزھىپى ئۆزى ئەگەشكەن، ئىلىمدە ئىشەنچىلىك مۇفتىنىڭ مەزھىپىدۇر.

لېكىن، مەسىلىنىڭ ئەڭ چاتىقى شۇكى، كىشىلەر مۇئەييەن بىرەر ئىمام ياكى مەزھەپكە ئەگىشىشتە چەكتىن ئېشىپ، (ئۆز مەزھىپىنىڭ ياكى ئىمامىنىڭ كۆز قارىشىغا توغرا كەلمەيدىغان) سەھىھ دەلىللەرنى، ھەقنى رەت قىلىدىغان دەرىجىگە يېتىدۇ.

ئاللاھ تائالا رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆزىگە قارشى يول تۇتقۇچىنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن (تەرجىمە مەنىسى): «پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار (مۇشرىكلىق، كۇفۇر، يەر تەۋرەش، قىرغىنچىلىق، زالىمنىڭ قولىغا قېلىش دېگەندەك) پىتنىگە يولۇقۇشتىن، يا قاتتىق بىر ئازابقا دۇچار بولۇشتىن قورقسۇن!» [سۈرە نۇر 63 - ئايەت]

بارچە كۈچ - قۇۋۋەت ئاللاھقا خاستۇر.

* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟