نامەھرەم ئەر - ئاياللارنىڭ توردا پاراڭلىشىشىنىڭ ھۆكمى
*ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.
«ئۇيغۇر ئىسلام بىلوگى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.
ئەھلى سۈننەت مەنھەجىدىكى دۇنياغا مەشھۇر ئىسلامىي پەتىۋا تور بېتى ئىسلام سوئال - جاۋابلىرى تورى (islamqa.info/ug) دىن «ئۇيغۇر ئىسلام بىلوگى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.
1. ئسىلام سوئال - جاۋابلىرى تورىدىكى 34841 - نومۇرلۇق پەتىۋا
سوئال: مەن
بىر مۇسلىمە. مەن ئادەتتە Paltalk (بىر خىل پاراڭلىشىش يۇمشاق دېتالى) ئىشلىتىمەن ۋە بۇ
دېتالدا ئىسلامىي قاناللارغا كىرىپ دىنىي ئىلىملەرنى ئۆگىنىمەن. بىر قېتىم، مەن
ئاشۇنداق ئىسلامىي قاناللارنىڭ بىرىدە دەرس ئۆگىنىۋاتقاندا، (ئۆزىگە جورا
ئىزدەۋاتقان) بىر مۇسۇلمان يىگىت مەن بىلەن تونۇشقۇسى، ئايرىم پاراڭلاشقۇسى بارلىقىنى
ئېيتتى. ئاندىن مەندىن نەدە ياشايدىغانلىقىمنى، يېشىمنى، توي قىلغان –
قىلمىغانلىقىمنى (مەن تېخىچە توي قىلمىغان بىر قىز)، توي قىلغۇم بار – يوقلۇقىنى،
ئاتا – ئانام بىلەن بىللە ياكى يالغۇز ياشايدىغانلىقىمنى سورىدى. مېنىڭ بىلمەكچى
بولغىنىم، مەن نامەھرەملەرگە مۇشۇ خىل ئۇچۇرلىرىمنى ئېيتىپ بەرسەم بولامدۇ؟
جاۋاب: بارچە ھەمدۇ سانا ئاللاھقا خاستۇر.
مۇسۇلمان قىز - ئاياللارنىڭ Paltalk ۋە باشقا دېتاللارنى دىنىي ئىلىم ئۆگىنىش مەقسىتىدە ئىشلىتىشى نامەھرەم ئەرلەر بىلەن پاراڭلىشىش دېگەندەك ئىسلامدا
چەكلەنگەن ھەرقانداق ئىشقا سەۋەب بولمىغان شەرت ئاستىدا دۇرۇس. چۈنكى، يات ئەرلەر بىلەن پاراڭلىشىش كۆپ قىسىم ئەھۋالدا پىتنىگە
سەۋەب بولىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، بۇ جەھەتتە تەلەپنى قاتتىق قويۇپ، بۇنىڭدىن قەتئىي
ساقلىنىپ، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇپ، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە
تىرىشىش كېرەك.
بۇ خىل پاراڭلىشىشلار ھەردائىم يامان ئاقىۋەتلەرگە، كىشىلەرنىڭ
بىر – بىرىگە «ئاشىق» بولۇشىغا، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ قەبىھ گۇناھلارغا سەۋەب بولۇپ
كەلدى. بۇنداق پاراڭلىشىشلار داۋامىدا، شەيتان دائىم ئىككى تەرەپنى بىر – بىرىگە ئەمەلىيەتتىكىدىن
جەلىبكار قىلىپ كۆرسىتىدۇ – دە، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا روھنى بۇلغايدىغان مايىللىق
ھېسلىرى پەيدا بولىدۇ.
شەرىئەت پىتنىگە سەۋەب بولىدىغان ھەرقانداق يولنى چەكلەيدۇ.
شۇ ۋەجىدىن، سۆز قىلغاندا ناز قىلىش، نامەھرەم ئەر – ئاياللارنىڭ خىلۋەتتە قېلىشى
شەرىئەتتە چەكلەنگەن. گەرچە بۇ خىل دېتاللاردا پاراڭلىشىش ئىككى تەرەپ بىر –
بىرىنى كۆرۈپ تۇرىدىغان «خىلۋەتتە قېلىش»نىڭ دەل ئۆزى بولمىسىمۇ، لېكىن ھەممىمىزگە
مەلۇم بولغىنىدەك، بۇ يەنىلا ئەڭ چوڭ پىتنىگە سەۋەب بولىدىغان ئىشلارنىڭ بىرىدۇر.
سىزنىڭ بېشىڭىزدىن ئۆتكەن ئىشلار سۆزىمىزگە ئەڭ ياخشى دەلىل
بولالايدۇ. چۈنكى، ئادەتتە بىر ئەر كىشى يامان يولغا ئىشلىتىشنى مەقسەت قىلمىسىلا،
مۇسۇلمان ئاياللاردىن بۇنداق خۇسۇسىي ئۇچۇرلارنى ئاسانلىقچە سورىيالمايدۇ.
ئاللاھ تەئەلادىن قورقۇڭ، نامەھرەم ئەرلەرگە گەپ قىلماڭ. بۇ
سىزنىڭ دىنىڭىز ئۈچۈن ۋە قەلبىڭىزنىڭ پاك بولۇشى ئۈچۈن پايدىلىق. شۇنى ئېسىڭىزدە
تۇتۇشىڭىز كېرەككى، تەقۋا ئەر بىلەن توي قىلىش ئاللاھنىڭ نېمىتىدۇر. ھالبۇكى،
ئاللاھنىڭ نېمىتىنى گۇناھ ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگىلى بولمايدۇ.
شەيخ ئىبن
جىبرىندىن مۇنداق سورالغان: نامەھرەم قىز – يىگىتلەرنىڭ ئەخلاقسىزلىق،
مۇھەببەتلىشىشتىن خالىي ھالدا ئۆزئارا ئالاقىلىشىشىنىڭ ھۆكمى نېمە؟
شەيخ
بۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەرگەن:
ھەرقانداق
ئەر كىشىنىڭ ئۆزىگە مەھرەم بولىدىغان ئاياللاردىن باشقا ھەرقانداق ئايال بىلەن ئالاقىلىشىپ
يۈرىشى دۇرۇس ئەمەس. چۈنكى، بۇنىڭدا پىتنە بار. بىر ئادەم بۇنىڭدا پىتنە يوق دەپ
ئويلىشى مۇمكىن، ئەمما شەيتان ئۇنى ئازدۇرغانغا قەدەر بوشىشىپ قالمايدۇ. پەيغەمبەر
سەللاللاھ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەججالنىڭ چىققانلىقىنى ئاڭلىغان كىشىلەرنى ئۇنىڭدىن
قېچىشقا بۇيرۇغان ۋە «بىر كىشى ئۇنىڭغا (دەججالغا) مۇئمىن ھالىتىدە يېقىنلىشىشى
مۇمكىن، ئەمما دەججال ئۇنى پىتنىگە سېلىپ دىندىن چىقىرىدۇ» دېگەن.
قىز –
يىگىتلەر ئارىسىدىكى ئالاقە ناھايىتى چوڭ پىتنە ۋە خەتەرگە سەۋەب بولىدۇ، شۇڭا سوئال
سورىغۇچى بۇنداق ئالاقىلىشىشنى «ئەخلاقسىزلىق، مۇھەببەتلىشىشتىن خالىي» دەپ
ئاقلىغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭدىن قەتئىي ساقلىنىشى كېرەك.
مۇھەممەد مۇسنەد
توپلىغان «فتاوى المرأة» (ئاياللار ھەققىدە
پەتىۋالار)نىڭ 96 - بېتىدىن ئېلىندى.
شەكسىزكى،
توردىكى پاراڭلىشىشلارنىڭ ھەممىسى ناچار قىلمىش بولسىمۇ، ئەمما پاراڭلىشىش ئۆيى
(تور چايخانىسى)دە پاراڭلىشىش ئېلېكتىرونلۇق خەت ساندۇقى ئارقىلىق ئالاقىلىشىشتىن
تېخىمۇ ئېغىر گۇناھتۇر.
ئاللاھ ئەڭ
ياخشى بىلگۈچىدۇر.
2. ئسىلام سوئال - جاۋابلىرى تورىدىكى 12608- نومۇرلۇق پەتىۋا
سوئال: مەن
توي قىلغان، ئىككى بالىسى بار بىر ئايال. مەن بەزىدە توردا سۆزلىشىش دېتالى
ئىشلىتىمەن. شۇ خىل دېتاللارنى ئىشلىتىپ بىر ئەر بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا، مەندە ئۇنىڭغا قارىتا ھېسسىيات
مايىللىقى بولدى، ھەتتا بۇ خىل ھېسسىيات شۇ دەرىجىگە يەتتىكى، مەن ئۆزۈمنىڭ
رەسىمىنى ئېلېكتىرونلۇق خەت ساندۇقى ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئەۋەتىپ بەردىم. ئەمما،
ھازىر بۇ ئىشىمدىن تولىمۇ ئۆكۈنىۋاتىمەن ۋە قىلغانلىرىمغا بەكلا نومۇس
قىلىۋاتىمەن. سىزگە شۇنىمۇ ئېيتىشنى لايىق كۆردۈمكى، مەن زىنھار
ئەخلاقسىز قىلمىشلارنى قىلمىدىم ۋە (پاراڭلىشىش جەريانىدا) ھېچقانداق سەت گەپلەرنىمۇ ئىشلىتىپ باقمىدىم.
مېنىڭ قىلغانلىرىم ھاراممۇ؟ مەن شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ رەھمان تەئالادىن مەغفىرەت
تىلەپ كېلىۋاتىمەن. مۇشۇ مەسىلىدە ماڭا ياردەم قىلىشىڭىزنى ئۆتۈنىمەن.
جاۋاب:
بارچە ھەمدۇ سانا ئاللاھقا خاستۇر.
ئالدى
بىلەن، شۇنىسى شەكسىزكى، بۇ خىل پاراڭلىشىشلار سىز بىلەن ئاشۇ ئەر ئارىسىدا يۈز
بەرگەنگە ئوخشاش يامانلىققا، پىتنىگە سەۋەب بولىدىغان بولسا، ھارامدۇر.
ھارامغا ئاپىرىدىغان ھەرقانداق نەرسە ھارام. بۇ ھەقتە 6453 – نومۇرلۇق پەتىۋاغا
قاراڭ.
ئىككىنچىدىن،
سىز ئاشۇ ھارام ئىشنى قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈن ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭ ۋە ئاللاھتىن
مەغفىرەت تىلەڭ. سىز بۇ ئىشىڭىزغا دەرھال پۇشايمان قىلىشىڭىز ۋە شۇ خىل تور قاناللىرىدا
نامەھرەملەر بىلەن سۆزلىشىشنى دەرھال توختىتىشىڭىز؛ ئاللاھتىن بۇ خاتالىقىڭىزنى
دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە يېپىشىنى تىلىشىڭىز كېرەك.
بىز سىزگە دىنىي
ئىلىم ئۆگىنىش، ئېرىڭىزنىڭ ۋە بالىلىرىڭىزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش دېگەندەك دۇنيا ـ
ئاخىرەتلىكىڭىز ئۈچۈن پايدىلىق ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇشنى تەۋسىيە قىلىمىز.
شەكسىزكى، بۇ ئىشلارنى (ئىخلاس بىلەن) قىلسىڭىز ئاللاھ سىزنى مۇكاپاتلايدۇ.
شۇنداقلا، سىز يەنە ۋاقتىڭىزنىڭ لەغۋى ئىشلار بىلەن بىھۇدە ئىسراپ بولۇپ
كەتمەسلىكى ئۈچۈن، سالىھ ئەمەللەرنى كۆپلەپ قىلىشىڭىز، سالىھە ئاياللار بىلەن تونۇشۇپ
ئارىلىشىپ ئۆتۈشىڭىز كېرەك. ئاللاھتىن ھىدايەت ۋە قۇۋۋەت تىلەيمىز.
پەتىۋا
بەرگۈچى ئالىم ـــ مۇھەممەد سالىھ مۇنەججىد.
بۇ ھەقتە يەنىمۇ تەپسىلىي چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇلانمىنى زىيارەت قىلىڭ:
http://menhej.blogspot.com/2017/08/blog-post_9.html
*ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.