سۈرە ئىسرادىكى «رەببىم! ماڭا دەرگاھىڭدىن (ھەققە) ياردەم بېرىدىغان دەلىل ئاتا قىلغىن» دېگەن ئايەتنىڭ تەپسىرى

*ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.
«ئۇيغۇر ئىسلام بىلوگى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.

ئۇلۇغ رەببىمىز ئاللاھ تائالا سۈرە ئىسرادا شۇنداق دەيدۇ:{وَقُل رَّبِّ.... وَاجْعَل لِّي مِن لَّدُنكَ سُلْطَانًا نَّصِيرًا
مەنىسى: ئى رەببىم! ماڭا دەرگاھىڭدىن (ھەققە) ياردەم بېرىدىغان دەلىل ئاتا قىلغىن!
[17 - سۈرە (سۈرە ئىسرا) 80 - ئايەت]

تەپسىر: بۇ ئايەتتىكى «ماڭا دەرگاھىڭدىن (ھەققە) ياردەم بېرىدىغان دەلىل ئاتا قىلغىن» دېگەن دۇئانىڭ مەنىسى «ئى رەببىم! ماڭا قىلىدىغان ۋە قىلمايدىغان ھەربىر ئىشىم ھەققىدە ئوپئوچۇق، كەسكىن دەلىل ئاتا قىلغىن!» دېگەنلىك بولۇپ، ھەربىر ئىشىدا ئاللاھ تەرىپىدىن بولغان روشەن دەلىلگە تايىنىش ئاللاھ بەندىلىرىگە بەرگەن ئەڭ كاتتا نېمەتتۇر. بۇنداق نېمەتكە ئېرىشكەن ئىنساننىڭ پۈتۈن ئەھۋالى ياخشىلىقتىنلا ئىبارەت بولۇپ، قىلغان ھەربىر ئىشى ئۇنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدۇ. ئۇنىڭ ھەربىر ئىشقا قارىتا (شەرئىي) دەلىلى بولىدۇ. بۇ دەلىللەر پايدىلىق ئىلىمنى، سالىھ ئەمەللەرنى، پۈتۈن مەسىلىلەرنى ۋە بۇلارغا دائىر دەلىللەرنى بىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مەنبە ــ «تەپسىر سەئىدى» تۈركچە «غۇرابا» نەشرىياتى نەشرى 3 - باسما 3 - جىلىد 108 - بەت

*ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟