مۇراسىملاردا چاۋاك چېلىشنىڭ ھۆكمى
ئىككى ھەرەمنىڭ
ئۇستازى، ئەللامە شەيخ بىن باز رەھىمەھۇللاھنىڭ پەتىۋالار توپلىمى 4 – جىلىد 151 –
بەتتىن «ئۇيغۇر ئىسلام بىلوگى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.
*ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.
سوئال: ئەرلەرنىڭ
ھەرخىل سورۇن ۋە مۇراسىملاردا چاۋاك چېلىشىنىڭ ھۆكمى نېمە؟
جاۋاب:
مۇراسىملاردا چاۋاك چېلىش جاھىلىيەت قىلىقلىرىدىندۇر. چاۋاك چېلىش ئەڭ تۆۋەن
بولغاندا مەكرۇھ، دەلىللەر ئاساسىدىكى ئەڭ كۈچلۈك قاراشقا كۆرە ھارامدۇر. چۈنكى
مۇسۇلمانلار كاپىرلارغا ئوخشىۋېلىشتىن چەكلەنگەن. ھالبۇكى، ئاللاھ سۇبھانە
ۋەتەئالا مەككە كۇففارلىرىنى سۈپەتلەپ مۇنداق دېگەن: {وَمَا
كَانَ صَلَاتُهُمْ عِندَ الْبَيْتِ إِلَّا مُكَاءً وَتَصْدِيَةً} «ئۇلارنىڭ
مەسجىدى ھەرەم يېنىدىكى ئىبادىتى پەقەت ئىسقارتىش ۋە چاۋاك چېلىشلا بولدى» [سۈرە
ئەنفال 35 - ئايەت]
ئۆلىمالار ئايەتتىكى «المكاء»نى ئىسقارتىش، «التصدية» چاۋاك چېلىش دەپ تەپسىرلىگەن. مۇئمىن ئەگەر ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ياكى يامان كۆرىدىغان ئىشنى
كۆرسە - ئاڭلىسا، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن نۇرغۇن ھەدىسلەردە
سابىت بولغىنىدەك، «سۇبھانەللاھ» ياكى «ئاللاھۇ ئەكبەر» دېيىشى سۈننەتتۇر.
ھالبۇكى، نامازدا بىرەر ئىش يۈز بەرسە ياكى ئەرلەر جامائىتى بىلەن ناماز
ئوقۇغاندا ئىمامدا بىرەر سەۋەنلىك كۆرۈلسە، ئاياللارنىڭ چاۋاك چېلىشى رۇخسەت. بۇ
خىل ئەھۋالدا، ئاياللار چاۋاك چېلىپ ئىمامنى ئاگاھلاندۇرسا بولىدۇ. ئەمما ئەرلەر پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىدە كۆرسىتىلگىنىدەك، (ئاياللارغا ئوخشاش
چاۋاك چالماي) ئىمامنى «سۇبھانەللاھ» دەپ ئاگاھلاندۇرىدۇ.
دېمەك، ئەرلەرنىڭ چاۋاك چېلىشى كاپىرلارغا ۋە ئاياللارغا ئوخشىۋالغانلىقتۇر. بۇ
ئىككىلىسى (يەنى مۇسۇلماننىڭ كاپىرغا، ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا ئوخشىۋېلىشى) چەكلىنىدۇ.
ئاللاھ تەۋپىق ئىگىسىدۇر.
*ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.