كۇفرىي دىيارلارغا سەپەر قىلىشنىڭ ھۆكمى

*ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.
ئىككى ھەرەمنىڭ ئۇستازى، ئەللامە شەيخ بىن باز رەھىمەھۇللاھنىڭ پەتىۋالار توپلىمى 4-جىلىد 195-بەتتىن «ئۇيغۇر ئىسلام بىلوگى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.

سوئال: نۇرغۇن كىشىلەر، ھەرخىل مەقسەتلەردە، بولۇپمۇ تويدىن كېيىن گۇناھلار يامراپ كەتكەن كۇفرىي دۆلەتلەرگە ساياھەت قىلىشىدۇ.
ھۆرمەتلىك ئۇستاز، سىلىنىڭ ياشلارغا، مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا ۋە ھۆكۈمدارلارغا بۇ يۈزلىنىشتىن ئاگاھ بولۇش ھەققىدە نەسىھەت قىلىشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن.


جاۋاب: ھەمدۇ سانا ئاللاھقا خاستۇر، دۇرۇت ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە، ساھابىلىرىگە، ئۇنىڭ يولى بىلەن ھىدايەت تاپقانلارغا بولسۇن. دۇرۇد - سانادىن كېيىن:

تويدىن كېيىن ياكى ئۇنىڭدىن باشقا ۋاقىتتا بولسۇن، كۇفرىي شەھەرلەرگە سەپەر قىلىشنىڭ (مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى، ئەقىدىسى ئۈچۈن) ناھايىتى خەتەرلىك ئىكەنلىكىدە شەك يوق. مۇئمىننىڭ ئاللاھقا تەقۋالىق قىلىشى، (ئۆزىنىڭ دىنىغا زىيان يەتكۈزىدىغان) خەتەرلىك ئىشلاردىن ھەزەر ئەيلىشى ۋاجىبتۇر. مۇشرىكلارنىڭ شەھەرلىرىگە ۋە (ھېچبىر بۇزۇقچىلىق چەكلەنمەيدىغان، ئاتالمىش) ئەركىن، مۇنكەر ئىنكار قىلىنمايدىغان شەھەرلەرگە سەپەر قىلىش كىشىنىڭ دىنى، ئەخلاقى ـــ ھەم شۇ سەپەردە ئايالىمۇ يېنىدا بولغان تەقدىردە ــــ ئايالىنىڭ دىنى ئۈچۈن پەۋقۇلئاددە خەتەرلىكتۇر.

ياشلىرىمىزنىڭ، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىردەك بۇنداق سەپەرلەرنى تەرك ئېتىشى، تويدىن كېيىنكى دەم ئېلىش مەزگىلىدە ۋە باشقا چاغلاردا ئۆزىنىڭ (ئىسلامىي) دىيارىدا تۇرۇشى ۋاجىبتۇر. ئاللاھ جەللە ۋەئەلا ئۇلارنى شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىلىرىدىن ساقلىغاي!

ھالبۇكى، (تەكرار ئېيتقىنىمىزدەك) تۈرلۈك كۇفرىلىق، ئازغۇنلۇق، (ھېچبىر بۇزۇقچىلىق چەكلەنمەيدىغان، ئاتالمىش) ئەركىنلىك بار؛ ھاراق ئىچىش ۋە زىنا قاتارلىق بۇزۇقچىلىقلار يامراپ كەتكەن شەھەرلەرگە قىلىنغان سەپەرلەر ئەر-ئاياللار مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئىنتايىن خەتەرلىك.

قانچىلىغان ياخشى ئادەملەر مۇشۇنداق سەپەرلەردىن ناچار بولۇپ قايتتى؟ قانچىلىغان مۇسۇلمان كافىر بولۇپ قايتتى؟ ھەقىقەتەن، بۇنداق سەپەرلەر ناھايىتى خەتەرلىك. دەرۋەقە، پەيغەمبەر سەللەللەھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مەن مۇشرىكلارنىڭ ئارىسىدا تۇرغان ھەر قانداق مۇسۇلماندىن ئادا-جۇدامەن» [سۇنەن تىرمىزىي، سەپەر كىتابى 1604 - ھەدىس، سۇنەن ئەبۇ داۋۇد، جىھاد كىتابى 2645 - ھەدىس].
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە مۇسۇلمان بولغان مۇشرىكنىڭ ئەمىلىنى تاكى ئۇ (باشقا) مۇشرىكلاردىن ئايرىلمىغۇچە قوبۇل قىلمايدۇ» [سۇنەن نەسەئىي، زاكات كىتابى 2568 - ھەدىس].

تويدىن كېيىنكى دەم ئېلىش مەزگىلىدە بولسۇن، ياكى ئۇنىڭدىن باشقا ۋاقىتتا بولسۇن، مۇشرىكلارنىڭ شەھەرلىرىگە سەپەر قىلىشتىن قاتتىق ھەزەر قىلىش كېرەك. ئىلىم ئەھلىلىرى كۇفۇر دىيارىغا سەپەر قىلىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى بايان قىلغان ۋە ئۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇرغان.
پەقەت ئىلىملىك، پاراسەتلىك كىشىلەر كۇفۇر دىيارلىرىغا بېرىپ، ئۇلارنى ئاللاھقا چاقىرسا، زۇلمەتتىن يورۇقلۇققا چىقارسا، ئۇلارغا ئىسلامنىڭ گۈزەللىكلىرىنى بايان قىلسا، ئۇ يەردىكى مۇسۇلمانلارغا دىنىي ئەھكاملارنى ئۆگەتسە، ئۇلارنى ياخشىلىق يوللىرىغا يېتەكلىسە بولىدۇ. بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلارنى قىلغۇچىغا كاتتا ئەجىر ۋە چوڭ ياخشىلىق بار.
كۆپىنچە ئەھۋالدا ئىلىملىك، تەقۋا، پاراسەتلىك كىشىنىڭ (ھەق يولغا دەۋەت قىلىش مەقستىدە) كۇفۇر دىيارىغا سەپەر قىلىشىدا خەتەر يوق. ئەگەر مۇشۇنداق كىشىلەرمۇ (كۇفۇر دىيارىغا بارسا) ئۆزىگە پىتنە يېتىشىدىن قورقسا، ئۆزىنىڭ دىنىنى مۇھاپىزەت قىلىش، پىتنىگە چۈشۈپ قالماسلىق ۋە مۇرتەد بولۇپ كەتمەسلىك ئۈچۈن، بۇنداق يەرلەرگە سەپەر قىلماسلىقى كېرەك.
شۇ ۋەجىدىن، ھاۋايى ھەۋەسلەرنى، شەھۋەتلەرنى قاندۇرۇش مەقسىتىدە ياۋروپا ياكى باشقا كۇفرى دىيارلارغا بېرىش چوڭ خەتەر ۋە يامان ئاقىۋەتكە سەۋەب بولىدىغانلىقى ۋە بىز يۇقىرىدا بايان قىلغان سەھىھ ھەدىسلەرگە قارشى بولغانلىقى ئۈچۈن خاتادۇر. ئاللاھ بىزنى (بۇ ۋە باشقا ھەر جەھەتتە ئېزىپ كېتىشتىن) سالامەت قىلغاي ۋە گۇناھلىرىمىزنى ئەپۇ قىلغاي.
ساياھەت، تىجارەت ۋە باشقىلارنى يوقلاش قاتارلىق (جۈملىدىن دەۋەت قىلىشتىن باشقا) مەقسەتلەردە مۇشرىك شەھەرلىرىگە سەپەر قىلىش ناھايىتى خەتەرلىك ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇ ھەقتىكى چەكلىمىسىگە قارشى بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇنداق سەپەرلەرنى قىلىش خاتا.

مېنىڭ ھەر بىر مۇسۇلمانغا نەسىھىتىم شۇكى، قېرىنداشلار كۇفرى شەھەرلەرگە، جۈملىدىن (ھېچبىر بۇزۇقچىلىق چەكلەنمەيدىغان، ئاتالمىش) ئەركىن، بۇزۇقچىلىق يامرىغان، مۇنكەر ئىنكار قىلىنمايدىغان ھەر قانداق شەھەرلەرگە سەپەر قىلىشتىن ھەزەر ئەيلىشى، مۇنكەرلەر ئاز بولغان (ئىسلامىي) شەھەرلەردە تۇرۇشى كېرەك. شەكسىزكى، بۇ قېرىنداشلارنىڭ دىنىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن ياخشىدۇر.


تەۋفىق ۋە ھىدايەت ئاللاھتىندۇر.
*ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟